«ئاي توقاچ» قا باغلانغان ئەپسانە ۋە خىتايچىلاشتۇرۇلغان تائام مەدەنىيىتى

0:00 / 0:00

ھەر يىلى كۈز پەسلىدە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بىرى بولغان «تاۋۇز چاغىنى» نىڭ ئالدى-كەينىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاۋۇز چاغىنىنى قۇتلاشقا تەشكىللەش تەشۋىقاتلىرى ئەۋج ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بايرامنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى» ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى بەرپا قىلىش» قاتارلىق سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ يېيىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئورنىغا خىتاي كىملىكىنى دەسسىتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.

خىتايلارنىڭ مىللىي بايرىمى بولغان تاۋۇز چاغىنى قەمەرىيە كالېندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مىللىتىنىڭ ئايغا چوقۇنۇش ئەقىدىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بۇ بايرام، دەسلەپكى دەۋرلەردە كىلاسسىك شېئىرلارنى ئوقۇش، مەي ئىچىش ۋە ئاي تاماشىسى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلىنەتتىكەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئاندىن بايرامدا «يۆبىڭ» يەنى ئۇيغۇرچە «ئاي توقاچ» دەپ ئاتىلىدىغان تاتلىق-تۇرۇم يېيىش ئادىتى بارلىققا كەلگەن ئىكەن ۋە قانۇنلۇق بايرام قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن. شۇڭا خىتاي مەدەنىيىتىدە ئاي توقاچ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىدىكەن.

خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە بۇ كۈنى كىشىلەر ئائىلە بويىچە جەم بولۇپ، ئاي چىققان ۋاقتىدا تولۇن ئاي شولىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاي توقاچ ۋە تاۋۇز قاتارلىقلارنى يېگەچ، ئاي ئىلاھىدىن بەخت ۋە تىنچ-ئامانلىق تىلەيدىكەن. ئاي توقاچنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تاۋۇز چاغىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە خىتاي تارىخىدا ئىلگىرى كۆپ خىل ئەپسانە ۋە ھېكايىلەر مەۋجۇت بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا بۇ خىل ئەپسانىلەرگە يەنە «يېڭى ئەپسانىلەر» قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر يۇرتلىرى بىردىنلا بۇ ئەپسانىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.

خىتاينىڭ «سوخۇ» ۋە «بەيجياخاۋ» قاتارلىق چوڭ تور بەتلىرى، تۈرلۈك تاراتقۇ سالونلار ۋە بىر قىسىم چەت ئەلدىكى تىۋىتتېر قاتارلىق سۇپىلاردا ئېلان قىلىنغان «ئاي توقاچنىڭ كېلىپ چىقىشى» غا ئائىت يازمىلاردا «ئاي توقاچ شىنجاڭدىن تارالغان» دەيدىغان سەپسەتە ھەممە يەرنى قاپلىغان ۋە بۇ خىل ئىزاھاتلارنىڭ تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«ئاي توقاچ» نىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا ئائىت بىرقانچە تۈرلۈك ئەپسانە-رىۋايەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، «ئاي توقاچ» نىڭ ئاساسەن غەربىي رايوندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىر ئەپسانىگە كۆرە، ئاي توقاچ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «خۇبىڭ» دېگەن سۆز بىلەن ئاتالغان، كېيىنچە «يۆبىڭ» دەپ ئاتىلىپ خىتاي مىللىتىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمى- «تاۋۇز چاغىنى» بولۇپ شەكىللەنگەن.

يەنە بىر ئەپسانىگە كۆرە، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چيەن غەربىي رايونغا ئەلچىلىككە بېرىپ، ئۇ جايدىن كۈنجۈت ۋە ياڭاق قاتارلىق يەل-يېمىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن، كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقى ياڭاق مېغىزى سېلىنغان «خۇبىڭ» دەپ ئاتالغان يېمەكلىكنى ئىجاد قىلغان. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، تاڭ سۇلالىسى ئىمپېراتورلىرىدىن تاڭ شۈەنزوڭ ۋە خانىش ياڭ گۈيفېي بىرلىكتە ئاي سەيلىسى قىلغاچ «خۇبىڭ» يېگەن ئىكەن. ياڭ گۈيفېي بۇ ئىسىمنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى، ئۇنى «ئاي توقاچ» دەپ چىرايلىق نام بىلەن ئاتاشنى تەۋسىيە قىپتۇ، بۇ ئىسىم تاڭ پادىشاھىغىمۇ ئىنتايىن ياراپ كېتىپتۇ ۋە شۇندىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە، ئاي تولغان كۈنى بۇ خىل يېمەكلىكنى يېيىش ۋە ئاي توقاچ دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان ئىكەن.

