خىتاي ھاكىمىيىتى ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن قانداق پايدىلىنىپ كەلدى؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.04.29
fushi-nuwa.jpg ياپونىيە ئوتانى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى تەرىپىدىن تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان، كورېيە مۇزېيىدا ئوتتۇرا ئاسىيا گالېرىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان فۇشى نۈۋا رەسىمى.
museum.go.kr

رىۋايەتلەرنى سىياسىي قورال قىلىپ پايدىلىنىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن بىر تۈرلۈك نەيرىڭى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە تۈرلۈك شەكىللەردە مەيدانغا چىقماقتا.

بۇ خىل نەيرەڭلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرقانچە مىسال كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئەدەبىياتىدا ئورۇن ئالغان «غەربكە ساياھەت» رىۋايىتىدىكى سۈن ۋۇكوڭ، تاڭ سېڭ قاتارلىق پېرسوناژلارنىڭ تۇرپاندىكى يالقۇنتاغدىن ئۆتكەنلىكىدەك بىر ۋەقەنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، تۇرپانغا سۈن ۋۇكوڭ، تاڭسېڭ ۋە جۇ باجېي قاتارلىق خىتاي ئەپسانىۋىي ئوبرازلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلىدى. خىتاي ئەپسانىلىرىدىكى «شى ۋاڭمۇ»، يەنى مەنە تەرجىمىسىدە «غەربتىكى بۇزرۇگۋار ئانا» دېيىلىدىغان ئەپسانىۋىي ئايالنىڭ بوغدا كۆلىگە كېلىپ ئارام ئالغانلىقىدەك رىۋايەتنى پەش قىلىپ، تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى بوغدا كۆلى ئەتراپىغا شى ۋاڭمۇنىڭ تەسۋىرىي سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاش ئويمىلارنى قويدى ۋە خىتايچە نەقىشلىك راۋاق-شىپاڭلار ياسىدى.

بوغدا كۆلىگە سېلىنغان ئىبادەتخانا.
بوغدا كۆلىگە سېلىنغان ئىبادەتخانا.
Public Domain

تارىختىن بۇيان خىتاي سۇلالىلىرى ۋە ھاكىمىيەتلىرى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. شۇڭا خىتايلار ئارىسىدا «بىر رىۋايەتنىڭ كۈچى، بىر قوشۇننىڭ كۈچىدىنمۇ زور بولىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يەنە خىتاينىڭ بۇ خىل ئەپسانە-رىۋايەتلىىردىن پايدىلىنىش نەيرىڭىنى شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش تەشۋىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. تۆۋەندە بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئۆرنەكلەردىن بولغان «شىۋاڭمۇ»، يەنى «غەربتىكى بۈزرۈكۋار ئانا» ئەپسانىسى بىلەن فۇشى-نۈۋا ئەپسانىسىنىڭ بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانداق سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:

يېقىندىن بۇيان شىنخۇا تورى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، شى ۋاڭمۇ ئەپسانىسى قايتا شەرھلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئەپسانىۋىي ۋە مەنىۋى ئانىسى ھېسابلانغان شى ۋاڭمۇنىڭ يىراق ئۆتمۈشتە غەربتىكى قاراقۇرۇم تېغىدا ياشىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەڭرىتاغ چوققىسىدىكى بوغدا كۆلىگە كېلىپ ئارام ئالغانلىقىغا ئائىت رىۋايەتلىك ھېكايىلەر كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا. بۇ خىل رىۋايەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەنە قاراقۇرۇم تاغ تىزمىلىرى (خىتايچە كۇئىنلۇن\كۈنلۈن تېغى)، خىتاي تارىخنامىلىرىدىكى «غەربىي رايون» بىلەن شى ۋاڭمۇنى ئۆزئارا باغلاپ تۇرىدىغان «جۇڭخۇا تەۋەلىكى» نىڭ تامغىسى بېسىلغان پاكىتتۇر، دەيدىغان تەشۋىقاتلارمۇ ئەۋج ئالماقتا.

