غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىگە سوئال قويۇشقا باشلىدىمۇ؟
2022.07.01
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرىۋاتقانلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغىمۇ قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمكتە.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «بازار ئۇچۇرلىرى» گېزىتى 29-ئىيۇن ئېلان قىلغان «بېيجىڭنىڭ ئوبرازى سۇنماقتا، دۇنيا خىتايغا باشقىچە قارىماقتا» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرى ۋە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن بولغان «چىگراسىز چۇڭقۇر دوستلۇقى» كىشىلەرنى خىتاي توغرىسىدا قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇرلىغان بولۇپ، غەربتە خىتاي ئوبرازىنىڭ چۆكۈشى تارىختا كۆرۈلمىگەن يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان. كىشىلەر خىتاي كەبى مۇستەبىت دۆلەتلەر ھەققىدە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە غەرب قىممەت قارىشى توغرىسىدا باشقىدىن ئويلىنىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلىشقان. بۈگۈنگە كەلگەندە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق ياۋروپالىقنىڭ نەزەرىدە خىتاي بولسا مۇستەبىت، دېكتاتور، زالىم بىر دۆلەتكە ئايلانغان.
باۋارىيە تېلېۋىزىيە قانىلى 29-ئىيۇن تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قورغىنى ياۋروپادا: غەربنىڭ ئەخلاقىي ئەۋزەللىكى بىر كىنايىدۇر» ناملىق ماقالىدە تىلغا ئېلىشىچە، 26-ئىيۇن باۋارىيەنىڭ ئەلمو قەلئەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 يىغىنىدا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب قىممەت قارىشىنى قەتئىي قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا باشقىدىن جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش مەسىلىسى مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭغا بىنائەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رەھبەرلىرى 28-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئاخىرىقى بىرلەشمە باياناتىدا «بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلىمىز» دېيىش بىلەن بىرگە «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى داۋاملىق قوغدايمىز، شۇنداقلا خىتاينى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز، تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىزنىڭ زور ئەندىشىمىز دائىرىسىدىكى ئىشلاردۇر،» دېگەن ئىبارىنى قوللانغان.
ماقالە ئاپتورى ماكسىمىلىيان بۈخنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغىمۇ قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارىكەن. كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈشتە قوش ئۆلچەم قوللىنىش، غەربلىكلەرنىڭ ئەخلاقىي ئوبرازىنى كۈلكىلىك بىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ «بىز راستىنلا خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ياخشىمۇ؟» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرى ئىنسانىيەتسىزلىكنىڭ يەنە بىر ئېچىنىشلىق ئابىدىسىنى ياراتتى. بۇ يەردە بىر پۈتۈن مىللەت ئومۇميۈزلۈك تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى، نازارەت قىلىندى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى ھەمدە جازا لاگېرلىرىدا كەڭ كۆلەمدە خورلاشلارغا، قايتىدىن تەربىيە ئېلىش زوراۋانلىقلىرىغا دۇچ كەلدى.»
ماقالىنىڭ «دېموكراتىيەنى دېكتاتورلۇققا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ» ناملىق بۆلىكىدە، غەرب رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۆلەت ئىچىدە بىر خىل، خەلقئارادا بىر خىل سىياسەت يۈرگۈزمەسلىككە چاقىرىدۇ. ماقالىدە ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئېڭى بولمىغان رەھبەرلەرنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن ئوزۇق ئېلىشقا ئىھتىياجى بارلىقى، پەقەتلا ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلەلمىگەن رەھبەرلەر كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئاچسا، ئۆزىنى مەسخىرىلەرگە گىرىپتار قىلىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۆلەت چىگراسى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىغا دائىر مەلۇماتلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى، بولۇپمۇ يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» گېرمان پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا زور بۇرۇلۇش پەيدا قىلغان. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
ئاۋسترىيەنىڭ «تارازا» ژۇرنىلى 29-ئىيۇن ئېلان قىلغان «دۆلەت ئىگىلىكىدىكى OMV شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ۋەدىسى» ناملىق ماقالىسىمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئەخلاقىي، ئىنسانىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىش زۆرۈرلىكىگە بېغىشلانغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختالماقتا. خىتاينىڭ غەربىدە ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي تەربىيە ئاستىغا ئېلىنغان. تۇتقۇنلارنىڭ تەن جازاسىغا، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ۋە مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا. پولاتتەك پاكىتلار تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ تەجرىبە بويۇمىغا ئايلانغانلىقىنى، مەجبۇرىي مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقانلىقىنى، نارىسىدىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. ئۇ رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەك بولسا كۈندىلىك نورمال ھاياتقا ئايلانغان. 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مېڭە يۇيۇش ۋە خورلاشلىرىغا دائىر ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.»
مەزكۇر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان OMV شىركىتى ئاۋىسترىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى بولۇپ، 24 مىڭ خىزمەتچىسى بولغان بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شايار ناھىيەسىدە خىتاينىڭ 17 نېفت قۇدۇقىدىن قاچقان پاتقاق گازىنى يىغىۋېلىش تېخنىكىسىغا مەسئۇل خادىملىرى ئىشلەيدىكەن. ماقالىدە «قوغدالمىغان زېمىننىڭ مۇھىتىنى قوغداش» قا مەسئۇل بولغان ئاۋسترىيەلىك بۇ خادىملار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىنغان. OMV شىركىتى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ھەم بۇ جەھەتتە خاتالىق سادىر قىلمايدىغانغا ۋەدە بەرگەن.