ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى تور مۇھاكىمىسىدىكى پىكىرلەر
2022.02.23
ئەمالار يېزىقى دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللار ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدىكى ئەمالارنىڭ پايدىلىنىشىغا كېرەكلىك بولغان ئۇيغۇرچە ئەمالار يېزىقى تا ھازىرغىچە ئىلىم ساھەسىدىكى بىر بوشلۇق بولۇپ كەلگەن ئىدى. 2021-يىلى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خاررىس موۋبراي (Harris Mowbray) بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەمەلار يېزىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ھەرقايسى ساھە بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا 21-فېۋرال كۈنى مەخسۇس تور مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
ئالدى بىلەن خاررىس يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ ئىجات قىلىنىشى ھەققىدىكى ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەچ بۇ يېزىقنىڭ باشقا تىللار، جۈملىدىن ئەرەب تىلىنىڭ ئەمالار يېزىقى بىلەن تونۇشلۇقى بولغانلار ئۈچۈن بەكمۇ ئاسانغا چۈشىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭدا پەقەت ئالتە-يەتتە ھەرپنىڭلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى، تىرىشقان ھەرقانداق كىشى بىر ئىككى كۈندىلا ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
يىغىن رىياسەتچىسى، د ئۇ ق نىڭ خادىمى كوئېن ستۇپ (Koen Stoop) ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى نۇرغۇن مۇشەققەتلىك تىرىشچانلىق ئارقىسىدا روياپقا چىققانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇ يېزىقنى مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتىش، جۈملىدىن ئەما بالىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار بۇنى قانداق قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خاررىس بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ بۇنىڭدا بەزى رېئال مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئەمالار يېزىقىنى بېسىپ چىقىرالايدىغان خەت باسقۇ (پىرىنتېر) ھەمدە بۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ ھەجىملىك قېلىن قەغەز لازىم بولىدىكەن. بىرىنچى قەدەمدە خەت باسقۇ ئارقىلىق ئەمالار يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى قېلىن قەغەزگە كۆپتۈرمە چېكىتلەر شەكلىدە چۈشۈرىلىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەيلەن بۇ يېزىقنىڭ ئېلىپبەسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئەمالارغا ئۆگىتىشنى باشلىسا بولىۋېرىدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىمۇ خەلقئارادىكى باشقا ئەمالار يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە تۈزۈلگەن بولغاچقا بۇنى ئۆگىنىش بەك قىيىن ئەمەس ئىكەن. لېكىن ئەمالار يېزىقىغا ئىشلىتىلىدىغان خەت باسقۇ بەك قىممەت بولغاچقا ھەممىلا ئائىلە بۇنى ئالالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا دەسلەپكى قەدەمدە چەككۈچ ئارقىلىق قەغەزگە چېكىت ئۇرۇش يولى بىلەن ئوقۇش ۋە يېزىشنى باشلىسىمۇ بولىدىكەن. بۇنىڭدا چېكىتلەرنى قول بىلەن ئۇرۇپ چىقىش توغرا كېلىدىغان بولغاچقا بۇنىڭ سۈرئىتى بىراز ئاستا بولىدىكەن. ئەمما بۇ كۆپ ئەرزانغا چۈشىدىكەن. ئەمالار يېزىقىنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار زۆرۈر بولغاندا ئەنە شۇ خىل ئەرزان ئۇسۇلدا باشلىسىمۇ بولىدىكەن.
رىياسەتچى كوئېن شۇنىڭدىن كېيىن «مېيىپلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇ خىلدىكى ئەمالار يېزىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قانچىلىك مۇمكىنچىلىكى بار؟» دېگەن سوئالنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.
قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىللىرى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركولوگ، دوكتۇر ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتىكى مەسىلىگە جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار توپىنى بۇ رايون بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدا بولۇش ئىمكانىدىن مەھرۇم قالدۇرغان. شۇڭا ھازىر ئۇ جايدىكى مېيىپلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. ئەمما بىزگە مەلۇم بولغان رېئاللىقنىڭ بىرى بۇ جايدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە مېيىپلاردىن يېتىشىپ چىققان كۆپلىگەن چولپانلار بار ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلاردا مېيىپلارنى چەتكە قېقىش ئادىتى يوق بولغاچقا بىر قىسىم مېيىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىيىتى ئارقىلىق مېيىپلارنىڭمۇ خېلى-خېلى كىشىلەر قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ ئىجات بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ بىر تىلشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىشتىن بىخەۋەر قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ بەك خىجىل بولغان. ئەمما خىتايدا راۋرۇس ئومۇملاشقان مېيىپلارنى كەمسىتىش خاھىشى تۈپەيلىدىن ئۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمالار يېزىقى ئۆگەنگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان. قىسمەن جايلاردا ئەمالارنىڭ بىر يەرگە جەم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر كونتروللۇقى تۈپەيلىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى بىلىشكە مۇمكىن بولمىغان.
شۇنىڭدىن كېيىن دوكتۇر ئابلەت سەمەت رىياسەتچىنىڭ سوئالى بويىچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا شۇنچە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە بىباھا گۆھەرلەرنى ياراتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتە ھۆرمەتلىنىش ئورنىغا چەكلىنىشى، ئۇيغۇر تىلى ساھەسىنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق قىسمىتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىلىنى مەنئىي قىلىشى، تىلشۇناسلارنىڭ قامىلىشى، تىل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تاقىلىشى، مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىىڭ پۈتۈنلەي توختىغانلىقى، بالىلارنىڭ بۇ تىلنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قېلىشى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ كېلىپ بۇنداق ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۆگىتىشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قايسى شەكىلدە قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر گۈلنىسا نەزەروۋا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزلىرىدىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى ھەققىدە كۆپ كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە رازى بولغۇدەك جاۋاپ تېپىلمىغان. ئۇ جايدا ئەمالار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەر ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە نورمال ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئوقۇمايدىكەن. بۇ ئەھۋاللار باشقا جايلاردىمۇ شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس» دېگەندەك ئەڭ دەسلەپكى ئەمالار يېزىقىنى بالىلىق دەۋرىدە ئەما بولۇپ قالغان لۇيىس برايل (Louis Braille) 15 يېشىدا ئىجاد قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا مۇشۇ يېزىق ئاساسىدا يارىتىلغان رۇسچە ئەمالار يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئەمالار يېزىقى بار ئىكەن. تۈركىي تىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەمالار يېزىقى بار ئىكەن. ئەمما تارىخىتا شۇنچە كۆپ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتى بولمىغاچقا ئۇيغۇرچە ئەمالار يېزىقىنى ۋۇجۇتقا چىقرىىش مۇمكىن بولمىغان. يەنە بىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا مەكتەپ بولمىغاچقا ئۇلار ئادەتتە رۇس، ئۆزبېك ياكى قىرغىز مەكتەپلىرىگە بارىدىكەن. مېيىپ بالىلار بولسا مەخسۇس ئاشۇنداق بالىلار ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپلەرگە بارىدىكەن ۋە بۇ جايلاردا رۇسچە ياكى ئاشۇ تىللاردىكى ئەمالار يېزىقىنى ئۆگىنىدىكەن. بۇ خىلدىكى ئەمالار يېزىقىنىڭ يىلتىزى بىر بولغاچقا ئۆزبېك ياكى قازاق ئەمالار يېزىقىنى بىلىدىغانلار ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ئوڭايلا ئۆگىنىۋالالايدىكەن. ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىۋاتقان ھەمدە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كەلگۈسىدىكى ئەما بالىلارغا مۇشۇ ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى ئارقىلىق يەتكۈزۈش تامامەن مۇمكىن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىشكە ئادەم تەشكىللەش ھەمدە بۇ ھەقتىكى دەرسلىك ماتېرىيياللىرىنى ۋە ئەمالار كىتابلىرىنى بېسىپ تەييارلاش تەيارلاشمۇ بەك مۇھىم خىزمەتلەردىن ھېساپلىنىدىكەن.
شۇنىڭدىن كېيىنكى سۇئال-جاۋاب بۆلىكىدە بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان رېئال كەمچىلكىكلەر، قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە سۆز بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى نۆۋەتتە ئەمەلىي قوللىنىشقا تەييار بولغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە يەنە بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلەش جىددىي زۆرۈر بولماقتا ئىكەن.