ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى گىگانت سەنئەتكار ئايتۇرغان ھەسەنوۋا
2020.03.04
جۇدالىق ۋە ۋەتەنسىزلىك دەردلىرىنى ئۆزنىڭ ئۆلمەس كۈيلىرىگە مۇجەسسەملىگەن مەرھۇم سەنئەت پېشۋاسى ئايتۇرغان ھەسەنوۋانىڭ ھايات ھېكايىلىرى، تىللاردا داستان بولغۇدەك نەتىجىلىرى ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى پىداكار ۋە قەيسەر بىر ئايال، قىسقىسى بىر گۈزەل قەلب ئىگىسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.
ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق ناخشىچى مەرھۇم ئايتۇرغان خانىمنىڭ ھاياتىنى ئۆزىنىڭ «ئارتىس» ناملىق رومانىدىكى باش قەھرىمان قەمبەرخان ئارقىلىق يورۇتقانلىقىنى بايان قىلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك تىياتىرنىڭ رېژىسسورى سۇمبات غىنىيروۋا «ئايتۇرغان ھەدىنىڭ ناخشىلىرىدىكى تۇيغۇنى، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى چۈشىنىش كېرەك، ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان مۇھەببىتى دائىملا ئۈستۈن كېلەتتى،» دەپ سۆزىنى باشلىدى.
سۇمبات خانىم ھېكايە قىلغاندەك، نە تۇرمۇشنىڭ مۈشكۈلاتلىرى، نە مۇھەببەتتىكى جۇدالىق، نە ئائىلىۋى ئوڭۇشسىزلىق، نە ئۆز يۈرەك پارىلىرىدىن بىمەھەل ئايرىشتىن ئىبارەت ھەسرەت-نادامەتلەر ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ناخشا مۇزىكىسىنىڭ مەستانىسى بولمىش ئايتۇرغان ھەدىنى ناخشا ئېيتىشتىن ھېچ زامان توسۇپ قالالمىغان.
تېخى يېقىنغىچە مەرھۇمنىڭ ناخشا ئورۇندىغاندىكى تېتىك، لاتاپەتلىك قىياپەتلىرىدىن ئۇنىڭ 80 دىن ھالقىغان بىر پېشقەدەم سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش تەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان پىغانلىق يۈرەك ساداسىنى ھېس قىلماق ئانچە قېيىن ئەمەس ئىدى.
دەرۋەقە، ئايتۇرغان ھاسانوۋا ئۆمۈر بويى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەم، سۆيگۈ-نەپرەت ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئىزھار قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئۇنىڭ كۈيلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئانا ۋەتىنىنىڭ گۈزەل تاغ دەريالىرى، مېھىرلىك تۇپرىقىنىڭ خۇش ھېدى دىماغلارغا ئۇرۇلىدۇ.
سۇمبات خانىم ئايتۇرغاننىڭ ناخشىلىرىدىكى گۈزەللىك ئۇنىڭ مۇھەببىتى، ھاياتى، ئىرادىسى، ساداقىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇنتۇلماس ناخشىلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تۆلىگەن بەدەللىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۈچۈن گىگانت بىر ئوبرازنى يارىتىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئايتۇرغان خانىم ھەققىدە ئوتتۇر ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئىنكاسلىرىدا دېيىلىشىچە، ئۇ غۇلجا شەھىرىنىڭ «ئۈچ دەرۋازا» مەھەللىسىدە ناھايىتى باي ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئۇ كىچىك چاغلىرىدىلا ئالاھىدە تالانتى ۋە بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن سەھنىلەردە تونۇلۇشقا باشلىغان. 1947-يىلى غۇلجىدا قويۇلغان چوڭ بىر كونسېرتتا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى سەھنىگە چىقىپ «ھەممىمىز مانا ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن ئايتۇرغاننىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدۇق. كېلەچىكى پارلاق بۇ قىز ئەلۋەتتە ئۇيغۇر سەھنىسىنىڭ بۇلبۇلى بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ئىكەن.
ئالمۇتا ۋە بىشكەكلەردە كەينى-كەينىدىن ئۇنىڭغا بېغىشلانغان داغدۇغىلىق مەرىكىلەردە ماھىر ناخشىچى ئايتۇرغان سەنئەتنىڭ گۈزەل ئەلچىسى سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن ئىدى.
ئايتۇرغان خانىمنىڭ ھاياتىنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا ئىشىكىنى ئاچقان ھەمدە ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ئۇنىڭ بىلەن سىرداش بولۇپ ئۆتكەن بىشكەكتىكى ئەختەرەم ئەخمەتوۋا خانىم ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.
ئايتۇرغان ھاسانىۋا خانىم گەرچە ھاياتىدا مەخسۇس ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش ئىمكانلىرىغا ئىگە بولالمىغان بولسىمۇ، شاگىرت يېتىشتۈرۈشتە ئۆزىنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى ئايىمىغان.
2001-يىلى داڭلىق تەمبۈر شاھى نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قانغا بويالغان ناخىل» ناملىق خاس مۇزىكا كېچىلىكىدە تالانتلىق ياش ناخشىچى سەنەۋەر تۇرسۇن ئايتۇرغان خانىمنىڭ «ناۋا قىلدىم» ناملىق ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.
سەنەۋەر تېخى سەھنىدىن چۈشمەي تۇرۇپ مۆھتەرەم بىر خادىمنى «ئۇستازىم» دەپ سەھنىگە تەكلىپ قىلغان. بۇ خانىم سەھنىگە چىقىپ يىللاردىن كېيىن ۋەتىنىنىڭ سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى ئىزباسارلارنىڭ ئېيتقانلىقىدىن ئالەمچە ئىپتىخارلانغانلىقىنى بايان قىلغاندا خەلق ھاياجان ئىلىكىدە گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭراتقان.
بۇ مۆھتەرەم ئۇستاز دەل ئايتۇرغان ھەسەنوۋا خانىم بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا ۋەتەن زىيارىتى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە بۇ كېچىلىككە داخىل بولغان ئىكەن.
ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئايتۇرغان ھاسانوۋا ۋەتەنسىز ھاياتىدا ھېچقاچان راھەت-پاراغەتتە ياشىمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. خۇددى ئايتۇرغان ھەدە «سېغىندىڭمۇ» دېگەن ناخشىدا ئېيتقاندەك:
«ياخشىلاردىن ياخشىلىق مىراس بولۇپ قالۇر،
تالاشسىمۇ يامانلارنىڭ يالىسى قالۇر،
دانالارنىڭ دانا سۆزى ئىزناسى قالۇر،
ئىجادكارنىڭ ئىجادى ناخشىسى قالۇر.»