«بالىلار كەلگۈسىمىز» دېگەن بۇ سۆز دۇنياغا ئورتاق شوئار. بالىلارنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ باش مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى. ھەتتا خىتايمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىگەن. خىتاينىڭ بالىلار ئۈچۈن بۇ كۈننى بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىشنىڭ تارىخىغا كەلسەك، 1949-يىلى نويابىردا، خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا كېڭەش يىغىنى ئاچقان، خىتاي ۋە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان. شۇندىن كېيىن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقىسىم سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر 1-ئىيۇننى بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتتى. بۇ بايرام ئەمەلىيەتتە ھەر ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ ياشاش، ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ ۋە بېقىش ھوقۇقىنى قوغداش، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ھەم زەھەرلىنىشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بايرام ئىدى.
گەرچە ئىنسان ھەقلىرى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان خىتاي دۆلىتىدە ھېچقاچان بالىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ باقمىغان بولسىمۇ، بۈگۈن خىتايدا 72-نۆۋەتلىك «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە.
جۈملىدىن، بىرقانچە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەت ۋەكىللىرى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولىنىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق » سادىر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا بالىلار بايرىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇلار ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تەشكىللەنگەن ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
«تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى باش بولۇپ رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، «شىنجاڭدىكى مۇھەببەت - بالىلار قەلبى يىغىلىشنى قارشى ئالىدۇ» تېمىسىدا «6-ئاينىڭ 1-كۈنى» نى تەبرىكلىگەن. خەۋەر ۋاسىتىلىرىدە «1-ئىيۇندىكى مۇھەببەت» بىلدۈرۈش پائالىيىتى بىلەن بىرلىكتە:« بىز ھەر مىللەت بالىلىرىغا بايراملىق بەخت تىلەيمىز، بالىلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ساغلام، خۇشال ۋە ئەھمىيەتلىك بايرامنى بىللە ئۆتكۈزىمىز» دېگەندەك تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1 -ئىيۇن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 500 خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتلەر ئاساسەن خىتاينىڭ« شىنجاڭ تارىخى»نى ئۆگىنىش، كوممۇنىستىك ئىدىيەنى تەرغىب قىلىش، خىتاي مەدەنىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مۇزېيىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «1-ئىيۇننى تەبرىكلەش» ۋە «بالىلار ئارزۇسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا كىتابلارنى ئاڭلاش ۋە ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ خىتاي تارىخىدىكى«ئالىم ليۇيى»« زوڭزى» نىڭ ھېكايىلىرىنى كومپيۇتېر تېخنىكىلىرى ئارقىلىق تەسۋىرىي شەكىلدە كۆرسەتكەن. خەۋەردە بۇلار: « بالىلارغا جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋە كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش» دېيىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يۈز كلاسسىك ئەسىرى» قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىنىڭ كۆرگەزمىسى توردا تارقىتىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بايراملىق تۇرمۇشى بېيىتىلغان.
ھەتتا خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىمۇ بالىلارغا ئاتالغان بۇ بايرامدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى بۈگۈن، 1-ئىيۇن كۈنى:« دۇنيادىكى بالىلارنىڭ خەلقئارا بالىلار بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەيمىز»دېگەن تېمىدا بىر رەسىملىك ئېلېكترونلۇق ئاتكىرېتكىنى تىۋىتتېرغا چاپلىشى بىلەن، ئائىلىسى پارچىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىدىغان سۈرەت ۋە ئىنكاسلارنى ياغدۇرۇۋەتكەن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بالىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىنكاس سۈپىتىدە چاپلاپ «قېنى بۇ بالىلار؟» دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتقان. خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلار ئىچىدە ھەتتا ئون نەچچە نەپەر بالا ۋە ئۆسمۈرنىڭمۇ بارلىقى سۈرەتلىرى بىلەن پاش بولغان يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش دولقۇنى داۋاملىق كۈچەيمەكتە.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى خادىمى مايا ۋاڭ خانىم، بۈگۈنكىدەك بالىلارنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدىغان ئەڭ مۇۋاپىق بىر كۈندە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:« ئۇيغۇر بالىلىرى بۈگۈن ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭقۇر تەھدىتلەر ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ۋە يېقىنلىرى لاگېرلارغا ۋە ياكى تۈرمىلەرگە قامالغان، يوق قىلىۋېتىلگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان، سۆيگۈ ۋە مېھر ئالىدىغان چوڭلاردىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ئۇلار ياتاقلىق مەكتەپلەردە ۋە ياكى يېتىمخانىلاردا ياشاشقا مەجبۇر، بۇ جايلاردا بولسا ئۇلار ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلەشتىن چەكلەنگەن. بۇ ۋەزىيەتتە بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشى ئىنتايىن قىيىن. بۇ بىر بالا ياكى بىر قانچە بالا ئەمەس، پۈتۈن بىر ئەۋلاد بويىچە ئېغىر روھىي زەربە ۋە ئىزتىراپقا مۇپتىلا قىلىنغان. ئۇلار ئومۇمىيي جەھەتتىن بىر مىللەت ۋە جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تىل، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتلاردىن يۇلۇپ تاشلانغان. ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى بىزنى چوڭقۇر ئەندىشىلەندۈرىدۇ».