ۋەھالەنكى، خىتايلارنىڭ شى ۋاڭمۇ رىۋايىتىنى قاراقۇرۇم تېغىغا باغلىۋېلىشى ئىلمىيلىك ۋە ئىلمىي پاكىتلار جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىر بىمەنە سەپسەتەدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى بۇ قاراش ئىلىمغا زىت، ھەتتا بۇ جەھەتتىكى بايان-شەرھىلەر بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك بولۇپ، پاكىتلارنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئەسلا يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭ پەقەتلا خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىنى ھەركىم ئىلغا قىلالايدۇ. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مايكېل لوۋ (Michael Loew) «خىتايلارنىڭ ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى» ناملىق كىتابىدا، تارىخىي پاكىتلارغا تايىنىپ، خىتاينىڭ شى ۋاڭمۇ رىۋايىتىنى قاراقۇرۇم تېغىغا باغلىۋېلىشى ۋە ئۇنى خىتاينىڭ داۋ تەرىقىتى (داۋجىياۋ) تىدىكى بىر قىسىم ئەقىدىلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشىنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن مەيدانغا چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردا بوغدا كۆلى ئەتراپىغا ئويۇلغان شى ۋاڭمۇ سۈرەتلىك تاش ئويمىلىرى.
يېقىنقى يىللاردا بوغدا كۆلى ئەتراپىغا ئويۇلغان شى ۋاڭمۇ سۈرەتلىك تاش ئويمىلىرى.
Public Domain

نورۋېگىيەلىك ئىنسانشۇناس ئالېسساندرو رىپپا (Alessandro Rippa) تارىخ ۋە فىلولوگىيە نۇقتىسىدىن شىۋاڭمۇ رىۋايىتىنىڭ تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن بولمىغان خاتالىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، ئىلمىي پاكىتلار ئارقلىق پاكىت كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىدىكى شىۋاڭمۇنىڭ قاراقۇرۇم تېغىدا ياشىغانلىقى ۋە بوغدا كۆلىدە ئارام ئالغانلىقىنىڭ بىمەنىلىك بىلەن تولغان ئەپسانىۋىي ئېيتىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا كەسكىن رەددىيە بېرىدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ رىۋايەتنى ھازىرقى ئۇيغۇر رايونىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش قىلمىشىنى خىتاينىڭ تارىخنى بۇرمىلاش ھەرىكىتىنىڭ رىۋايەتلەرگە «كۆچكەن» لىكىنىڭ، شۇنداقلا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتەسى ئۈچۈن يېڭى بىر ئاساس ھازىرلىماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسىتىدۇ.

تۈركىيە ئېگەي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، فولكلور تەتقىقاتچىسى ئالىمجان ئىنايەت «ئەپسانە ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە» (mythostrategy) ناملىق ماقالىسىدە، خىتاينىڭ رىۋايەتلەرنى قورال قىلىش نەيرىڭىنىڭ تارىختىن قالغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە شى ۋاڭمۇ رىۋايىتى ھەققىدە توختىلىپ، تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىدىن بۇيان شى ۋاڭمۇ رىۋايىتىنىڭ مەزمۇنىدا ھەر بىر دەۋردە ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە شى ۋاڭمۇنىڭ ئەپسانىۋىي ئوبرازدىن تارىخىي شەخسكە، خانىشقا ۋە بەزىدە پەرىشتە-ئىلاھقا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن ئالساق، خىتاينىڭ رىۋايەتلەرنى سىياسىي قورال قاتارىدا قوللىنىشىنىڭ ئارقىسىغا ئۇيغۇرلارغا خاس تارىخ ۋە ئېيتىملارنى يوقىتىش ياكى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايلارنىڭ مەنىۋىي قىممەت ئۆلچەملىرىنى زورلاپ تېڭىشتەك رەزىل نىيەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى مەلۇم.

