ئالماتادا تونۇلغان رەسسام ئازاد ھاكىمبەكنىڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

2 - دېكابىردا ئالماتادا ئەبىلخان قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيىدا قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، كونا ئاسارە - ئەتىقىلەرنى توپلىغۇچى، ئاتاقلىق رەسسام ئازاد ھاكىمبەكنىڭ «ئۇيغۇر ماددىي سەنئىتىنىڭ توپلىمى» ماۋزۇسىدا نۆۋەتتىكى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. كۆرگەزمىنى ئاچقان مەملىكەتنىڭ كۆرنەكلىك رەسسامى نۇرازخان ئېركىن مېھمانلارنى ئا. ھاكىمبەكنىڭ ئىجادىيىتى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەر ۋە بۇيۇملارنىڭ مەزمۇن ۋە تارىخى بىلەن تونۇشتۇردى. سۆزگە چىققان مەزكۇر مۇزېي مۇدىرىنىڭ ئىلمىي ئىشلار بويىچە ئورۇنباسارى ئېفرات مامبېتوف، مۇزېي يېنىدىكى «قازاقىستان تەسۋىرىي سەنئىتى» ئىلمىي مەركىزىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى كامىللا لى، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف، قازاقىستاننىڭ سابىق سېناتورى مارس باتتالوف ۋە باشقىلار ئا. ھاكىمبەكنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن سۆز ئالغان ئا. ھاكىمبەك ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، كەلگۈچىلەرگە ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

ئا. ھاكىمبەك رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ توپلامنى يىققىنىمغا توپ - توغرا 45 يىل بوپتۇ. 1971 - يىلى باشلىغان. مانا بۈگۈنكى كۆرگەزمە 35 - كۆرگەزمە. ئۇنىڭ ئىچىدە قازاق قول ھۆنىرىمۇ بار. مانا تۈنۈگۈن ئاستانىدا بىزنىڭ پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستاننىڭ تارىخىدا بىرىنچى قېتىم ھەربىي مۇزېينى ئاچتى. ئۇنى مۇداپىئە مىنىستىرى تاسماغامبېتوف ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە تەييار بولدى. شۇ تاسماغامبېتوفنىڭ ئىلتىماسى بىلەن 80 دانە قورال - ياراقلارنى مەن ئەنە شۇ مۇزېيغا ۋاقىتلىق بەردىم. ئۇنىڭ ئىچىدە كونا خەنجەرلەر، قىلىچلار، تاپانچىلار، مىلتىقلار بار. مېنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرىم شۇ يەردە قويۇلدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى قولۇمدا ئۇلۇق قازاق رەسسامى ئەبىلخان قاستېيېفنىڭ سۈرەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز، سوۋېتنىڭ ئاتاقلىق رەسساملىرىنىڭ سۈرەتلىرىمۇ بار. قوليازما توپلىمىمدا 9 - ، 12 - ، 20 - ئەسىرلەرگە ئائىت كونا قوليازمىلار بار. ئۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر، تۈركىستان، بۇخارا، سەمەرقەنت، يەكەن شەھەرلىرىدە يېزىلغان قوليازمىلارمۇ بار.»

ئا. ھاكىمبەكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ توپلىمى قازاقىستاندىن تاشقىرى يەنە ئازەربەيجان، ياپونىيە، فىرانسىيە، ۋېنگرىيە، قىرغىزىستان ئوخشاش مەملىكەتلەردىمۇ نامايىش قىلىنغان. ئا. ھاكىمبەكنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى، مەسىلەن، پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوفنىڭ تەكىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ماددىي سەنئىتىنى باشقىمۇ خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ئا. ھاكىمبەكنىڭ توپلىمىغا كىرگەن ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئازاد ھاكىمبەكنىڭ بۇ توپلىمىنىڭ 7 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرگىچە دەپ يېزىلغانلىقى مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. كۆرگەزمىدە ئادەمنى بىردىن جەلب قىلىدىغان نەرسە، يوغان ئىككى زالغا ئۇنىڭ يىققان توپلىمى سىغماي تۇرۇپتۇ. بۇ يەردە گىلەم، لاخشىگىر، كىيىم - كېچەك، ھەر تۈرلۈك رەسىملەر، قەدىمىي دەۋىرگە تەئەللۇق لايدىن ياسالغان ھەيكەللەر بار. بۇ يەردە ئېتىبار بېرىدىغان نەرسە، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تەۋەسىدە ئازاد ھاكىمبەكتەك مەدەنىي مىراسلارنى يىققان ئادەم يوق. چېگرىنىڭ ئۇ يېقىدا، ئانا يېرىمىزدىمۇ ئا. ھاكىمبەكتەك توپلام يىغىۋاتقان ئادەمنى بار، دەپ مەن ئاڭلىمىغان. دېمەك، ئازاد بىر مەملىكەتنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى ئۆز بوينىغا ئېلىپ قىلدى، دېسەم ئارتۇقچىلىق كەتمەيدۇ. بىز ئۇنىڭغا دايىم رەھمەت ئېيتىپ، شۇنىڭ قەدرىنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك.»

ئا. سامساقوفنىڭ بۇ پىكرىنى قوللىغان قازاقىستانلىق رەسسام، يازغۇچى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھاكىمجان گۇلىيېفمۇ ئا. ھاكىمبەكتەك مۇنداق ئۇيغۇر مەدەنىي ئاسارە - ئەتىقىلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئېكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە بولۇپمۇ گىلەملەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇيۇملار قويۇلغان. رەسسام سۈپىتىدە كۆزۈمگە چېلىققىنى گىلەملەر. كۆرگەزمىگە 40 تىن ئوشۇق گىلەملەر قويۇلغان. بىز بىلىمىز، گىلەم توقۇش ساھەسىدە ئۇيغۇرلار، ئاساسەن، خوتەن تەۋەسىدە ناھايىتى چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتكەن. خوتەن گىلەملىرى دۇنيا يۈزىدە ناھايىتى ياخشى باھا ئالدى. شۇنداقلا ياغاچچىلىق سەنئىتى، تۆمۈر بىلەن بېزەش ئۇسۇللىرى، كۇلالچىلىق، مۇزىكىلىق ئەسۋاپلار، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەنگەن ئەسۋاپلار، قەدىمىي ئۆي جابدۇقلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ يەردە ئا. ھاكىمبەكنىڭ ئەمگىكى ناھايىتى زور. ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ بارلىق خىراجىتىنى كۆرگەزمىگە سەرپ قىلغان توپلىغۇچى. ئۇنىڭ مەقسىتى بىزنىڭ يۇقىرى پەللىدىكى مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن ئا. ھاكىمبەككە بىز ئۇيغۇرلار، پەقەت ئاپىرىن، رەھمەت دېيىشىمىز كېرەك.»