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا، ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئائىلىلەر مەجبۇرىي پارچىلىنىپ، بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ بالىلار لاگېرلىرى، يېتىمخانىلارغا جايلاشتۇرۇلغان ھەتتا تۈرمىلەرگە قامالغان مۇشۇنداق پاجىئەلىك پەيتتە، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن خىتاي بېكىتىپ بەرگەن ئاتالمىش « خەلقئارا بالىلار بايرىمى» نى بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەشنىڭ ئەھمىيىتى قالدىمۇ؟ دەپ سوئال قويۇشماقتا.
ھامىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « پىلاندىن سىرت» دەپ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 5 نارەسىدە بالىسىنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق -تۇغقانلىرىغا ئامانەتكە قويۇپ تۈركىيەگە كەلگەن، توپ -توغرا 6 يىلدىن بۇيان بالىلىرىدىن قايتا خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقان قەلبىنۇر خانىم ئۈچۈن، 1- ئىيۇن،5 بالىسىنى ئەڭ سېغىنىدىغان ۋە يۈرىكى ئەڭ ئېزىلىدىغان بىر كۈن بولۇپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ ۋەيرانچىلىقىدا ئائىلىسى پارچىلانغان ۋە يۇرتىغا قايتالمىغان قەلبىنۇر خانىم، تۈركىيەدە تۇرۇپ 2018- يىلى خىتاينىڭ بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدىن تارالغان بالىلار لاگېرىدىكى بالىلارنىڭ ۋىدىيوسىدىن، خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقان بىر قىزىنىڭ سېيماسىنى تونۇپ قالغانىدى. شۇندىن بۇيان ئۇ بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ كەلمەكتە ۋە تۈركىيەدىكى ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئانىلار بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمەكتە.
ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئانىلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ بارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىگە:« بالىلارغا بايرام ئۆتكۈزۈش بىلەنلا بەختلىك قىلغىلى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلار ئۈچۈن ئانىسىنىڭ يېنىدا ئويغىنىشنىڭ ئۆزى بايرام» دەپ خىتاب قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ھەر تەرەپلىك زىيانكەشلىكلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئازابلاۋاتقان زور قايغۇ. خىتاينىڭ يەنىلا شەكىلۋازلىق بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەتتا بالىلار بايرىمىدىن ئىبارەت بىر كۈندىنمۇ پايدىلىنىپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرىي ئۇسۇل ئوينىتىپ، ناخشا ئېيتقۇزۇپ ئۇلارنىڭ خۇشال بايرام ئۆتكۈزۈۋاتقان، بەختلىك قىياپەتتىكى كۆرۈنۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ غەزەپ ۋە ئەندىشىگە سالماقتا.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داۋام قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا مۇلاھىزىلىرىدىن مەلۇمكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار رادىيومىزدا ئۆتكەن ئايدا ئاڭلىتىلغان تارىخ ۋە بۈگۈن پروگراممىسى ئارقىلىق، ئىككىنچى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى تەرىپىدىن 5- ماي كۈنىنىڭ بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىلىپ، تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىم 1949- يىلى 5- مايدا داغدۇغىلىق تەبرىكلەنگەنلىكىدەك تارىخنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا زور ئىنكاس قوزغالغانىدى. بۇ ئىنكاسلاردا بۇ بايرامنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشەببۇسلىرى زور سالماقنى ئىگىلىگەن.
1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلۇپ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە 12-نويابىر ئىنقىلابى كۈنى، يەنى دۆلەت بايرىمى، 8-ئاپرېل ئارمىيە بايرىمى شۇنىڭدەك 5-ماي بالىلار بايرىمى قاتارلىقلار رەسمىي شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بۇ بايراملارنى بىكار قىلىۋەتكەن، جۈملىدىن يۇقىرىقىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بالىلار بايرىمىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنىدى.
ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ فەيىرفاكس شەھىرىدىكى «مېھرىبان ئانا»- «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى سۈرىيە ئابلىمىت خانىم، ئۆزىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بېكىتكەن 5- ماي بالىلار بايرىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەرەپدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مەكتىپىدە تۇنجى5-ماي ئۇيغۇر بالىلار بايرىمىنى بىرلىكتە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەنىكەن. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بېكىتىپ بەرگەن بايراملارنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى، 5- ماي بالىلار بايرىمىنى ھەقىقىي تۈردە خاتىرىلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا مۇستەقىللىق روھى، ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە مىللىي كىملىكىنى خاتىرىلىتىش ھەم ئۆگىتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.