رۇسىيەدە خىتاينىڭ بايقال كۆلى ئەتراپىدا زاۋۇت قۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى
2019.03.28

يېقىندىن بۇيان رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە رۇسىيەدىكى شەرقىي سىبىرنىڭ جەنۇب قىسمىغا ئورۇنلاشقان بايقال كۆلى مەسىلىسى ئەتراپىدا باشلانغان بەس-مۇنازىرە دىققەت قوزغىدى. ئۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان قولتۇق يېزىسىدا خىتاي مەبلىغى بىلەن زاۋۇت سېلىش پىلانى سەۋەب بولۇپ، بۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ھەر خىل شەكىلدە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. ھەر خىل مەلۇماتلار بويىچە ئۇلارغا قاتناشقانلار سانى 100 دىن 3000 غىچە بولغان. بۇ زاۋۇت چېگرىداش خىتاي رايونلىرىنى بايقال كۆلىنىڭ سۈيى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىنى كۆزلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدا باشقىمۇ مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
24-مارتتا «ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان «ئىركۇتسكىدا بايقالنى قوغداش يۈزىسىدىن نامايىش-كونسېرت بولۇپ ئۆتتى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۈنى ئىركۇتسكىدا «پاكىز بايقال ئۈچۈن» تېمىسىدا نامايىش بولۇپ، ئۇنىڭغا 1000 غىچە ئادەم قاتناشقان. نامايىشچىلار بايقالغا بېغىشلانغان شېئىرلارنى، ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئۇسسۇللار ئوينىغان. ئۇنىڭدا زاۋۇت مەسىلىسىدىن تاشقىرى يەنە بايقال كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسى، يەنى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورمانلارنىڭ يوقىتىلىشى، تۇرۇشلۇق جايلاردا تازىلاش ئىنشائاتلىرىنىڭ يوقلۇقى، كېمىلەردىن تۆكۈلگەن ماددىلاردىن سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر كۆتۈرۈلگەن. بۇ ئەھۋاللارنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئىمزا توپلىغان.
ماقالىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مۇنداق نامايىشلار رۇسىيەنىڭ موسكۋا، سانكىت-پېتېربۇرگ، قازان، تومسك، ئومسك، سامارا قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكەن.
«ئارىگۇس» تېلېرادىو بىرلەشمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇرياتىيە پايتەختى ئۇلان-ئۇدې شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن نامايىشقا 100 ئوشۇق ئادەم قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تونۇلغان ئېكولوگلار، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بولغان. نامايىشچىلار خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە، تەبىئەت تازىلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنداق خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئورمانلارنىڭ كېسىپ تاشلىنىشى، خىتايلارنىڭ ساياھەت باھانىسىدە كۆپلەپ، بۇ دۆلەتكە كېلىشىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن.
موسكۋا شەھىرىدە ياشاۋاتقان تونۇلغان رۇسىيەلىك ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى رۇستەم جېلىل رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، موسكۋادا بۇ ھەقتە بىرەر نامايىشنىڭ ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپمىغان بولسىمۇ، ئەمما بايقال مەسىلىسىنى يېتەرلىك بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ رۇسىيەدىكى سىبىرىيە ئىشلىرىغا باغلىق ئارىلاشقانلىقى بۇنىڭغىچىمۇ مەلۇم ئىدى. مەسىلەن، چۇۋاشىيەدە خىتايلارغا يەر بۆلۈنۈپ بېرىلگەندە يەرلىك ئاھالە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى بولغان. ئەمدى بايقال مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ يەردە تۇرۇبا ئارقىلىق سۇنى خىتايغا توشۇش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇنىڭغا باغلىق نامايىشلار موسكۋاغا ئوخشاش باشقا چەت شەھەرلەرگە قارىغاندا، ئىركۇتسك قاتارلىق بايكال ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە چوڭ بولدى، ئەلۋەتتە. خىتايلارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىۋاتقانلىقى رۇسىيەدىمۇ، ياۋروپادىمۇ مەلۇم. ھەقىقەتەنمۇ خىتايلار كۆپ ساندا خىزمەت نامى ۋە ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ رۇسىيەگە ساياھەت بىلەن كېلىۋاتقانلارنىڭ 80 پىرسەنتىنى خىتايلار تەشكىل قىلىدۇ. مەسىلەن، موسكۋادىن سانكت-پېتېربۇگقا ماڭىدىغان پويېزلاردىكى يولۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى مەن كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمەن.»
رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پايتەختى قازان شەھىرىدىكى جەمىيەتلىك-سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى، بايقال كۆلىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش بويىچە ئۆتكەن ھەرىكەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى مارىنا شويېتوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «باشتىنلا بۇنى ئومۇمىي نامايىش ياكى يالغۇز كىشىلىك نامايىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈش قاراشتۇرۇلغان ئىدى. ئەمما ئىككىنچى ئۇيۇشتۇرغۇچى بولغان يەنە بىر كىشى قابىل فوتوگراف ئالېكسېي جاركوف بىلەن بىللە بايقالنى قوللاش فېستىۋالىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئېكولوگىيە پائالىيەتچىسى كىرا كامالوۋا سۆزگە چىقىپ، بايقال مەسىلىسى، شۇ جۈملىدىن خىتاي سېلىۋاتقان زاۋۇت ئارقىلىق سۇنى خىتايغا توشۇش ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن بىز پرېزىدېنتىمىز نامىغا ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردۇق ۋە 120 ئەتراپىدا ئىمزا توپلىدۇق. شۇنداقلا بالىلار ئارىسىدا مۇشۇ ماۋزۇغا ماھارەت مەكتىپى مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇردۇق. بىز بۇ پائالىيەتتە پەقەت زاۋۇت توغرىلىق ئەمەس، بەلكى ئومۇمەن بايقال مەسىلىسىنى ئاھالىگە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن يېڭىدىن مۇستەقىل مەملىكەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلارغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىكى قوشنىسى بولغان خىتاي چوڭ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇ بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي لايىھەسى ۋە باشقىمۇ يۆنىلىشلەردە چېگرىداش رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىي، ھەربىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتتى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى شۇنچىلىك كۈچەيگەنكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەتتا بۇ مەملىكەتلەرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشى، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ سېلىنىشى، يەرلەرنى ئىجارىگە ئېلىش ياكى سېتىۋېلىشى ئوخشاش قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىداش رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي لايىھەلەر باھانىسى بىلەن رۇسىيەگە تەۋە يەرلەرنى سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىدىن تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 15-مارتتا «نوۋوستى» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ۋلادىمىر سمىرنوفنىڭ «غەزەپ دولقۇنى: نېمىشقا رۇسىيەلىكلەر خىتاي لايىھەلىرىگە قارشى؟» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەلىكلەر خىتاينىڭ پەقەت بايقال رايونىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي رۇسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي باستۇرۇپ كىرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەنە خىتايلار ھەر خىل ۋەدىلەرنى بېرىپ، يەرلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇ ۋەدىلىرىدە تۇرمايۋاتقانلىقى، شۇنداقلا تۇرۇشلۇق جايلارنى بۇلغاپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ بۇنىڭدىن سەسكىنىۋاتقانلىقى ئوخشاش ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتىكەن.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «رۇسىيەلىكلەر خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ ئېلىنى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە خام ئەشيا بىلەن تەمىنلىنىش بازىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن نارازى، ھەم خىتاي ھازىرقى رۇسىيەنىڭ ئېغىر ئەھۋالىدىن بېيىشنى خالايدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ».
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي كارخانىچىلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئېقىپ كىرىۋاتقان رايونلارنىڭ يەنە بىرى چۇۋاشىيە بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا «شېب مېدىيا» تور بېتىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي سۈت زاۋۇتى چۇۋاشىيەدە: ئاھالىلەر قارشى، لېكىن بۇ نېمىنى ئۆزگەرتىدۇ؟» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ كۈنى موسكاكاسى دېگەن يېزىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىگە كەلگەن يېزا ئاھالىلىرى بۇ زاۋۇتنىڭ سېلىنىشىغا ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ يەردە 20 مىڭ گېكتار يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى مال قورۇسىنى سېلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇنى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىپ بولغان.