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى 1980-يىللاردا يازغان «شى ۋاڭمۇ ھەققىدە يېڭى تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي ئەپسانىلىرىدىكى شى ۋاڭمۇ، ھىندى ئەپسانىلىرىدىكى ئۇما ۋە قەدىمكى تۈرك ئەپسانىلىرىدىكى ئومايدىن ئىبارەت ئۈچلا ئوبرازنىڭ كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئورتاق بىر مەنبەگە باغلىنىدىغانلىقى، يەنى بىر ئەپسانىۋىي ئوبرازنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئېيتىمىدىكى ئىپادىسى ھەمدە ئاز-تولا پەرقلىق ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەدىب ئۇچقۇنجان ئۆمەر نەشىرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى» ناملىق كىتاپتا، خىتاي رىۋايەتلەردىكى شى ۋاڭمۇنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھېكايە-رىۋايەتلىرىدىكى ئەپسانىۋىي ئايال قەھرىمان ئوماي ئانا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئوماي ئىلاھ تۈرك ئەپسانەشۇناسلىقىدا ئاياللار (ئانىلار) ۋە بالىلارنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھىي ياكى ھامىيسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر ئەپسانىلىرىدىمۇ ئۇماي ئانا ئادىمىزاتنىڭ ئانىسى ۋە ھاياتلىق مەنبەسىگە سىمۋول قىلىنغان. قەدىمكى تۈرك ئەپسانىلىرىدە ئۇماي ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئىلاھى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇڭىمۇ مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك» تە «ئۇمايغا تېۋىنسا، ئوغۇل تۇغۇلۇر» دېگەن ماقالنى تىلغا ئالغان. تۈرك-ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا نەزەر سالساق، كۆك تەڭرى ئېتىقادى دەۋرلىرىدىن باشلاپلا ئوماي ئانا ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، ئۇلارغا روھىي ئىشەنچ ۋە كۈچ بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئوماي ئانا ئېتىقادى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوڭقۇر ئاڭ قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، كېيىنچە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ تۇغۇت ۋە بۆشۈك مۇراسىملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ كەلگەن.

شى ۋاڭمۇ رىۋايىتى ھەققىدە مەيلى خىتاي تارىخچىلىرى بولسۇن ياكى چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار بولسۇن، ئۇلاردا بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان توقۇنۇشلۇق پىكىرلەر ۋە دە-تالاشلار مەۋجۇت، شۇنداقلا بۇ ھەقتە داۋاملىق يېڭى تەتقىقاتلار بارلىققا كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شى ۋاڭمۇنى قۇرۇم تېغى ۋە بوغدا كۆلىگە باغلاپ شەرھلىشى، ئىلمىي پاكىتلارنى نەزەرگە ئالمىغانلىق بولۇپ، نوقۇل سىياسىي مۇددىئانى مەقسەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس.

خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان يەنە بىر رىۋايەت فۇشى نۈۋا رىۋايىتى بولۇپ، خىتايلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدە بۇ رىۋايەت كىشىلەرنى باش ئەگمەسلىك ۋە قەيسەرلىككە دەۋەت قىلىدىكەن. خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان فۇشى نۈۋا ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن رەسىمنى كوزېر قىلىپ، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى رايونىدا مەخسۇس فۇشى-نۈۋانىڭ تەسۋىرىي ھەيكىلىنى قاتۇرغان، شۇنداقلا مۇزېي، ساياھەت پروگراممىلىرىدا بۇ رىۋايەتنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ كەلمەكتە. خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى بۇ رەسىمنىڭ تۇرپاندىن تېپىلىشى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر رايونىدا ياشىغان مىللەتلەر بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ياشىغان خىتايلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ بىر تۇتاش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ داۋراڭ سالماقتا. خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىدا يەنە خىتاي مىللىتى ئورتاق دۇنيا قارىشى ۋە پەلسەپەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۇرپاندا ياشىغان خەلقلەر ئارىسىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتقان دېگەن بايانلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئەمما ئىلىم دۇنياسىدا بۇ خىل فۇشى-نۈۋا رەسىملىرىنىڭ مۇتلەق ھالدا فۇشى-نۈۋا رىۋايىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقى، بەلكى بۇرۇتلۇق، قاڭشارلىق قىلىپ سىزىلغان ئوبرازلارنىڭمۇ كۆرۈلىدىغانلىقىغا ئائىت پاكىت ۋە كۆزقاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ تىمسالى سۈپىتىدە يەنە بىر پاكىت كۆرسىتىپ ئۆتىمىز: كورېيە دۆلەتلىك مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچى خادىمى ياڭۋۇ كۋون (Youngwoo Kwon) ئىلگىرى ياپونىيە ئوتانى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى تەرىپىدىن تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان، ھازىر كورېيە دۆلەتلىك مۇزېيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا گالېرىيەسى بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان فۇشى-نۈۋا رەسىمى ھەققىدە خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشىمايدىغان پەرقلىق كۆزقاراشلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ بايانىچە، كاناپ رەختكە سىزىلغان بۇ رەسىمنىڭ تارىخى بۇندىن 1300 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە يەنى 7-ئەسىرگە تۇتىشىدىكەن. رەسىمدە قوللىنىلغان تېخنىكا ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتى ۋە كۇچادىكى قىزىل مىڭ ئۆي تاشكېمىرلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇسلۇب ئىكەن. رەسىمدىكى ئوبرازلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدىن قارىغاندا، يەڭ ئېغىزىنىڭ تار بولۇشى، يۇمۇلاق ياقا ۋە جىيەك نەقىشلىرى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر شۇ دەۋردىكى تىپىك ئوتتۇرا ئاسىيا كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەن. رەڭ ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ۋە رەسىمدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر قىسىم ئاسمان جىسىملىرى تەسۋىرلىرىمۇ ئىلگىرى بۇ جايدىن تېپىلغان ساپال قاچا ۋە توقۇلما بۇيۇملاردا ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. مۇزېي تەتقىقاتچىسى ياڭۋۇ كۋون ئاخىرىدا رەسىمدىكى ئىككى ئوبرازنىڭ ئىلاھلارغا سىمۋوللۇق قىلىنغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالەم ۋە ئادەمنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى ئېتىقاد-چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ، بۇ رەسىم قوچو ئۇيغۇر خانلىقىدا ياشىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىجادىيىتى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن ئاخىرىقى قىياسنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەنە بىر پاكىت شۇكى، ياپونىيەلىك ئالىملاردىن ئوكائۇچى مىتسۇزانې (Okauchi Mitsuzane) مۇ ياپونىيەدە چىقىدىغان «يىپەك يولى تەتقىقاتى» ناملىق ژۇرنالدا، بۇ رەسىم ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ئاپتور ماقالىسىدە بۇ ئوبرازلاردا ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا ئوبرازى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىش ھېكايىسى ئەكس ئەتكەن، دەپ قارايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ رەسىمنىڭ يىل دەۋرى كۆرسىتىلگەن دەۋرلەردە، يەنى قوچو ئۇيغۇر خانلىقىدا ئۇيغۇرلار خانلىقنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ، خىتايلار ھېچ قاچان بۇ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. شۇنداقكەن، خىتاي ئاھالىسى بولمىغان بىر ئەلدە خىتاي مىللىتىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە پەلسەپەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

يۇقىرىقى پاكىتلار ئىلىم دۇنياسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنچە ئاسان يەكۈن چىقىرىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى؛ بازارغا سېلىنىۋاتقان خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولمىغان يەكۈن ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، خىتايلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قىلمىشى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئورتاق گەۋدىسى» تەشۋىقاتىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان مۇستەملىكىچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى، خالاس. ھالبۇكى، ئىلمىي پاكىتلار ۋە دۇنيا ئىلىم ساھىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلمىي شەرھىيلىرى، خىتاينىڭ بۇ رەزىل سىياسىي غەرەزلىرىنى كەسكەن رەت قىلىدۇ!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.