«ئەپيۇن ئۇرۇشى» دىن «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» غا بىر نەزەر
2024.02.05

بۇنىڭدىن 27 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «بارىن ئىنقىلابى» دىن كېيىن خىتاي تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك قانلىق قىرغىنچىلىققا ئۇچراش پاجىئەسىدۇر. ھالبۇكى، بۇ قانلىق پاجىئە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خەلقئارا تېررورىزم» غا باغلاپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلدى. خىتاي مەزكۇر تەشۋىقاتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، يوقىتىش، ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن ئۇستىلىق بىلەن قېچىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ كەلدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئويغىنىش ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدۇر. بۇ مىللىي ئويغىنىشقا سەۋەب بولغىنى دەل ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان تۇيۇقسىز باش كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك تارقىلىشىدۇر.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش مەسىلىسى ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغان بىر ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلار بولۇپ، دىنىي ئېتىقاد نۇقتىسىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەم چەكلەنگەن، ھەم ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدىغان قىلمىش ھېسابلىناتتى. شۇنداق بولغاچقىمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ھېچ ۋاقىت چېكىملىك ياكى ئىچىملىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقالغانلىقىغا دائىر بىرەر تارىخىي ۋەقە يۈز بەرگەن ئەمەس. ھەتتا 18-19-ئەسىرلەردە خىتايلار ئارىسىدا ئەپيۈن چېكىشكە خۇمار بولۇش ھادىسىسى مىللىي زەئىپلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن دەۋرلەردىمۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق بىر ھادىسە ئەسلا يۈز بەرمىگەنىدى.
خىتاي مەنبەلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان زەھەرلىك چېكىملىكلەر «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» رايونلىرىدىن قانۇنسىز ۋە ئەتكەس يول بىلەن كەلگەن دېيىلگەن، مەيلى قانداقلا يول بىلەن كىرگەن بولمىسۇن، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشىنى نورمال ھادىسە دەپ قاراشقا بولمايتتى. ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇشى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك كۆپىيىشى كىشىنى ئويلاندۇراتتى. بۇ ھەقتە ئىلھام توختى ئەپەندى «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان «ئەيدىز خەۋپىدىكى شىنجاڭ» ناملىق يازمىسىدا مۇنداق يازغان: «مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك ياكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا پەقەتلا ئىشەنمەي كەلگەنىدىم. ئەمما بۇ قارىشىمنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كېچىكىپ ھېس قىلدىم. 1997-يىلىدىكى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، شىنجاڭلىقلارنىڭ 57.3 پىرسەنتى شىنجاڭدا ئەيدىزنىڭ تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى يېزىلغان. پەرىزىمچە، بۇ ساننىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ…» . ئىلھام توختى مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە 2010-يىلىغىچە بولغان ئەيدىزدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى سانلىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى بولغان chinanews. com دا 2000-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى خىتاي بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجاغا مەركەزلەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىشتىن ئاۋۋالقى بىر قانچە يىلدا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «مەشرەپ» ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى زەھەر ۋە ئەيدىزدىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشى قىلچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى؛ بەلكى بۇ ھەرىكەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاي يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەپيۈن چەكلەش قەھرىمانى دەپ تەرىپلەنگەن لىن زېشۈينىڭ زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىدىن ماھىيەت جەھەتتە پەرقسىز بىر ھەرىكەت ئىدى! لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەر ۋە ئەيدىزگە قارشى كۈرىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشىغا ئەمەس، بەلكى كەسكىن توسقۇنلۇق قىلىشى ۋە قانلىق باستۇرۇشىغا دۇچ كەلدى.
ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغان 1995-يىلىدىن باشلاپلا، غۇلجا خەلقى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، «ئۇيغۇر مەشرىپى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلانغانىدى. ئەمما بۇ ھەرىكەتنى خىتاي قانداقتۇر «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ قارىلاپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى. زەھەر چەكلەشنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي شەكىلدە يامرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئاقىۋەت، 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىككە قارشى دەس تۇرۇپ، كوچىلارغا تۆكۈلۈشى ۋە ئۆز ھەقلىرىنى قوغداش ھەرىكىتى مەيدانغا كەلدى. ئەمما بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ قوراللىق شەكىلدە قانلىق باستۇرۇشى بىلەن پاجىئەلىك ئاياغلاشتى. دېمەك، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتنى قۇتقۇزۇشنى نىشان قىلغان ئۇيغۇرلار، خىتاي تەرىپىدىن تارىختىكى لىن زېشۈيدەك «قەھرىمان» دەپ سۈپەتلەنمىدى ھەم قارشى ئېلىنمىدى. ئەكسىچە، «تېررورچى» سۈپىتىدە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈش قىسمىتىگە مەھكۇم بولدى!
