ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسوننىڭ 2018-يىلدىكى ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى (4)
2019.04.11

ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان غەربلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىش ھەمدە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئەلىس ئاندرسون يەنە 2012-2013-يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى ساداسى» ناملىق ناخشا مۇسابىقىسىدە «نازاكەت» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن تونۇلغان. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2018-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئاخىرقى قېتىملىق زىيارىتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتماقتا.
ئەلىس ئاندېرسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 2018-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدە ئۇنىڭدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان جايلارنىڭ بىرى ئىككى كۈنلۈك ساياھەت پۇرسىتىگە ئېرىشكەن قەدىمىي يۇرت قەشقەر بولغان.
ئەلىس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرغان مەزگىلىدە «ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» دەپ قارىلىدىغان قەدىمىي شەھەر قەشقەرگە بىرقانچە قېتىم بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە قەشقەردە كۆرگەنلىرى ساقچىلار ۋە كۆزىتىش كامېرالىرى ئارقىلىق قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئادەمسىز قەشقەر كوچىلىرى بولغان. ھېيتگاھ جامەسى ئەتراپىدىكى ئىلگىرى ھەر زامان ئادەملەر بىلەن ئاۋات تۇرىدىغان دۇكانلارنىڭ خېرىدارسىز چۆلدەرەپ قېلىشى، تاقىلىپ كەتكەن ئاشخانا ۋە كىتابخانىلار ئۇنى ھەيرەتتە قالدۇرغان. بۇ ھال ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئىلگىرى ئۆزى كۆرگەن قەشقەر شەھىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بىر مەنزىرىنى نامايان قىلغان.
ئەلىس خانىم بۇ قېتىملىق قەشقەر ساياھىتىدە سەمەن مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا ساقچىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئائىت بارلىق ئۇچۇر ۋە پائالىيەتلەرنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتمۇ-قات نارازىتى ئاستىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلگىنىدە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ قانچىلىك مۈشكۈللۈكنى ھېس قىلىپ يەتكەن ۋە بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئازابلانغان.
ئەلىس ئاندېرسون خانىم بۇ قېتىمقى 15كۈنلۈك ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدە مۇسۇلمانلارغا خاس سالاملىشىش سۆزلىرىنى پەقەت قەشقەردىلا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مويسىپىتنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان. ئەمما بۇ قېتىم ئۇ بۇ خىل سالاملىشىشنى ئاڭلىغىنىدا شۇ قەدەر تاسادىپىيلىق ۋە ھەيرانلىق ھېس قىلغان.
ئەلىس خانىم 2012-يىلدىن 2016-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرغان مەزگىلىنى ئەسلەپ، ئەينى چاغدا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائىتىدىن پەرقلىق ھالدا مۇسۇلمانچە سالاملىشىش ئادىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەينى يىللىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ تەبىئىي ھالدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم»، «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دېگەن سالاملىشىش سۆزلىرىنى ئىشلىتىشكە كۆنۈپ كەتكەن ئىكەن. كېيىنكى چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان ئىكەن. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن شۇ قەدەر قورقىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. بۇ ھال ئۇنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئاچچىق تۇيغۇلارنى پەيدا قىلغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.