BBC دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھاكىمىدىن خاتىرىلەر (2)
2018.08.27

ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بولغان «بىرىتانىيە رادىيو شىركىتى» قارمىقىدىكى «قىيىن سۆھبەتلەر» پروگراممىسى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى. سۆھبەت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا خەلقىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېرىۋاتقان مەلۇماتلىرىدىكى چىنلىق مەسىلىسى بىر مۇھىم تېما بولدى.
شۇ قاتاردا رىياسەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»دىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى «بارچە چاتاقنى تېرىۋاتقان ئاشۇ ئۇيغۇرلار» دەۋاتقانلىقىنى، بۇ جايدا ھېچقانداق لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە بۇ يېڭى مۇئەسسەلەرنىڭ تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەش مەكتىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كىشىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجابىي ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (ئاۋاز1)
نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، مۇنداق دېدى:
«بۇ خەۋەرلەر پۈتۈنلەي ئۇچىغا چىققان يالغان مەلۇماتلاردۇر. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق يالغانلارنى توقۇشقا موھتاج، چۈنكى بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغان كونا چارىلىرى. ئەمما پۈتكۈل ئاھالىنىڭ ئون پىرسەنتىدىن ئارتۇقراقىنى قاماش ئارقىلىقمۇ بۇنى ھەرگىزمۇ يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. قايتا تەربىيەلەش دېگەن گەپنىڭ ئۆزىدىمۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەر مەۋجۇت: ئۇنىڭدا بىر مىللەت ئاتېئىزىمچى ياكى دىنسىز بىر قوۋمغا ئايلىنىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئەمما گېزىت يۈزىدىكى ھەممىسى پۈتۈنلەي يالغان تەشۋىقات خەۋەرلىرى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغاننى ئۈچ قېتىم تەكرارلىشى بىلەن بۇ ساختىلىق ھەقىقەتكە ئايلىنىپ قالىدىغان ئىش يوق.»
شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى شاۋن لېي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى نەقىل كەلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ «بىر قىسىم كىشىلەر دىنىي ئەسەبىيلىككە ئالدانغان» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنىڭدەك ئۆتكەن مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلگەن ھەمدە زور ساندىكى ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولغان ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەتىگەنلىك ئوتياش بازىرىغا ماشىنىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، يەكەندىكى ساقچىخانىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، بۈگۈر بازىرىدىكى خىتاي دۇكاندارلارغا ھۇجۇم قىلىش زورلۇق ھەرىكەتلىرى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا يۈز بەرگەنلىكىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا «زورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن كېلىۋاتقان زورلۇق ئەمەسلىكى»نى تەكىتلىدى.
نۇرى تۇركەل بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭلىق بىلەن شائىرلارنى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورلىرىنى، ئالىملارنى، سازەندىلەرنى ياكى تەنھەرىكەتچىلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىۋالغانلىقىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتەلمەيدۇ» دېيىشىگە رىياسەتچى 1970-يىللىرى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋالنىڭ ئەنگلىيەدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇ ۋاقىتتا ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئىستەۋاتقان شىمالىي ئىرېلاندىيەلىكلەرنىڭ «زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈن» مۇشۇنداق تەقىب سىياسىتى قوللىنىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. نۇرى تۇركەل بۇنىڭغا قارىتا جاۋاب بېرىپ: «بىز تارىختىن ساۋاق ئېلىشمىز لازىم. بۇنداق ئىشلارنى ئامېرىكىمۇ قىلغان. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرا ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر مۇشۇنداق ئۇستىلىق بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى ئالداپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى. رىياسەتچى بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنىڭمۇ مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم ئۆيلىرىدىن سىرتلارغا چىقالايدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. نۇرى تۇركەل بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ يالغانلىرىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن سورۇن تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ بىر قۇرۇق نەزەرىيە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىرىنى مۇشۇنداق تەسۋىرلىمەكتە. مەن بۇ گەپلەرگە ئىشەنمەيمەن، ئەلۋەتتە. چۈنكى خىتايلار ھازىر تولۇق نازارەت دۆلىتى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر بۇنىڭغا قارشى چىققان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى يىغىۋېلىش لاگېرىدا كۆرىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا ئۇلار مۇشۇ قاباھەتلىك چارىلەرنىڭ بىرى بولغان ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشتى. بۇنىڭدا مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان ساقال-بۇرۇت قويۇش، ھالال يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش، بالىلىرىغا دىنىي ئىسىملارنى قويۇش دېگەنلەر قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ يوسۇندا ھازىر بىز سۆزلىشىۋاتقان قاباھەتلەرگە ئۇستىلىق بىلەن يول ئېچىۋاتىدۇ.»
