ئەنگلىيەلىك مەشھۇر ئارخېئولوگ ئاۋرېل ستەيىننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخىرىقى سەپىرى
2023.11.28
دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە سۆزلىگىنىمىزدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ چوڭ يېڭىلىقلاردىن بىرى ئۇيغۇر دىيارىدا نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئۇخلاپ ياتقان مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ بايقىلىشىدۇر، دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن سىبىرىيە، ھىندىستان، مىسسوپوتامىيە ۋە ئاناتولىيەدە تەلەي سىناپ يۈرگەن ئارخېئولوگلار، ئىنسانشۇناسلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ يەردىكى يېڭىلىققا دائىر تۇنجى خەۋەرنى ئاڭلاپلا ئالدىراپ-تېنەپ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ۋە تەكلىماكاننىڭ ئالتۇن قۇملۇقلىرى ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن.
ئەسلى ۋېنگىرىيەلىك يەھۇدىيلاردىن بولغان ئاۋرېل ستەيىن (Aurel Stein) بىلەن شىۋېتسىيەلىك سۋېن ھېدىن (Sven Hedin) ئەنە شۇ ئارخېئولوگ ۋە تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆز كەسپىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەنمۇ شۇ زاماننىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىللىرىدىن سانىلىدىغان بۇ ئىككى زاتنى رۇسىيەلىك، گېرمانىيەلىك ۋە فىرانسىيەلىك كەسىپداشلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى ئىلمىي تەتقىقات سەپەرلىرى جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرىدۇر.
پۈتۈن دۇنيانى ساراسىمىگە سالغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئىنسانلار يەنىلا شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغان. ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش سەپەرلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تۈگۈل، بۇ توغرىلىق ئويلىنىشقىمۇ ئىمكانىيەت بولماي يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ ھارغىن يىللار ئىچىدە يۈز بەرگەن يەنە بىر يېڭىلىق شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ چىڭ يېپىشىشى بولغان. خىتاي زىيالىيلىرىنى يېنىغا ئالغان خىتاي مىللەتچىلىرى پەقەت خىتاي ئىچىدە چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق پائالىيەتنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشلارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللىغۇچىسى رۇسىيەدىن تۇغۇلغان كوممۇنىستىك سوۋېت بولشېۋىك ھۆكۈمىتىنىمۇ خېلى ۋاقىتقىچە يېقىن يولاتمىغان.
1924-يىلىدىن كېيىن بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستا ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىغان. كېيىنكى 10 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىغا چەت ئەللىكلەرنى يېقىن يولاتمىغان ياڭ زېڭشىننىڭ «يەرلىك پادىشاھ» بولۇۋېلىش سىياسىتىمۇ ئازراق بوشىغان. ئۇ 1925-يىلىدىن باشلاپ رۇسىيە بىلەنمۇ ئاستا ئاستا ئېلىم-بېرىم قىلىشقا باشلىغان. بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلىنىش دەۋرى دەپ قارىغان ئاۋرېل ستەيىن شۇ يىلىلا 4-قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىنى باشلىۋەتمەكچى بولغان. لېكىن، بۇ سەپىرىگە مەبلەغ ھەل قىلالمىغان.
-1927يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بىر تۆمۈريول ياسىماقچى بولغان چاغدا، بۇ ئىشنى تېخنىكا ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تاماملاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدىغان، بولۇپمۇ ئۆلچەش ۋە پىلانلاش ئىشلىرىنى ياخشى بىلىدىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلغان. خېلىدىن بېرى خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقان سۋېن ھېدىن 1924-يىلى بىر قېتىملىق سەپىرىدە خىتاينىڭ بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) شەھىرىدە توختاپ تىڭتىڭلاپمۇ باققان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۈمىدسىز قايتقان سۋېن ھېدىن ئەمدىلىكتە تېزدىن تەييارلىقلىرىنى باشلىغان. ئەمما بۇ قېتىم ئىشنى تېخىمۇ زامانىۋى ۋە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارماقچى بولغان. گېرمانىيەنىڭ لۇفتخانسا (Lufthansa) ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئەمما بارلىق ئىشلار شىۋېتسىيە نامىدا بولىدىغان بولغان.
بۇ ۋاقىتتا 1925-يىلى تەشكىللەنگەن «فوگ» (Fogg) نامىدىكى ئۇيغۇر دىيارى ئېكسپېدىتسىيەسىنىڭ 2-قېتىملىق سەپىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى تۈپەيلىدىن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ پەيت كەلدى، دەپ بىلگەن ۋە يېڭى بىر سەپەر تەييارلىقىنى باشلىغان. بۇ قىيىن خىزمەتكە تەجرىبىلىك بىر يولباشچى ئىزدەۋاتقان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دەرھال ئاۋرېل ستەيىن بىلەن ئالاقىلەشكەن.
بۇ ۋاقىت ئاۋرېل ستەيىن بىر چوڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش سەپىرىگە كېرەكلىك مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك ئىقتىساد مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەي راسا بېشى قېتىپ تۇرغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. ئىككى تەرەپ كېلىشىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىڭ سەپىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان، بۇنىڭ ھېسابىغا ستەيىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەككىز قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدە دوكلات بېرىدىغان، شۇنىڭدەك تېپىلغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنىمۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاپشۇرىدىغان بولغان. ستەيىننىڭ بۇ ۋاقىتتا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ئەنگلىيە «بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيى» مۇ بۇ ئىلمىي تەكشۈرۈش سەپىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغان.
ئاۋرېل ستەيىن دەرھال ئىش باشلاپ، ئالدى بىلەن خىتاي پايتەختى نەنجىڭگە بارغان. ئاندىن ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكلىرىنىڭ ياردەمى بىلەن گومىنداڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇر دىيارى ۋە گەنسۇ ئۈچۈن پاسپورت ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ بېرىپ، بۇرۇنقى سەپەرلىرى ئاساسىدا دەسلەپكى ئۈچ قېتىملىق دوكلاتىنى بەرگەن.
ھالبۇكى، ئۇنى كۈتۈلمىگەن بىر قىيىنچىلىق ساقلاپ تۇراتتى. ئۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت ئۇنىڭ دەسلەپكى ئۈچ قېتىملىق سەپەر ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان ۋاقىتلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ يولغا چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە نەنجىڭلەرگە يېتىپ بېرىشى بىلەنلا خىتاي مىللەتچىلىرى ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت باشلىۋەتكەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 14-ماددىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا چەت ئەللىكلەرنىڭ خىتايدا ئۆز ئالدىغا قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشى ۋە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى ئېلىپ كېتىشى چەكلىنىدىغانلىقى بۇيرۇلغان.
خىتاينىڭ ئاتالمىش ئارخېئولوگى خۇاڭ ۋېنبى شۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدە بولۇپ، «شىنجاڭ پادىشاھى» جىن شۇرىندىن ئاۋرېل ستەيىننىڭ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. شۇنىڭ بىلەن خۇاڭ ۋېنبى بېيجىڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى خىتاي زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى ئەۋجىگە چىقارغان. ئەمما بۇ قارشىلىقلار ئاۋرېل ستەيىننى توسالمىغان. 1930-يىلى 9-ئايدا ئۇ دەسلەپ ھىندىستانغا كېلىپ، ئارقىدىن كەشمىر ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگەن. بۇ ۋاقىتتا خىتاي چوڭ گېزىتلىرى ئارقا ئارقىدىن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىشىپ، ئۇنى «ئوغرى» دەپ راسا ئەيىبلەۋاتاتتى. ستەيىن 1931-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 30 يىل بۇرۇن 1-قېتىملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى باشلىغان يېرى نىيە قەدىمىي شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، پەقەت بىر ھەپتىلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالىغان. ئۇ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جىن شۇرىن ئارقىلىق ئەۋەتكەن 2- قېتىملىق تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كۆزى قىيمىغان ھالدا نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ تېلېگراممىدا ستەيىننىڭ يول خېتىنىڭ ئەتكەس قىلىنغانلىقى يېزىلىپ، ئۇنىڭ قازغان ئاسارە-ئەتقىلىرىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشى ۋە دەرھال چېگرادىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئۇ ھەمراھلىرىنى باشلاپ، چاقىلىق ئارقىلىق كورلىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن غەربكە قاراپ مېڭىپ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەرگە يېتىپ بارغان. گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئاۋرېل ستەيىننىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي سەپىرى ھەققىدىكى ئارخىپلاردىن خەۋەردار بولۇشىمىزچە، بۇ ئارىدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىچىلىق قىلىپ، بۇ قېتىمقى قىدىرىپ تەكشۈرۈش سەپىرىگە ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سالغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يازغان خېتىمۇ جاۋابسىز قالغان. نەنجىڭدىن تارقالغان يەنە بىر گېزىت خەۋىرىدىن ئاۋرېل ستەيىننىڭ بارلىق ساياھەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات سەپەرلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغانلىقىنى ئوقۇيمىز.
