خىتاي نېمە ئۈچۈن بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكنى «بېيتىڭ» نامىدا قوللىنىدۇ؟
2025.03.10

يېقىنقى يىللاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر بىر تارىخىي باسقۇچلىرىنى خىتايغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
دەرۋەقە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارى جىمىسار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىدە ھازىرغا قەدەر جەمئىي 110 خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بەس-بەستە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىشى بۇنىڭ بىر جۈملىسىندۇر. «خىتاي خەۋەر تورى»، «شىنخۇا تورى» قاتارلىقلارنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر خارابىلىكتىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن 110 خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاتالمىش «بېيتىڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى مۇزېيى» دا ۋە «رەقەملىك» تور سۇپىسىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىكى قوجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يازلىق پايتەختى، شۇنداقلا مۇھىم سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ غەربىي رايونلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشىغا شاھىت بولغانلىقىنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئارخېئولوگىيەگە دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشىنىڭ ماھىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەپ شەرھلەپ، ئۇنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىشنىڭ تارىخىي ئاساسىي قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە ئۇنى كۆرگەزمە قىلىشىغا ئۇلارنىڭ سىياسىي غەرەزلىرى يوشۇرۇنغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، رايوندىكى بارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنىڭ ئەينى دەۋردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ غەربىي رايونلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشىغا شاھىت بولغانلىقىنى تەكىتلىشىنىڭ ئىلمىي تارىخى ئاساسىي يوقلۇقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ پارچىسى» دەپ تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كىملىكىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇ قارىشىنى ئارخېئولوگىيەگە دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن ئىسپاتلاشقىمۇ ئۇرۇنماقتا.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور قاھار باراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكى تارىختىكى قوجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك دەۋرلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ قەدىمىي خارابىلىك ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.
دوكتور قاھار بارات يەنە، «بەشبالىق» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2022-يىلى ئىيۇلدا تارىختىكى قۇجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ مۇھىم سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان، ھازىرقى جىمىسار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىنىڭ ئورنىدا، خىتاي دائىرىلىرى تاڭ سۇلالىسىگە دائىر «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى مۇزېيى» نى قۇرغانىدى. دەرۋەقە بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن جەمئىي 110 خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەنە شۇ مۇزېيدا ۋە مۇزېينىڭ تور سۇپىسىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە نۆۋەتتە بىر قاتار «بېيتىڭ قەدىمكى شەھەر رايونىنى قوغداش نىزامى» تۈزۈپ چىقىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە «بېيتىڭ قەدىمىي شەھەر ئورنىنى قوغداش ئومۇمىي پىلانى» ۋە «بېيتىڭ قەدىمكى شەھەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇش قۇرۇلۇش پىلانى» نى تۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، «بەشبالىق» ئاتالغۇسىنىڭ پۈتۈنلەي «بېيتىڭ» دەپ قوللىنىلىشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولماقتا.
دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئەينى دەۋرە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ۋاقىتلىق قۇرغان «بېيتىڭ تۇتۇق مەھكىمىسى» نىڭ نۆۋەتتە خىتاي تەرىپىدىن بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىگە باغلىنىشىنىڭ تارىخىي پاكىت جەھەتتىن توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تارىختىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ غەربىي رايونلارنى باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىدەك ئاڭ-چۈشەنچىنى تەرغىب قىلىشتۇر.
دەرۋەقە نۆۋەتتە، كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان ئارخېئولوگىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي ساھەنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «دۆلەت مەنپەئەتى» ئۈچۈن بۇرمىلاپ شەرھلىشى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىنى ئۆزىنىڭ «سىياسىي تەشۋىقاتى» ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.