خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى 19-سېنتەبىر نيۇيوركتا يېپىق يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرە ئۆتكۈزدى. يىغىندا پىكىر بايان قىلغۇچىلاردىن ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى،ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى ھەققىدە توختالدى.
19-سېنتەبىر نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جون مارچ يىغىن زالىدا ئېچىلغان «شى جىنپىڭنىڭ پاراكەندە شاھمات تاختىسى» دەپ نام بېرىلگەن، يېپىق ھالەتتىكى مۇھاكىمە يىغىنى، ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى ۋە خىتاي سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكۇڭ قاتارلىقلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېچىلغان.
يىغىننىڭ تەشكىللەش خىزمىتىگە قاتناشقان خىتاي دېموكراتلىرىدىن سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكوڭ ئەپەندى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئۆزى نۇقتىلىق توختالغان شى جىڭپىڭنىڭ تەخىتكە چىققاندىن كېيىن يۈرگۈزگەن سىياسىتى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
چېن پوكۇڭ ئەپەندى يىغىندا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، «مەن ئاساسلىقى شى جىڭپىڭنىڭ ‹ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقنى خاتىرىلەش› نامىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي پاراتى قاتارلىقلار ھەققىدە ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى.
چېن پوكۇڭ ئەپەندى چەتئەللەردە تەكىتلىنىۋاتقان «شى جىڭپىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى» دېگەن قاراش ھەققىدە توختىلىپ، «نۆۋەتتە چەتئەللەردە 3-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتا شى جىڭپىڭ خىتايدىكى بارلىق ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈردى» دېگەن قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئەمما مەن ئۇنداق قارىمايمەن. مېنىڭچە شى جىڭپىڭ پارات ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغانلىقىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا جىياڭ زېمىن قاتارلىق مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، بۇ يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا شاڭخەيدە يۈز بەرگەن دەسسىلىش ۋەقەسى، يېقىندا تيەنجىندە يۈز بەرگەن تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا شى جىڭپىڭنىڭ كۈچى پەقەت شەھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقىلا يەتتى، ئەمما بۇلارنىڭ كەينى تىرەكلىرىگە تېگىشەلمىدى. شى جىڭپىڭ ئېلىپ بارغان "پارىخورلۇققا زەربە" بېرىش ھەرىكىتىمۇ شۇنداق، گەرچە جۇ يۇڭكاڭ، شۈ سەيخۇ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ جازالانغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كەينىدىكى جياڭ زېمىنغا ئوخشاش چوڭ ئارقا تىرەك ۋە نۆۋەتتە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرىغا تېگىش قىلالمىدى. ئۇ خىتايدىكى چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىلگىرى قۇرۇلغان سىياسىي بيۇرۇ ئەزالىرى بىلەن توقۇنۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلارنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال بىزگە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قاتلىمىدا جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭ يەنىلا ئۆز تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
چېن پوكوڭ ئەپەندى يەنە شى جىڭپىڭ دەۋرىدە «خىتايدا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشىدۇ، شى جىڭپىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى يېلىتسىندەك كومپارتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، شى جىڭپىڭ يەنىلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى يەنىلا قوغدايدىغانلىقىنى،شۇڭا ئۇنىڭ كومپارتىيىنى ئاغدۇرۇش يولىغا مېڭىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، شى جىڭپىڭنىڭ ھەرگىزمۇ ئالدىراپ خۇ ياۋباڭ، جاۋزىياڭلاردەك خىتايدا دېموكراتىيىلىك ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىش يولىغا ماڭالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن پوكۇڭ ئەپەندى خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ يەنە نۇقتىلىق ھالدا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىڭپىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە مەيلى دالاي لامانىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلىپى بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىدەك خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھوقۇقنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دەۋرىدە خىتايدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئېچىنارلىقى، خىتاي خەلقىنىڭ ئويغانماسلىقى، چۈنكى كومپارتىيىنىڭ مىڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان زور كۆپ ساندىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشنى خالىمايدۇ. نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەقلىق كۈرەش دەپ قارايدىغانلار كۆپەيمەكتە، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما تىبەت ۋە ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئەمما خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك.»
چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەنىلا چېچىلاڭغۇ، تارقاق بولۇشتەك رىئال ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «ھازىر چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تارقاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تەشكىلاتلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەردەك نىسپەتەن مەركەزلەشكەن چوڭ تەشكىلاتلار تېخى قۇرۇلۇپ بولالمىدى. شۇڭا ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىرەر چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالغا قارىتا چەتئەللەردىكى دېموكراتىك كۈچلەر خۇددى 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى مەزگىلىدىكىدەك دەرھال بىرلىشەلەيدىغان بىر كۈچ شەكىللىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئەمما نۆۋەتتىكى تارقاق ھالەتتىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، خىتايدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.» دېدى.