ئاۋرېل ستەيىن قەشقەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن يىغقان ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇملىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلىپ، ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىغا قالدۇرۇپ قويغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئارخىپ بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان شۇ ۋاقىتقا مەنسۇپ تىزىملىككە ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاز ساندىكى، ئەمما تولىمۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم.
ئەپسۇسكى، ھازىرغىچە بۇ بۇيۇملارنىڭ نەدە ساقلىنىۋاتقانلىقى ياكى يوقىتىۋېتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئاۋرېل ستەيىن 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە قەشقەردە تۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتىشنى كۈتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەردىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا رويتېرس ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىر خەۋەردىن ئۇنىڭ ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن، ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە قېزىلما بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى تولۇقى بىلەن قەشقەردە قالدۇرۇپ قويغانلىقى، ھېچ نەرسىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭمىغانلىقى ھەققىدە يەنە بىر پارچە ئىسپات يېزىپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەردار بولىمىز. شۇنداق قىلىپ ئاۋرېل ستەيىننىڭ جەمئىي 326 كۈن داۋاملاشقان 4-قېتىملىق ئىلمىي قىدىرىپ تەكشۈرۈش سەپىرى ئاخىرلاشقان.
دەسلەپكى ئۈچ قېتىملىق تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىدىن كېيىن 70 ياشقا يېقىنلاشقان جاسارەتلىك ئارخېئولوگنىڭ 4-قېتىملىق سەپىرى گەرچە ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك نەتىجىلىك بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەپەر جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە يازغان خاتىرىسى ۋە باشقا ماتېرىياللار شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە دەسلەپكى سەپىرىدىن كېيىنكى 30 يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللار كۈنىمىزدە ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بودلېيان كۇتۇپخانىسى ۋە بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيى ئارخىپىدا ساقلانماقتا.
بۇ ھەقتىكى بايانلار تەبىئىي يوسۇندا ئوقۇرمەنلەرگە بىر قاتار سوئاللارنى تاشلايدۇ: ئەينى ۋاقىتتا چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىلمىي تەتقىقات سەپەرلىرى نېمە ئۈچۈن بۇرۇنقىنىڭ ئەكسىچە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاپ قالغان؟ خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى شۇنچە قاتتىق قامال قىلغان؟
شۇ يىللاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ خىتايدىكى تەتقىقات ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئۇلارنى تەتقىق قىلىش نىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى، ئاۋرېل ستەيىن قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان بىرەر بەتلىك قىسقا ماقالە بولسىمۇ يېزىلغان بولاتتى. شۈبھىسىزكى، مەيلى خىتاي زىيالىيلىرى بولسۇن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ئاۋرېل ستەيىنگە ئوخشاش ئارخېئولوگلار ۋە باشقا تەۋەككۈلچىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىپ كەتكەن ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىدا نەقەدەر مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلىپ قېلىشقانىدى. بۇنداق مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ ھەر بىرى خىتاينىڭ بۇ زېمىنغا نىسبەتەن يات بىر مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان تەڭداشسىز ئىسپات ئىدى. بۇنداق دەلىللەرنىڭ كۆپىيىشى ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇراتتى. ئۇلار بۇ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئەتىۋارلايدىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن لايىقىدا بېرىلىدىغان بىر نەرسە بولسىلا كىمنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىشى بىلەن چاتىقى يوق ئىدى. بۇ تەھلىلىمىزنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي ئاساسلىرى توغرىسىدا كېيىنكى ئوبزورىمىزدا مەخسۇس توختىلىمىز.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.