كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «ياپونىيە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى كېرەك»
2024.10.16
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ھالقىپ چەت ئەللەردىكى ئۆكتىچى ئاۋازلارنى باستۇرۇش، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق جامائەتلەرنى نازارەت قىلىش، چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي كۆز قاراشلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشتەك چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى يېقىنقى يىللاردا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلاپ، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ يۇرتلىرىدىكى ئائىلە ئەزالىرى ئارقىلىق تەقىبلەشكە ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئاخباراتلارغا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈشى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمنىڭ كۆلىمى غەرب ھۆكۈمەتلىرىگە ئاشكارا بولغانىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەخسۇس دوكلاتىدا، ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتايلاردىن بولۇپ 25 كىشىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ياقتۇرمايدىغان نامايىش، پائالىيەت ۋە ياكى تور سۆھبەتلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن يولۇققان پېشكەللىكلىرى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچرىغان بېسىمى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە قولىدىكى ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەن.
گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرى ياپونىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك نامايىشلار ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى ئىزدەپ بېرىپ تەھدىت قىلغانلىقىنى، ئۈندىدار ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، خىتاي ساقچى خادىملىرىنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەمدە ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا دەپ بېرىشىچە، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇنداق بېسىملىرىغا ئۇچراش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئۇلار بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم ياپونىيە دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەر كۆپىنچىسى بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئەھۋالنى ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈشنى خالىمىغان بولۇپ، ئۇلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن.
ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىغا قارىتا بىر ئېنىق قانۇنى يوقلۇقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىدە تەدبىرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ھازىر غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، ياپونىيەدە تېخى ئۇ ھالەتكە يەتمىگەن. شۇڭا ئۇ بۇ دوكلات ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كېيىنكى ئون نەچچە يىلدىن بېرى ناھايىتى كۈچلۈك قانات يايدۇردى. ئۇيغۇرلار بولسا بۇ بېسىمغا تېخىمۇ قاتتىق ئۇچرىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە بۇ مەسىلە خېلى كەڭرى تونۇلۇپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەمما ياپونىيە ئۈچۈن ئۇنداق دېيەلمەيمىز. بىز خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاش ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلدۇق. چۈنكى ياپونىيە خىتاينىڭ قوشنىسى ھەم ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ياپونىيە تارىختىكى خىتاي زىيالىيلىرى ئەڭ كۆپ تەشكىللەنگەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
مايا ۋاڭ خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا جامائەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى كۆپىنچە ھاللاردا شۇ كىشىنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، دەماللىققا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى خىتايدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قىلالمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بىراق، ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ كۆلىمى ۋە زىيىنى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداق قىلغاندا چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغدىغىلى، ئۇلارغا مەنىۋى ياردەملەرنى قىلغىلى، ئۇلارنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»
مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ بۇنىڭغا نېمە دەيدىغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ مەسىلىگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە ياپونىيە دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ، خىتاينىڭ ياپونىيەدە ئەپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ ئوخشاشلا جاۋاب ئالالمىغان.
ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياپونىيە ھازىرغىچە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ھەرىكەتلىرىنى جازالايدىغان بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى جازالاپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق دوكلاتنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر تۈرتكە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە پىكىر-تەكلىپلىرىنى سۇنغان. بۇ تەكلىپلەر: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنى تونۇش، بۇ خىل ۋەقەلەرنى دوكلات قىلىش ئۈچۈن بىر سىستېما ئورنىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش؛ بۇنداق ۋەقەلەرنى پاش قىلغانلارنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئىشەنچلىك دېلولارنى پاش قىلغان كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، خىتايغا ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ خىل بېسىمغا دۇچ كەلگەن كىشىلەرگە پاناھلىق تىلەش ياكى باشقا قوغداش ئۇسۇللىرىنى تەۋسىيە قىلىش؛ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياپونىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان بېسىمىنى توختىتىش ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا چاقىرىق قىلىش قاتارلىقلاردۇر.