جەنۋەدىكى ئاۋاز بېرىشتە مۇسۇلمان دۆلەتلەر نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى قوللىمىدى؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.10.12
جەنۋەدىكى ئاۋاز بېرىشتە مۇسۇلمان دۆلەتلەر نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى قوللىمىدى؟ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى فېدېرىكو ۋىللېگاس(Federico Villegas) «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپى» نىڭ ئاۋاز نەتىجىسىنى ئوقۇماقتا. 2022-يىلى 6-ئۆكتەبىر.
REUTERS

7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپى» نى ماقۇللاش ئاۋازغا قويۇلغاندا، مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن پاكىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندونېزىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، سۇدان قاتارلىقلار قارشى ئاۋاز بەرگەن؛ لىۋىيە بىلەن مالايشىيا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.

ھىندونېزىيەدە چىقىدىغان «جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مەسئۇلى ئاچسانۇل ھەبىب (Achsanul Habib) بۇ تەكلىپكە قارشى ئاۋاز بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى سىياسىي رىقابەتنىڭ مەيدانى قىلىۋالماسلىق جەھەتتە ئورتاق چۈشەنچە مەۋجۇت. ھىندونېزىيە كىشىلىك ھوقۇق مۇنازىرىسىنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇنازىرىدە دۆلەتلەر ئارا زىددىيەت چىقىدىكەن، ھېچقانداق ئەمەلىي مەسىلە ھەل بولمايدىكەن.

«شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپى» نىڭ ئاۋاز نەتىجىسى. 2022-يىلى 6-ئۆكتەبىر.
«شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپى» نىڭ ئاۋاز نەتىجىسى. 2022-يىلى 6-ئۆكتەبىر.
REUTERS

بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندونېزىيە غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينى يېتىم قالدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ھىندونېزىيەدىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىمۇ خىتايدا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ۋاز كەچكەن. ھىندونېزىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسىگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەمېس مىلۋارد بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقى ھەققىدە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەر قارشى بېلەت تاشلىدى، مېنىڭچە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا، بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەنلەر. مەسىلەن، خىتاي بۇ قېتىم مالايشىيانى قولغا كەلتۈرەلمىدى، يەنى ئۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بەرگۈزەلمىدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدىنمۇ ۋاز كەچكەنلەر بار. سومالى 2019-يىل خىتاينى قوللىغان 37 دۆلەتنىڭ ئىچىدە بار ئىدى. بۇ قېتىم مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ بۇ تەكلىپنى قوللاپ ئاۋاز بەردى. بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ نېمىشقا بۇ تەكلىپكە قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە دىپلوماتىك بېسىم ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلەتكەنلىكى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ناچار. يەنە كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئەھۋال بار. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قەرزىگە بوغۇلۇپ قالغان».

رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا نامرات مۇسۇلمان ئەللىرىنى قىيىن تاللاشقا دۇچار قىلغان، شۇنداقتىمۇ ئۇلار پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرۈپ، خىتاينىڭ يېنىدا تۇرۇشنى تاللىغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋاز بېرىشلىرىدە ۋاز كېچىش ھوقۇقىنى قوللانغان قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان بۇ قېتىم ئاشكارا يوسۇندا خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەپ، ئۆز قېرىنداشلىرىغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپى» نىڭ ئاۋاز نەتىجىسى. 2022-يىلى 6-ئۆكتەبىر.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ئېلىن پېرسون بۇ ھەقتە (Elaine Pearson) تىۋېتتىردا ئۇچۇر يوللاپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئۆتمەسلىكى نومۇسلۇق ئىشتۇر. ئەمما بۇ بېلەت تاشلاشتىن بىز ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشرىسىنى كۆرۈۋالدۇق. كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ساختىلىق شۇكى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان ھىندونېزىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى مۇنازىرە قىلىشقىمۇ قارشى ئاۋاز بەردى. ھالبۇكى بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ خىتايدا ئېغىر خورلۇققا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىدى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلەرگە يۈرگۈزگەن قامال سىياسىتى ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ‹ئىسلامدىن قورقۇش› قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ماددىسىدا: ‹بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا، ئۇلارنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك› دېيىلگەن. ئۇنداقتا، پاكىستان بىلەن ھىندونېزىيە نېمىشقا قارشى بېلەت تاشلايدۇ؟»

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور ب د ت نىڭ تەكلىپىنى قوللاپ بېلەت تاشلىمىغان ياكى ۋاز كەچكەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىگە قارشى بېلەت تاشلىغان ياكى ۋاز كەچكەن دۆلەتلەرنىڭ بىر بولسا ئۆزلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلار، بىر بولسا خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىنى دەپ ئۇلارغا باش ئەگكەنلەر. خىتاي ئۆچ ئالغۇچى بىر دۆلەت، شۇڭا ئۇلار خىتايغا قارشى بېلەت تاشلاپ قويسا، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن خەتەرگە دۇچ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ئاۋاز بېرىشتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا «مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەرنىڭ خىتاينى قوللىشى ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىقى» دېگەن بولسا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم «بۇ تەكلىپكە قارشى ئاۋاز بەرگەن ياكى ۋاز كەچكەن ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەردى، بۇ جىنايەتتىن ھېساب ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلدى» دېگەن.

سىياسىي ئانالزىچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىشتە خىتاينى قوللىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر بولمىغاچقا، ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چىرىك ئىكەنلىكى ۋە خەلقنىڭ رايىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.