ئەمما رىياسەتچى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە ھازىرلىق كۆرۈۋاتىدۇ، دەپ ئىشىنىدىغانلىقى، «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نامىدىكى سىياسىي پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى زورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئۈندەۋاتقانلىقى، بۇ پارتىيەنى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاللىقاچان «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ بېكىتىپ بولغانلىقىنى تەكىتلەپ بۇ پاكىتلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرى تۇركەل بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرىنى قانداق قىلىپ شۇنچە ئۇتۇقلۇق ئېلىپ ماڭالىغانلىقىدىكى سەۋەبلەر قاتارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مەسىلىسىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش بىر گەپنى 15 قېتىم دېسىمۇ دەۋېرىدۇ. گەرچە بۇ پاكىتلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ گەپلەرنىڭ چىققان يېرى خىتاي ھۆكۈمىتىدۇر. چۈنكى ‹تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› بولسۇن ياكى ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› بولسۇن بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى›دىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلانغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى. بەلكىم بۇ جەھەتتە ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ھۆكۈمەت، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ‹تەشكىلات›لارنى تېررورلۇق تەبىرى بويىچە تەستىق قىلىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىلدىكى سۆز ئوينىتىشنىڭ ھازىرغىچە بىرەر ماددىي ئىسپاتى زاھىر بولغان ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى نەيرەڭلەر بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياپ كېتىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەل مۇشۇ مەسىلىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ قوياي: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىلار ئارقىلىق مۇشۇ خىلدىكى قورقۇنچلۇق بىر تەسۋىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى سەۋەبلىك ئەنگلىيە ياكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كۆپلىگەن ساددا كىشىلەر خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى رەڭۋازلىقلىرىغا ئالدىنىپ قېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭدەك غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش خاراكتېردىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقىنىغا ئىشىنىپ قېلىۋاتىدۇ.»
شۇنىڭدىن كېيىن نۇرى تۈركەل ئاساسلىق قىلىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئىپادە بىلدۈرۈپ بولغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئاق سارايدا خىتاينىڭ ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەردار بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىك قاتلىمىغا بۇ مەسىلە ھەققىدە توغرا مەسلىھەت بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ داۋاملىق بۇ خىلدىكى يالغان-ياۋداقلارغا ئالدىنىپ قالماسلىقى لازىملىقى ھەققىدە قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك سۆز قىلدى.
بۇ قېتىم سۆھبەتتىن كېيىن بىز نۇرى تۈركەل بىلەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە جاۋاب بېرىشكە شارائىت بولماي قالغان بىر قىسىم سوئاللار توغرىلىق سۆزلەشتۇق. شۇ سوئاللارنىڭ بىرى خىتاي نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە پەيتتە مۇشۇ خىلدىكى پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە بولدى. نۇرى تۈركەل بۇ توغرىلىق توختىلىپ، بۇنى ئۈچ نۇقتا بويىچە چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«قىيىن سۆھبەتلەر» پروگراممىسىدا نۇرى تۈركەل جاۋاب بېرىپ بولغۇچە سۆز تېمىسى باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كەتكەن يەنە بىر سوئال پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا «شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش» دولقۇنى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ھالنى قانداق بولۇپ «ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغانلىق» دەپ قاراشتىكى تۈپ سەۋەب ئىدى. بىز بۇ توغرىلىق نۇرى تۈركەلگە قايتا سوئال قويغىنىمىزدا ئۇ خىتايدا ئاممىۋى ھەرىكەت شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ «ئۆگىنىش» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قوراللىق نازارەت» ئاستىدا ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرى تۈركەل ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ۋە خىتاي ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىنى بىر زور تەجرىبە بازىسىغا، ئۇيغۇرلارنى بولسا تەجرىبە ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى سىناپ قىلىپ چىققاندىن كېيىنكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە دۇنياغا كېڭىيىش باسقۇچىغا ئۆتىدىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى دۇنيانىڭ قانداق چۈشىنىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بەلگىلىگەن يەنە بىر سەۋەب ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئېگە «قىيىن سۆھبەتلەر» پروگراممىسىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇ ھالنى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تاشقى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى بىلىنىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ قارىماقتا ئىكەن.