«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەنلىرى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-07-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىشىك ئالدىدا ئاتا-ئانىسىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئۆسمۈر. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
ئىشىك ئالدىدا ئاتا-ئانىسىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئۆسمۈر. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
AP

يېقىندا، «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، رايوندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇ خەۋىرىدە، ئاتا-ئانىلىرى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان. ئۇ يېقىندا «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ رادىئو پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەزكۇر گېزىتنىڭ رادىئو پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، مەزكۇر گېزىت ئوبزورچىسى جەيمىس كېيننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. رادىئو پروگرامما تونۇشتۇرغۇچىسى كىرىش سۆزىدە، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى چېگرادا ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن قايتا جەم قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بىخەتەرلىك باستۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ۋە ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن سۆھبەت پروگراممىسىنى باشلىدى.

جەيمىس كېيىن ئەمىلى فېڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سورىدى. ئەمىلى فېڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇيغۇرلار بىر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت. ئۇلار مەدەنىيەت، تىل ۋە كۆرۈنۈش جەھەتتىنمۇ تۈركلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەرۋاقىت خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ۋە كۆلىمى گېرمانىيەدىن ئىككى چىقىدىغان بۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ زېمىننى ھەرۋاقىت ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يەردە نۇرغۇن قېتىم ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. . . 1950-يىلى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى رايونغا رەسمىي ھالدا كىرىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ يەرنى خىتاينىڭ بىر قىسمى، دەپ ئېلان قىلغان. ئەمما شۇندىن بېرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئېتنىك زىددىيەتلەر ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ كەلدى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

ئەمىلى فېڭ سۆزىدە، خىتايلار ئۆزىنى رايونغا تەرەققىيات ئېلىپ كەلدۇق، زامانىۋىلاشتۇردۇق، دەپ قارايدىغانلىقى ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا خىتايلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن خىزمەتنىڭ ياخشىسىنى، ھوقۇقنىڭ چوڭىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنى ۋە تىل ھوقۇقلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدەك مۇشۇنداق نۇرغۇن سەۋەبلەردىن كېيىن رايوندا ھەرخىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەتتا بەزىدە قانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغىنىنىڭ ‏2009‏-يىلىدىكى 5 ‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن گىيوپولىتىكىلىق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، رايوننىڭ مول يەر ئاستى بايلىقى بارلىقى شۇڭا 2009 ‏-يىلىدىكى ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى چۆچۈتۈپ، ئەمدى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن رايوننى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

جەيمىس كېيىن «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ دىن يەنە: «يېقىنقى ئايلاردىن بېرى بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بۇ ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. سىزچە بۇ ھەرىكەت زادى قانچىلىك دەرىجىدە ھەقىقەتەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سوئال سورىدى. ئەمەلىي فېڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەسلى مەنىسىدىن ئاللىبۇرۇن ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ 2016‏-يىلى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ رايوننى بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى نازارەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق 7 كۈن 24 سائەت نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، يەنى پەقەتلا تېلېفونىدا دىنى مەزمۇندا بىر نەرسە تېپىلغانلىقى ياكى چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىپ كىرگەنلىكىدەك سەۋەبلەر بىلەنلا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مانا بۇ جەھەتلەردىن قارىغاندا بۇنى بىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى دەپ ئاتاش ئىنتايىن قېيىن. چۈنكى بۇ ھەرىكەتتە ھەممە ياشتىكى ئۇيغۇرلار يوق سەۋەبلەر بىلەن زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ. مەن ئاخىرقى قېتىم 7‏-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يەرگە بارغىنىمدا ئۇ يەردىكىلەر ماڭا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ ھازىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمىلى فېڭ خانىم سۆزىدە يەنە ئەسكەرتىپ: «گەرچە خىتايدا ھەقىقەتەن كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇمى ۋە تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى ھۇجۇم قاتارلىق بەزى قانلىق ھۇجۇملار يۈز بەرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر قوراللىقلىرى قىلغان دېگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە بىزدە ۋەقەگە ئائىت يېتەرلىك ئۇچۇر يوق. بۇ ۋەقەنى زادى كىم قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن قىلدى؟ ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك ۋە ئۆزىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇشلىرىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى› دەپ ئاقلىغىنىدەك خەلقئارالىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدى؟ ياكى بۇ باشقا ئىشمىدى، دېگەندەك نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېنىق ئەمەس» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت