ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر سېيىتنىڭ جىنايىتىنى «ئىقرار قىلىشى» ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم
2022.12.19

17-دېكابىر ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، باش نازىرى ئەنۋەر سېيىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەب ئۆزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە ئىكەنلىكىگە دائىر خەۋەر خىتاينىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. گەرچە بۇ خەۋەر تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، خىتاينىڭ ئالاقىدار تور بەتلىرىنى بىر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنۋەر سېيىتنىڭ تەكشۈرۈلۈش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەنىدى.
ئەنۋەر سېيىتقا دائىر ئاشكارا ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئەنۋەر سېيىت خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ھاكىمى، ئاقسۇ پارتكوم سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىيەتنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئەزاسى، ئامما خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم ئەزاسى، نازىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر تاشلاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى دەرجىلىك كومىسسارى. . . . قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن.
ئەنۋەر سېيىتنىڭ ئەمەلدارلىق تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ، ئۇ ئىزچىل يوسۇندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن بىرى بولغانلىقىدا قىلچە شەك يوق. چۈنكى، ئۇنىڭ 1986-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن شۇنچە سىياسىي داۋالغۇشلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، خىتايدىكى نازىر دەرىجىلىك چوڭ ئەمەلدارلىق مەنسىپىگە ئۇلاشقىنى بۇنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى. ئەمما ئۇمۇ بۈگۈن خۇددى ئەينى چاغدىكى نۇر بەكرىدەكلا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ تۆمۈر قاپقىنىغا چۈشۈشتەك قىسمەتتىن قۇتۇلالمىدى. ئۇ ھالدا سەۋەب نېمە؟
ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغان ئەمەس. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تاشقى دۇنياغىمۇ ئىزچىل مەخپىي تۇتۇپ كەلگەنىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە ھادىسىلەردە ھەقىقەت ئىزچىل سىر بولۇپ كەلگەنىدى. گويا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا مەجبۇرىي كىيدۈرۈپ قويۇلغان «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىدەك، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى «ئۈچ خىل كۈچنى يوقىتىش» ۋە «جازا لاگېرلىرى» نى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ يوشۇرغاندەك، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز جىنايەتلىرىنى داۋاملىق شۇ مۇقامدا داۋام قىلىۋەردى.
ئەنۋەر سېيىت 2017-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ئەسلىدىكى نازىر شىرزات باۋۇدۇن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنلا تەيىنلەنگەن. بىزگە مەلۇم شىرزات باۋۇدۇن ئەينى چاغدا «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇققا» چېتىلىش، «دىنىي رادىكاللىق» نى تارقىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
خىتايدىكى ئەدلىيە نازارىتىنىڭ خىزمەت دائىرىسى، جىنايەتچىلەرنى ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش، ئادۋوكاتلارنى باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش، ئەدلىيە خىزمىتىنىڭ سىياسىي ۋە نەزىرىيەۋىي ئاساسىنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش. . . . دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدلىيە نازارىتى بولسا، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە ئايرىپ، ئۇلارغا «تۇپراقنى ئۆزگەرتىش پىلانى» تۈزۈپ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» كە رەھبەرلىك قىلغان.
يەنى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى بولسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى باشلامچى ئورگانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مەزكۇر ئورگان ئاتالمىش «مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىنلا، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى يوقىتىشتا «شىنجاڭنىڭ تۇپراق سۈپىتىنى ئۆزگەرتىش پىلانى» نى يولغا قويغانىدى. مەزكۈر پىلاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ۋە قايتا پەيدا بولۇش يوللىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش نىشان قىلىنغان. بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاتالمىش شىنجاڭ ئەدلىيە نازارىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن 200 مىڭ خىتاي مەمۇرلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزىلارغا چۈشكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئاساسىي قاتلامدىكى «تېرورچى، بۆلگۈنچى ۋە ئەسەبىي كۈچلەر» نى پىياز سويغاندەك، ئىچ-ئىچىدىن، قات-قېتىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە يوقىتىش، ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەردىن پۈتۈنلەي تازىلاش بولغان. دېمەك، ئەنۋەر سېيىت دەل بۇ پىلاننىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە شىنجاڭ ئەدلىيە نازارىتىدە بەش يىل خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئۆتكەن بۇ بەش يىلدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكلەردە قانچىلىك يەر ئالغانلىقىنى بۇ ۋەجىدىن سۆزلەش ئارتۇقچە. ئەمما خىتايغا ساداقەت بىلەن باغلانغان ۋە «تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان» لارنى يوقىتىشنى باش ۋەزىپە قىلغ ان مۇشۇنداق بىر ئەمەلدارنىڭ يەنىلا، «تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىش» ى كىشىنى ئەجەبلەندۈرمەي قالمايدۇ.
ئەنۋەر سېيىت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللەردە، ئۇيغۇر ئېلىدا «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى تازىلاشتا مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا شى جىنپىڭغا ساداقىتىنى ئىزچىل بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى. ئۇ ھەتتا 2021-يىلى 10-سېنتەبىردە خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئاچقان «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ «نازارەت قىلىنىدىغانلىقى» نى كۆرسىتىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت سىستېمىسىنى ئاقلىغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا 2022-يىلى ئاپرېلدا «كېسەك دۆلەتلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ بىر قېتىملىق تور يىغىنىدا، خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرىشىدە خەلقئاراغا يېڭى بىر ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ بەرگەنلىكىنى سۆزلىگەن. دېمەك، ئەنۋەر سېيىتنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېپىدە بەش يىلدىن بۇيان «خىزمەت قىلغىنى» غا كۆرە، ئۇنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئەيىبلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما باشقا جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلىنىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن.
بولۇپمۇ، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2012-يىلىدىن بۇيان «چېرىكلىككە زەربە بېرىش» شوئارى ئاستىدا، «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئۇيغۇرلار بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى مەلۇم قىلىش ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» لەر بىلەن بولغان چەك-چېگرانى تولۇق ئايرىپ، مەيدانىنى ئىپادىلەش دولقۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. ھەتتا ئۇيغۇر مەكتەپ بالىلىرىدىن تارتىپ، ئاددىي دېھقانلارغىچە، يېزا كادىرلىرىدىن تارتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرگىچە ھېچكىم قالدۇرۇلماي «مەيدانى ئېنىق بىلدۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان. ھەتتا «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت!» نامىدا مەخسۇس ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» تىن قول ئۈزۈشى ۋە «گۇمانلىق» لارنى پاش قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. مانا بۇ ھەرىكەتلەر دەل ئەنۋەر سېيىت باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئەدلىيە نازارىتىنىڭ «تۇپراق سۈپىتىنى ئۆزگەرتىش پىلانى» ئاستىدا يۈرگۈزۈلگەنىدى. بۇ «ھەرىكەتلەر» داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدا «تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ، ئۆتكەن بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان بىرقېتىممۇ تېرورلۇق ھەرىكىتى يۈز بېرىپ باقمىغان» لىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «خەلق» لەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ 99 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جاكارلانغانىدى.
دېمەك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇشى» غا ئېھتىياج كۆپ قالمىدى. ئەنۋەر سېيىتمۇ ھەتتا خەلقئارا سەھنىلەرگىچە چىقىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ «يالغانلىقى» نى ئىسپاتلاپ ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملىدى. ئەمدى ئۇنداق بىر ئۇيغۇر نازىرنىڭ خىتايغا ھېچبىر قىممىتى يوق. چۈنكى ئۇ بەرىبىر ئەنە شۇ «ئۈچ خىل كۈچ» كە مەنسۇپ گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسى. مەيلى خىتاي كومپارتيەسىگە قانچىلىك ساداقەت بىلدۈرسۇن، ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەيلى قانداق ساداقەت بىلدۈرسۇن، ئۇيغۇرلار مەڭگۈ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئائىلىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى دەپ قارالمايدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداق بولغانىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. ئەمما ئېھتىياج تۈگىگەندە خالىغان بۆھتانلار بىلەن يوقىتىدىغانلىقىمۇ شەكسىز. يەنە كېلىپ بۇنداق مىساللار تارىختا ئاز ئەمەس. مەسىلەن، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمنىڭ 2019-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلۈمىگە بەرگەن زىيارىتىدە، نۇر بەكرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇ، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەزكۇر سابىق رەئىسىنىڭ تۇتۇلۇشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بېكىتكەن ئۈچ جىنايىتى بار. يەنى، تېرورچى، بۆلگۈنچى ۋە ئەسەبىيدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەر. گەرچە نۇر بەكرىنى ‹ئۈچ خىل كۈچ› بىلەن باغلاش مۇمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ تۆۋەندىكى قېرىنداشلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋاتقان نارازىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، يۇقىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. يەنى، ئۇيغۇرلار نۇر بەكرىنىڭ دوستلىرى ئارقىلىق نۇر بەكرىگە تەكرار-تەكرار نارازىلىقلىرىنى مەلۇم قىلىۋەرگەندىن كېيىن، نۇر بەكرىمۇ تاقەت قىلالماي، ۋ اڭ ياڭ(ۋاڭياڭ بولسا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى) نى ئىزدەپ بارغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋاڭ ياڭغا يەتكۈزگەن. ۋاڭ ياڭمۇ بۇ ئەھۋاللارنى شى جىنپىڭغا دوكلات قىلغان. ئەمما شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىغان. ئەكسىچە نۇر بەكرىنى قولغا ئالغان».
يەنە بىر مىسالنى ئالساق، ئەنۋەر سېيىتتىن ئاۋۋال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ باشلىقى بولغان شىرزات باۋۇدۇنمۇ، 2003-يىلىدىكى «جىنايىتى» ئۈچۈن «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 2021-يىلى 12-ئاپرىلدا بۇ ھەقتە بەرگەن بىر خەۋىرىدە، شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئۈستىدىكى خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى دەلىللەنگەن.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىتلىشىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايغا سادىق ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاساسەن ئازىيىپ ماڭىدۇ. ئاقىۋەتتە، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئۆز مىللىتىگە خائىنلىق قىلغان، ئادالەتتە ئەمەس، مەنپەئەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى تاللىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلار پايدىلىنىش قىممىتى تۈگىگەندە خۇددى ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئوخشاشلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قارشى نۇقتىسىغا تىزىلىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ قىسمىتىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىللەتداشلىرىغا ئوخشاشلا يەر يۈزىدىن تەل-تۆكۈس يوقىتىلىش بولىدۇ.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.