«دوستلۇق مۇناسىۋىتى» مۇ ياكى «دوستلۇق قىلتىقى» مۇ؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2023.04.03
ma-xingrui-Jomart-Tokayev.jpg قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېف (Kassym-Jomart Tokayev) ئاستاناغا زىيارەتكە كەلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇينى قوبۇل قىلدى. 2023-يىلى 27-مارت، قازاقىستان.
AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي 26-مارتتىن 30-مارتقىچە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانغا تۇيۇقسىز زىيارەتكە بارغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارا ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ما شىڭرۇينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بېرىشىنى خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدا مەڭگۈلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، دەپ باھالىغان. ما شىڭرۇيمۇ ئۆز باياناتلىرىدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش» تىكى مۇھىم نىشان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى كۆچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي ئالاقىلارنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە شەھەرلەر ئارا دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۆچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىم ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرا ئاسىيادا زىيارەتتە بولۇشى نورمال بىر ھادىسە بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنىڭ تىپىك نامايەندىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، مەزكۇر زىيارەتكە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يەرلىكتىكى ۋەكىلى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك رەھبەرلىرى بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداقتا، ما شىڭرۇينىڭ بۇ سەپىرى نېمىنى مەقسەت قىلغان؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەييارلىقى

يەرلىك پارتكوم سېكرىتارى بولغان ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرا ئاسىيادا زىيارەتتە بولۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» سىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىڭتۇەندىن ئىبارەت بىر قانۇنسىز ئورگاننى سەپلەشنىڭ ئۆزىلا، بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنىڭ ئەسلا كاپالەتلەندۈرۈلمەيدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىدى. رېئاللىقتىمۇ دەل شۇنداق بولۇپ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىڭتۇەندىن ئىبارەت بىر نازارەتچى ئورگاننىڭ قوراللىق نازارىتى ئاستىدا پۈتكۈل ھەقلىرىدىن مەھرۇم ھالەتتە ئېغىر زۇلۇم چېكىپ كەلدى. دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە باشلانغان ئىسلاھاتتا بولسا، ئاپتونوم رايونلارنى قانداق قىلغاندا پۈتۈنلەي يوقىتىپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسىدىن ئىبارەت بىرلا كىملىكى بولغان خىتاي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئاخىرىقى نىشان قىلىندى. دەرۋەقە، خىتايلارنى باي قىلىپ، خىتاي بولمىغان، خىتايدىكى 5 ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەتلەرنى نامراتلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ چوڭ «ئۇتۇقلىرى» دىن بىرى بولۇپ قالدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئاپتونوم رايونلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەشەببۇسلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. تاكى 2010-يىلىغىچە مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئىككىنچى ئەۋلات مىللەتلەر سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئاۋازلىرى ئۈزۈلۈپ باقمىدى. شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئاپتونومىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە كېيىنكى مىللەتلەر سىياسىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە تۈرلۈك لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور خۇ ئەنگاڭ بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پروفېسسورى ما رۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىككىنچى ئەۋلات مىللەتلەر سىياسىتى نەزەرىيەسى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مىللەتلەر سىياسىتىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن لايىھەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇ لايىھەدە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللەت كىملىكى ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش؛ ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش خىتايلار بىلەن تويلاشمايدىغان، ئاسسىمىلاتسىيە بولۇش نىسبىتى تۆۋەن، مىللىي ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچلۈك خەلقلەرگە مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىنغان.

نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ئەپەندى ئىككىنچى ئەۋلات مىللەتلەر سىياسىتى لايىھەسىنى ئەڭ بۇرۇن تەنقىد قىلغان ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ خىتايدا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى بىلەن خىتاينى ئاگاھلاندۇرغانىدى. ئىلھام توختى ھەتتا مىللەتلەر مەسىلىسىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىىق بولغان پىلان لايىھەسىنى 2011-يىلى تۈزۈپ ئېلان قىلغان. ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر لايىھەسىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدالمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش، پۈتكۈل ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مىللىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكى دەلىل-ئىسپاتلىق يورۇتۇلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى دەل بۇ قاراشلىرى سەۋەبلىك قولغا ئالدى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. ئىلھام توختىنىڭ قاماققا ئېلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى قەدەملەردە ئاتاقتىكى ئاپتونومىيە ھەقلىرىدىنمۇ پۈتۈنلەي مەھرۇم قېلىشتىن باشقا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ باشلىنىشى بولدى.