ئۈچىنچى خىل ئەپسانىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي قوشۇنلىرى ھونلار بىلەن بولغان جەڭدە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ گاۋزۇ بۇ غەلىبىنى تەبرىكلەپ چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دەل بۇ ۋاقىتتا تۇرپاندىن كەلگەن بىر نەپەر سودىگەر ئۆز يۇرتىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان بىر تۈرلۈك تاتلىق-تۈرۈمنى تاڭ پادىشاھىغا سوۋغا قىلغان. پادىشاھ يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان بۇ خىل يېمەكلىكنى كۆرۈپ ئاسماندىكى ئايغا ئوخشاتقان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ خىل يېمەكلىكنى «ئاي توقاچ دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان ئىكەن.

خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچىسى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت بايرىمى تاۋۇز چاغىنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 29-سېنتەبىر، خوتەن
خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچىسى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت بايرىمى تاۋۇز چاغىنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 29-سېنتەبىر، خوتەن (www.ts.cn)

خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيغۇرلاردا تارىختىن بۇيان ئاي توقاچ يېيىش ئادىتى بار ئىدى» دېگەن.

بۇ سەپسەتىسىنى «تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان 1400 يىل بۇرۇنقى ئاي توقاچ» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن سۈرەت بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. ئاستانىدىكى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان تاشقا ئايلانغان بۇ يېمەكلىك ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى مۇزېي خىزمەتچىسى مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاي توقاچ بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان. سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئاي توقاچلارنىڭ شەكلىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ، دىيامېتىرى ئالتە يېرىم سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئاي توقاچنىڭ يۈزىدە قەدىمكى ئىران ئۇسلۇبىدىكى مونچاق نەقىشلەر ۋە بۇددا دىنىدىكى نېلۇپەر نەقىشلىرىدىن ئۆزگەرگەن خىتايچە گۈل نەقىشلىرى بار. ئۇ يەنە بۇ ئاي توقاچنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاي توقاچ ياساش ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە غەربنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇزېي خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل نەپىس تېخنىكىنىڭ يىپەك يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربىي رايونغا تارقىلىشى مۇقەررەر بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تۇرپان رايونىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلانغان ئاي توقاچنىڭ ئىستېمال قىلىنىشى، غەربىي رايوننىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا غەربىي رايون بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قويۇق سىياسىي ۋە تىجارەت مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.

تۇرپان شەھىرىدىكى ئاستانا قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان

تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان 1400 يىللىق پىرەنىك

تاۋۇز چاغىنىدا ئاي توقاچ يېيىش ئەنئەنىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدىكى توقۇلما ھېكايىلەر، بولۇپمۇ ئاي توقاچنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىلالماس ئوزۇقلۇقى سانىلىدىغان- «نان» غا باغلاپ چۈشەندۈرۈش تولىمۇ كۈلكىلىك ۋە ئەخمىقانە بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشەنمەيدىغان ئەپسانىلەرنى ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بىر ئىش. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەپسانىلەر ھېچقانداق تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنمىغان ياكى ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار ئاساس قىلىنمىغان. ئەگەر ئاي توقاچ، مىڭ يىللارچە تارىخقا ۋە ئەنئەنىگە ئىگە بولغان بولسا، نېمە ئۈچۈن شۇ خىل مەدەنىيەت شەكىللەنگەن ۋە ئومۇملاشقان رايونلاردىن ئاي توقاچنىڭ بىرەر بۇردىسىمۇ تېپىلماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ماكانلىرىدىن بىرى بولغان تۇرپان تەۋەسىدىن بايقىلىپ قالىدۇ؟ ئەگەر خىتايلار ئېيتقىنىدەك، ئاي توقاچ تارىختا ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان بىر يېمەكلىك بولسا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تائاملىرى كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن بولاتتى ياكى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.

