يېقىندا ئاۋسترالىيىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىنىستىتۇتىدا ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە بىر ئىلمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم تېما بولغان. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى ئىدىيىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى شۇنداقلا ئاۋسترالىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئاۋسترالىيىنىڭ كانبېررا شەھىرىدە ئاۋسترالىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلاردىنمۇ پروفېسسور، تەتقىقاتچىلار تەكلىپ قىلىنىپ ئېچىلغان ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق مەسىلىسىگە ئائىت بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. «ئاۋسترالىيە مالىيە ئوبزورى» ناملىق گېزىتتە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە بۇ بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولسىمۇ، ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇ يىغىنغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلغان، ھەتتا يىغىننىڭ مەزمۇنى بىرمۇ - بىر خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىغا دوكلات قىلىنغان. يىغىن ئاساسلىق خىتاينىڭ غەربىي رايونىدىكى تېررورلۇق مەسىلىسى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن. مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگان بولغان ئاۋسترالىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىنستىتۇتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى شۇنداقلا مەزكۇر يىغىننىڭ رىياسەتچىسى مايكىل كلارك ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدىكى گېزىتكە ئېيتىپ بېرىشىچە، كانبېررادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي يىغىندىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى «خىتاينىڭ غەربىدە ھەقىقەتەن بىر تېررورلۇق مەسىلىسى مەۋجۇت» دېگەن سۆزگە مەركەزلەشكەن. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى مۇشۇنداق بىر مۇھىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررورلۇق دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىشىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر ئىشلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ يىغىن بۇندىن كېيىن ئاۋسترالىيىنىڭ تېررور مەسىلىسدە خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغانلىقىنىڭ شەپىسى بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئىدى.
ئۇنداقتا، بۈگۈنگىچە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن ئىدى؟ دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى ئاۋسترالىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كىشىلىك ھوقۇق نوقتىىسدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىك خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر تېمىغا ئايلاندى. جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي شېركەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە دۆلەت مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان سېكتورلارغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىشىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئامىللار بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئازراق بولسىمۇ يۇمشىتىش ياكى دىققەت بۇراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئاۋسترالىيە - خىتاي ئارىسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە باھا بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاۋسترالىيىنى چۈشىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
دەرۋەقە، رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى توم خېنسون ئاۋسترالىيىنىڭ ئا ب س قانىلىغا قىلغان سۆزىدە، ئاۋسترالىيە چوقۇم ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىرىنى تاللىشى، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىتا چوقۇم قاتتىقراق پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك، دېگەن. ئۇ سۆزىدە «مەنچە ئاۋسترالىيلىكلەر قارار بېرىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ شېرىكلىكى بىلەن خىتاينىڭ سودا جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مېڭىپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش بەكمۇ قېيىن. شۇڭا ئاۋسترالىيە ئۆزى ئۈچۈن قايسىسىنىڭ بەكرەك مۇھىملىقىنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك» دېگەن. دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى مۇشۇنداق بىر نازۇك شارائىتتا، ئەگەر ئاۋسترالىيە خىتاي ئارزۇ قىلغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىنى قىسمەن ھالدا تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك، دەپ مۇئامىلە قىلىپ قالسا بۇنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئاۋسترالىيە مالىيە ئوبزورى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئاۋسترالىيە ۋە خىتاينىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ تېررور تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپىيىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنىنى ئاقلاش ئۈچۈن قوللىنىلدى، دەپ يېزىلغان. ئۇنىڭدا يەنە مايكىل كلاركنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئاۋسترالىيىنىڭ سۈرىيىدىكى تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەقتە ئىلگىرى سۈرگەنلىرىگىمۇ دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
0:00 / 0:00