ما شىڭرۇينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق نامايەندىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش دۆلەتلەرنى كېيىنكى قەدەمدە نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقىنىڭمۇ بەلگىسىدۇر.

ئوتتۇرا ئاسىياغا «دوستلۇق قىلتىقى» قۇرۇش

قارايدىغان بولساق، ما شىڭرۇي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئىبارەت بۇ دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بېرىش مەقسىتىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان «دوستلۇق» ىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا بۇ دوستلۇقنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرىنچىسى، سودا-تىجارەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ يەنە بىرى بولسا، شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتىن ئىبارەت ئىككى نوقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مانا بۇ ئىككى نوقتا ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئەڭ نېگىزلىق قىسمى دەپ قاراشقا بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى نوقتىنى نېگىزلىق نوقتا دەيمىز؟

بىزگە مەلۇمكى، خىتاينىڭ «شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى» بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي قاتلىمىغا يۇمشاق كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى دەل بۇ خىل مۇناسىۋەت ئارقىلىق غەرب دېموكراتىك جەمئىيىتىگە تەدرىجى سىڭىپ كىرگەنىدى. خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرىشى غەربنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسى ئاستىدا ئىنتايىن قولاي شارائىتقا ئېرىشىپ، غەرب جەمئىيىتىدە بىر تۈركۈم خىتايپەرەس چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەر ساھەدە پەيدا بولۇشىدەك قورقۇنۇچلۇق ھادىسىگە سەۋەب بولغان. بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن خۇاۋېي، جۇڭشىنلارنىڭ جاسوسلۇق قىلمىشىلىرى، خىتاينىڭ مىڭ كىشىلىك پىلانى (千人计划)، كوڭزى ئىنىستىتۇتى قۇرۇش، خىتاي كارىخانىلىرىنىڭ غەربكە مەبلەغ سېلىشى، داڭلىق ماركىلارنىڭ خىتايغا كىرىشى، مەكتەپ، تىببىي ۋە تېخنىكا جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق قاتارلىق خىتاي بىلەن خەلقئارادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن بولغان ئالاقىلاردا خىتاي بىلەن بولغان «شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى» ھالقىلىق رول ئوينىغان. بۇ ۋەجىدىن خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر سىستېما پۈتكۈل غەرب دۇنياسىغا كېڭىيىپ، بۈگۈنكىدەك غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلانغان. نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئېنىقلاش ۋە خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرگە خاتىمە بېرىش بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ كەتتى. مەسىلەن، ئامېرىكادا كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ تاقىلىشى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم «ئىلمىي تەتقىقاتچى» «ئاكادېمىك» قالپىقى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جاسۇسلىرىنىڭ قولغا چۈشۈشى، خىتاي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بۇلارنىڭ دەلىلىدۇر. بۇلارنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بىرى گوللاندىيە ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا گوللاندىيەنىڭ بىر قىسىم كارىخانا، سىياسەت، تىبابەت ۋە تەتقىقات قاتارلىق ھەر ساھەلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن باغلانغانلىقىنىڭ ئاشكارلىنىشى، يەنە كېلىپ خىتاي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ گوللاندىيە تۇپرىقىدا قۇرۇلۇشى گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى» نى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىشىغا سەۋەب بولدى.

«شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى» يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىگە ئېرىشىش ۋە باشقا مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ۋاستە قىلىنىپ كەلدى. بۇ ۋەجىدىن خىتاي پۇقراسى بولمىغان ياكى ئاللىقاچان باشقا دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەرمۇ خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىشىدىكى يۇمشاق كۈچىگە ئايلاندۇرۇلدى.

ما شىڭرۇي بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ ئەنە شۇ «مۇناسىۋەت ئەندىزىسى» نى تىكلەش ئۈچۈن بارغانىكەن، ئۇ ھالدا بۇ زىيارەتنىڭ ئاخىرىقى نىشانى ئوتتۇرا ئاسىيانى خىتاينىڭ «ئارقا ھويلىسى» غا ئايلاندۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ناۋادا خىتاينىڭ بۇ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقىنىدا، تەھدىتتە قالىدىغىنى يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدۇر.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.