ئىلگىرى چەت ئەللىك ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنلاردىن تېپىلغان يېمەك-ئىچمەك ئەۋرىشكىلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدەنگەن ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئارخېئولوگ ئىسراپىل يۈسۈپنىڭ «غەربىي يۇرت يېمەك-ئىچمەك تارىخى» ناملىق كىتابىدا 1972-1973-يىللىرى ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان، خىتايلار تەرىپىدىن «مىڭ يىللىق ئاي توقاچ» دەپ ئاتىۋالغان يېمەكلىك ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلىپ، «بۇ بىر تۈرلۈك بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان پېچىنە-پىرەنىك» دەپ ئىزاھلانغان. بۇ كىتابتا يەنە ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان باشقا پېچىنە-پىرەنىكلەر ھەققىدىمۇ سۈرەت ۋە چۈشەنچىلەر بېرىلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، قەدىمىي ئاي توقاچنىڭ پۈتۈنلۈكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئىچىگە قانداق قىيمىلارنىڭ سېلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئاي توقاچ بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىگە چوقۇم قىيما سېلىنىشى كېرەك. قىيمىلىق ئاي توقاچ ياكى قىيمىسىز پىرەنىك ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا «مىڭ يىللىق ئاي توقاچ» دەپ نام بېرىش ئىلمىيلىقتىن يىراق بىر قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ يۈزىدىكى نەقىشلەرگە قارىتا تەھلىل يۈرگۈزسەك، ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيىن ئاستانىدىن تېپىلغان بىر قىسىم مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى كۈچلۈكتەك كۆرۈنسىمۇ، ھالبۇكى بۇ خىل مەدەنىيەت قەدىمكى ئىران مەدەنىيىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىچكى ئاسىيا مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان مەدەنىيەت تىپىغا تەۋە دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەتلەر قەدىمكى ئىران مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن باشقا يەنە ھىندى ۋە گىرېك مەدەنىيىتىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ قارىلىدۇ.

خىتايلار پەش قىلىۋاتقان «مونچاق شەكىللىك» نەقىشنى ئالىدىغان بولساق، بۇ خىل نەقىش تارىم ۋادىسىدىن ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يارماق قاتارلىق بۇيۇملاردا قوللىنىلغان. ئارخېئولوگ فولك بېرىگمان مونچاق نەقىشنىڭ تىپىك گاندارا، يەنى قەندىھار ئۇسلۇبى سەنئىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇ نۇقتىنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، قەندىھار مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزى يۇنان مەدەنىيەت-سەنئەت ئامىللىرى بىلەن بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ئۇسلۇبتىكى مەدەنىيەتتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا سىڭىشىش جەريانىدا مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سەنئەت، پەلسەپە ۋە تەبىئەت ئىلىملىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن دەپ ئېيتالايمىز.

يەنە بىر نۇسخا نېلۇپەر گۈلى نۇسخىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى دەۋرىگە خاس مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى قاتارلىق نۇرغۇن يادىكارلىقلىرىدا بۇ خىل نېلۇپەر گۈلى تەسۋىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بېزەكچىلىك سەنئىتىدىمۇ بۇ نۇسخا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە نېلۇپەر گۈلى نۇسخىسىنىڭ بولۇپمۇ كاھىش سەنئىتىدە كۆپ قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىر نۇسخا ئوخشىمىغان دەۋر ۋە مۇھىتتا ئوخشىمىغان سىمۋوللۇق مەنىلەرگە ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا خىتايلارنىڭ نېلۇپەر نۇسخىسىنى پەقەتلا خىتاي كىملىكىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشى خىتاي مەركەزچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە خىتايلارغا نىسبەتەن «مىڭ يىللىق ئاي توقاچ» نېمە ئۈچۈن بۇنچە قىممەتلىك بولۇپ قالدى؟ بۇنچە كۆپ ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە مەۋجۇت بولمىغان «ئاي توقاچ» نى خىتاي تارىخىي مەدەنىيىتىگە باغلاشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ جىنايەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى خارابلاشتۇرۇش، جۈملىدىن ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى ئۇنى خىتاينىڭ قىلىۋېلىش ھۇجۇملىرى مەۋجۇت.

قارايدىغان بولساق، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىم مۇراسىم ياكى يىغىلىشلىرىدا خىتاي تاماق مەدەنىيىتىگە ئائىت بولغان قورۇما قاتارلىق بىر قىسىم تاماق تۈرلىرى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تاماقلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ۋە بارغانسېرى ئومۇملىشىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان سۇپا ياكى گىلەم ئۈستىدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش ياكى سورۇن تۈزۈپ مەشرەپ قىلىش ئادەتلىرىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭلىق بىلەن، ئۇيغۇرچە غىزالىنىش يوسۇنلىرى، داستىخان ئەدەپ-قائىدىلىرى بارغانچە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، خىتايلار بىلەن بولغان پەرق بارغانچە ئازىيىپ بارماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ئەھۋالنى ئوخشىمىغان كىملىكلەر ئارىسىدىكى «يۇمشاق چېگرا» دەپ ئاتايدۇ. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلار بىلەن خىتايدىن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى «يۇمشاق چېگرا» نى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى پەقەتلا خىتايچە كىملىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنماقتا.

يىغىپ ئېيتقاندا «ئاي توقاچ» ئەپسانىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي تامغىسى ئۇرۇش غەرىزىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىشتىن تارتىپ يەپ-ئىچىشكىچە بولغان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش، ئاخىرىدا پۈتكۈل مىللەتنى بوي سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، خالاس.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.