دېمەك، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەنى ئەسلىگىنىمىزدە، مۇنداق بىر سوئال ئۈستىدىمۇ ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. يەنى تارىختا خىتايلارنىڭ لىن زېشۈي ئارقىلىق ئەپيۈن چەكلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى بىلەن 90-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ ئارقىلىق ئەيدىزگە ۋە زەھەرگە قارشى تۇرۇشىنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بار ئىدى؟ ئەگەر لىن زېشۈي ئۇيغۇر بولۇپ، غۇلجادىكى «مەشرەپ» ئارقىلىق زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىگە باش بولغان بولسا، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرەرمىدى؟
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ۋە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشى ئەمەس. مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرگە بولغان كوللېكتىپ سەزگۈرلۈكى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە بىرلىشىش روھىدۇر. خىتاينى قورقۇتقان نەرسە دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-ماماتتا ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى كۈچ ھاسىل قىلالىشىدۇر. چۈنكى خىتاي 90-يىللارنىڭ باشلىرى يۈز بەرگەن «بارىن ئىنقىلابى» بىلەن تەڭلا ئۇيغۇرلارغا «ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارغا شۇ ۋاقىتلاردا «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقىنىڭ كىيدۈرۈلۈشىنىڭ ئۆزىلا، كېيىنكى «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ پاجىئەسىنى بەلگىلەپ بولغانىدى دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى 90-يىللاردا ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەڭسىز سىياسەتلىرىگە قارشى تەشكىللىك قارشىلىق كۆرسىتەلىشىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھالقىلىق مىنۇتلاردا جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ، دۈشمەنگە قارشى ئىتتىپاقلىشالايدىغان روھىنى نامايان قىلغانىدى. دەل ئۇيغۇرلاردىكى بۇ روھ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش سىرتقا ئىشىكنى ئېچىشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك قىسمەتكە دۇچار بولۇش ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. چۈنكى، 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە شەرقىي ياۋروپادا يۈز بەرگەن بىر قاتار دېموكراتىيەلىشىش ھادىسىلىرى، خىتاينى تېخىمۇ چوڭ سىياسىي ئەندىشىلەرگە مۇپتىلا قىلغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى يوقىتىۋېتىشلا خىتاينىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان بىردىنبىر يولغا ئايلىنىپ قالغانىدى.
دېمەك، خىتاي زېمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان، تەبىئىي بايلىقلارغا مول، گېئو-سىياسىي ئورنى ئالاھىدە مۇھىم بولغان بۇ ئالتۇن تۇپراق خىتاي ئۈچۈن ئەسلا ۋاز كېچىلمەس بىر زېمىن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلاردەك مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ۋە ھۆرلۈككە ئىنتىلىپ تۇرغان بىر مىللەتنىڭ مەزكۇر تۇپراقتىكى مەۋجۇتلۇقى، خىتاي ئۈچۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك قىسمەتكە قېلىشىغا سەۋەب بولغۇدەك ئېغىر بىر تەھدىت ھېسابلىناتتى. شۇڭا خىتاي ئۆزىنىڭ ئىسلاھات سىياسىتى بىلەن تەڭلا، ئۇيغۇرلارنى قانداق ئىدارە قىلىش ئۈستىدە كۈچلۈك باش قاتۇرۇشقا باشلىغان. ھەتتا ئاپتونوم رايوننى ۋە مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى بىكار قىلىش قاراشلىرىمۇ دەل بۇ دەۋردە خىتايدا قىزىق تېما بولغان. ھالبۇكى، بۇ دەۋردە خىتاي تېخى يېڭىلا دۇنياغا ئىشىكىنى ئاچقان، شۇنداقلا دىڭ شياۋپىڭ تەكىتلىگەن «سوققان چوتنى ئاشكارىلىماسلىق» (韬光养晦) يولىدا كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھەقلىرىنى بىكار قىلىشتەك بۇ ئۇرۇنۇشقا تەۋەككۈل قىلالمىغان ئىدى. چۈنكى خەلقئارادىمۇ خۇددى سېربىيە ھۆكۈمىتى 1989-يىلى كوسوۋو ئاپتونوم ئۆلكىسىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە كوسوۋولۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە سەۋەب بولغانىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغىمۇ، شەرقىي ياۋروپادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەردە بەزى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغىمۇ دەل كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلمىگەنلىكى سەۋەب بولغانىدى. خىتايمۇ يۇقىرىقىدەك خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى بىكار قىلىش بىلەن ئۆزىگە ئىش تېرىۋېلىشنى خالىمايتتى.
شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ئۈچۈن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش، ئەڭ ياخشى يول بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئۇسۇل دەل ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىنى ئەپچىللىك بىلەن بۇرمىلاش ئىدى. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر مىسالنى تىلغا ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. يەنى يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك ئىككى خىتاي ئەمەلدارى جازالاندى. بۇ ئىككى خىتاينىڭ بىرى بولغان ۋە «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسى» نىڭ پىلانلىغۇچىسى خۇ ليەنخې ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇرمىلىنىشىدىكى ھالقىلىق شەخسنىڭ بىرىدۇر. خۇ ليەنخې، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدەك بۇ، ماھىيەتلىك خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تېررورچىلىرى ۋە بۆلگۈنچىلىرى» دەپ بۇرمىلاش يولىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە كۆرسەتكەن شەخستۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى «شەرقىي تۈركىستان تېررورچى ۋە بۆلگۈنچىلىرى» قالپىقى بىلەن خەلقئارالاشسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. چۈنكى «ئىسلام تېررورلۇقى ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى» ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك زەربە بېرىش نىشانى ئىدى. بۇ ۋەجىدىن خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى «شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ئىسلام تېررورلۇقى ۋە بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى» دەپ بۇرمىلىغىنىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىشقا بولاتتى. خۇ ليەنخې يەنە خۇ ئەنگاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان «مىللەتلەرنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدە قىلىۋېتىش (ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش) دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى» ناملىق ماقالىسىدە مىللەتلەر مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق، ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ ئۆز مىللىتىگە ۋەكىل بولۇۋېلىش ياكى رەھبەر بولۇۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا، خىتاي پارچىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، يەرلىك مىللەتنىڭ سەرخىللىرىغا مىللەت ۋەكىلى ياكى مىللەت رەھبىرى بولۇش پۇرسىتىنى ئەسلا بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنىمۇ يازغان.
دېمەك، «بارىن ئىنقىلابى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەق-ھوقۇق كۈرىشى» نامىدا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولغان «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىندى. 1996-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقى بىلەن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش خىتايدا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولدى.
دەرۋەقە، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» خىتايدا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش قانۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى. ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرى ئۈچۈن كوچىلارغا تۆكۈلگەن غۇلجا ياشلىرى، دەل بۇ سەۋەب بىلەن خىتاينىڭ ھاكىمىيەت دۈشمىنى سۈپىتىدە قانلىق باستۇرۇلدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي يەنە «بارىن ئىنقىلابى» بىلەن «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ۋە شۇلاردىن كېيىن يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەلەر بىردەك «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقى بىلەن كاتېگورىيەلەندۈرۈلدى. شۇنداقلا بۇلار خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جىنايىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈنمۇ دەستەك قىلىندى.
خىتاي تارىخىدا غەرب مۇستەملىكىچىلەرنىڭ خىتاي خەلقىنى ئەپيۈن بىلەن زەھەرلىشىگە قارشى ئەپيۈن ئۇرۇشى قوزغىغان خىتاي، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەرگە قارشى كۈرەشلىرىنى قانلىق باستۇردى. ئەپيۈن ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى بولغان لىن زېشۈينى «قەھرىمان» دەپ كۈيلىگەن خىتايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ «مەشرەپ» تىن ئىبارەت مىڭ يىللىق ئەنئەنىسى بىلەن زەھەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىدى.
شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي مەيلى قانداق ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلىماقچى بولسۇن، ھامان مەغلۇپ بولىدۇ. «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن مەيدانغا كۆكرەك كېرىپ چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى، «بارىن ئىنقىلابى» دىكىدەك ئادالەت ئۈچۈن جاندىن كەچكەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ روھى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ مەشئەل بولۇپ چاقنايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەت كۈرىشى بىلەن ياندۇرغان بۇ نۇرلۇق مەشئىلىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. بەلكى بۇ مەشئەل ھامان بىر كۈنى خىتاينى ئۆز جىنايەتلىرى بىلەن كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇرىدۇ!
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.