چاغان سەھنىسىدىكى روبوت ئۇسۇلىنىڭ «شىنجاڭ پۇرىقى قويۇق» سۆزىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
2025.02.03
31-يانۋار خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» دا «چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ياڭگىر ئۇسۇلى ئوينىغان روبوتنىڭ شىنجاڭ پۇرىقى قويۇق» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «شىنجاڭ پۇرىقى قويۇق» دېگەن سۆزنىڭ «ئۇيغۇر پۇرىقى قويۇق» دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك تەقىبلەش ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ «مىللىي خاراكتېرى» نى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى قوللىنىپ كەلگەن. خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرى» دەپ ئېنىق ئاتاشتىن قورقۇپ، «شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى» ياكى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى» دېگەن ناملاردا بۇرمىلاپ ئاتىغىنىدەكلا! ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى «شىنجاڭلىق، شىنجاڭرېن» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. ئۇنداقتا خىتاينىڭ 2025-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە روبوتلار بىلەن خىتاي ئۇسسۇلچىلىرى بىرلىكتە ئوينىغان، ئۇيغۇر ئۇسۇلى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان «ياڭگىر ئۇسۇلى (秧歌) نىڭ شىنجاڭ پۇرىقى قويۇق» دېيىشنىڭمۇ يۇقىرىقىدەك سىياسىي مەنىلىرى بارمۇ قانداق؟
بۇ يىللىق خىتاينىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە روبوت (ماشىنا ئادەم) بىلەن خىتاي ئۇسسۇلچىلار بىرلىكتە ئورۇنلىغان «روبوت ياڭگېرى» ناملىق ئۇسۇل 3 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇپ، سەنئەتچىلەرنىڭ كىيىنىشىدىن تارتىپ ئۇسۇلىغىچە، سەھنە ياسىلىشىدىن تاكى مۇزىكىغىچە ھېچبىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتى ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن. ئەمما بۇ «ئۇسسۇل» خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە، «شىنجاڭ پۇرىقى ئىنتايىن قويۇق بولغان ئۇسسۇل» دەپ تەرىپلەنگەن.
خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان روبوتلارغا ياڭگېر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش ۋە سەھنىدە قۇسۇرسىز ھالەتتە خىتاينىڭ كۆڭلىدىكىدەك نومۇر ئورۇنلاش دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ خۇددى خىتاي بىلەن تۈپتىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارغا چاڭچىلە ئېيتقۇزۇپ، خىتايچە كىيىندۈرۈپ، خىتايچە سۆزلىتىپ، خىتايچە يېگۈزۈپ، خۇددى خىتاي مىللىتىنىڭ بىر پارچىسىدەك تەشۋىق قىلىنغانغا ئوخشاش ئىش ئەمەسمۇ؟ دېمىسىمۇ، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى ئۇلارنىڭ خاس كىملىكىگە پۈتۈنلەي يات بولغان، ئەمما خىتاي ئارزۇ قىلغان ئۇسۇلدا «قايتا قۇرۇپ» چىقىلىۋاتىدۇ.
سەھنىدە ياڭگىر ئوينىغان روبوت بولسا خىتايلار تەرىپىدىن «بويسۇندۇرۇلغۇچى، قايتا قۇراشتۇرۇلغۇچى، تىزگىنلەنگۈچى، پىروگرامما قاچىلانغۇچى» بىر يەككە جىسىم. بۇ قارىماققا خۇددى تاشقى دۇنيا تەنقىد قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك تەقىبلەش، قايتا تەربىيەلەشلەر بىلەن مەلۇم جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە. ياڭگېر ئۇسسۇلى بولسا خىتايلارنىڭ مىللىي ئۇسسۇلى بولۇپ، ئۇسسۇلنىڭ «ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىلەردىكى بىردەكلىك ۋە كوللېكتىۋىزملىق» ئالاھىدىلىكلىرى بار. بۇ يەردە روبوتنىڭ ياڭگېر ئوينىشىمۇ تەبىئىي ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈلۈپ، خىتاي مەدەنىيەت ئېقىمىغا سىڭىپ كېتىش، كۆندۈرۈلۈش ۋە تىزگىنلىنىش ئىچىدە ياشاشنى قوبۇل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ناۋادا بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇرراق تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە، ماشىنا ئادەمنىڭ پىروگراممىلانغانلىقى، بۇيرۇق بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغانلىقىدەك خاراكتېرىدىن، جازا لاگېرلىرى، سىياسەت ۋە تەشۋىقاتنى بىرلەشتۈرگەندە، بەلكى بۇ دەل خىتاينىڭ دۇنياغا تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزى بولسا كېرەك! ئەمما بۇ سىستېمىنىڭ قوللىنىشچانلىقى راستتىنلا ئىشەنچىلىكمۇ؟
دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇشتا كۆپ ھاللاردا چوڭ ساندان، ئەقلىي ئىقتىدار، چىراي تونۇش قاتارلىق زامانىۋى پەن-تېخنىكىلارغا تاياندى. يۇقىرىدىكى روبوت بولسا دەل بۇ خىل زامانىۋى تېخنىكىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. روبوتنىڭ ياڭگېر ئوينىشى ئاددىي مەنىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە، «ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى» غىمۇ قارىتىلغان دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، ياڭگېر ئوينىغان روبوت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆز خاسلىقىدىن ئايرىپ، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىكى ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە، خىتاينىڭ ئىرادىسىگە ماسلاشتۇرۇلغان، ناھايىتى ئاددىي بولغان ياڭگېرنىڭ «ئۇيغۇر سەنئىتى» گە ۋەكىل قىلدۇرۇلغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلانغان بۇ ئۇسۇل مەدەنىيەتنىڭ قايتا يارىتىلىش جەريانىنى، يەنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىش ۋە خىتايلاشتۇرۇلۇش جەريانىغا تەقلىد قىلىنغان، سىياسىي مەنىسى چوڭقۇر بولغان بىر نومۇر دەپ قاراشقا بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردە خىتاي نەزەردىن ساقىت قىلغان بىر مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن روبوتلارنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىدۇر. روبوتلار ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالغان، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن، قانداق شەكىلدە ۋە قانداق مەنپەئەت ئۈچۈن ياسىلىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار روبوت ئەمەس ئەلۋەتتە! ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتى بولسا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىيدا شەكىللەنگەن قىممەتلىك مىراسلىرىدۇر. گەرچە زامانىۋى پەن-تېخنىكىلار ئىنسانلارنى ئۆز ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا بەلگىلىك مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە شەكىللەندۈرگەن مىللىي خاسلىقىنى پۈتۈنلەي فورماتلاش دەرىجىسىگە تېخى يەتكىنى يوق. گەرچە خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق بويسۇندۇرالىغانلىقىنى چاغان سەھنىسىدىكى روبوتنىڭ ياڭگېر ئۇسۇلى ئارقىلىق پەش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش پىلانى يەنىلا بىر خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى تارىختىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك بىر مىللەت يوقىتىۋېتىلگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شۇ مىللەتنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىشىگە ئاساس بولغان مىساللار ناھايىتى كۆپ!
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]