«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2023.02.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە ئەسلىمىلەر (2) خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى، غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنى قانلىق باستۇرغان.
Yettesu

1997-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قىرغىنچىلىققا ئۇچراش پاجىئەسىدۇر. بۇ پاجىئەنىڭ يۈز بەرگىنىگە گەرچە يىگىرمە نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ تەپسىلاتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلىغىنى يوق. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىقلىرىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر ۋەقەنى «خەلقئارا تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى» گە باغلاپ ئىزچىل قارىلاپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «خەلقئارا تېرورلۇق» قا باغلىشى، «بارىن ئىنقىلابى» بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى «خەلقئارا تېرورلۇق تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈش بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قانۇنىي يول ھازىرلىغان ئىدى.

بۈگۈن شۇ ئۆتمۈشىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئىسلاھاتتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىنى ئەپچىللىك بىلەن بۇرمىلىغانلىقىنى ۋە بۇ بۇرمىلاشلاشلاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزەرىدىكى ئوبرازىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ھالبۇكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىزنى ئەقىل بىلەن كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش، مەۋجۇت كرىزىسلاردىن قۇتۇلۇشىمىزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىللىرىدىن بىرىدۇر.

ئۇنداقتا، نەزەرىمىزنى ئۆتكەن تارىخقا ئاغدۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى ئارتقان ئاشۇ دەۋرلەرنى ئەسلەپ باقايلى.

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى خىتاي ئەمدىلا ئون يىللىق قالايمىقانچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزستىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەشكە باشلىغانىدى. دەل شۇ پەيتتە «ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش» خىتاي دۆلىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ قارالدى. ھالبۇكى، خىتاي بىر مىللىي دۆلەت بولماستىن، بەلكى دۆلەت ئىچىدە «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» يولغا قويۇلغان «كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» ئىدى. ناۋادا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلسا، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى خەلقلەرنىڭ «مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى» نى ئەڭ كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت. موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى چاندۇرۇپ قوياتتى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خىتاينى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق يوللىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇيالايدىغان چارە تېپىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن، 1975-يىلى ئەمەلدىن قالاۇرۇلغان بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، خىتاينىڭ ئىسلاھاتنى يولغا قويغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تېزگىنلەشتىكى دەسلەپكى قەدىمى بولدى. ئەمما بۇ ھادىسە ئىككى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە، يەنى ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» تەلەپ قىلىشتەك قارشىلىق ھەرىكىتىگە سەۋەب بولدى. بۇ شۇئارلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاينى تېخىمۇ چۆچۈتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ئىستىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەلەپلىرى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا، بىر مىللەتنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھەققىنى چەكلىگەنلىكىدەك جىنايىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىراتتى. تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى، بۇ ھادىسە ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىچ يۈزىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

1989-يىلى يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» خىتاي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە ئېلىپ كىردى. بۇ ۋەقەنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ «غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى» نى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىزىنى باسمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. خىتاينىڭ ئىككىنچى ئەۋلات رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا ۋەزىيىتى ھەققىدە شۇ مەزگىللەردە بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەيران بولۇشى غەربنىڭ تەسىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بوشاڭلىقىدىن بولغانىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولىدا مېڭىش خىتاينىڭمۇ «پارچىلىنىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. ئاقىۋەتتە، دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان «دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش ئەندىشىسى» خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقنىڭ كاللىسىنى غەربكە قارشى ئىدىيە بىلەن يۇيۇشىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر قورالغا ئايلاندى. بۇ قورال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن قارىلىشى ۋە يىللارچە زۇلۇم قىلىشىغا خىتاي خەلقىنىڭ سۈكۈت قىلىشىدەك بىنورماللىققا شارائىت ياراتتى.

مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، 1990-يىلى يۈز بەرگەن «بارىن ئىنقىلابى»، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقى بىلەن بۇرمىلاشتىكى تۇنجى قەدىمى بولدى. «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىققوللۇق بىلەن يۈرگۈزىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىدى. چۈنكى بۇ سىياسەت سەۋەبلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە توختىماي ئېقىپ چىقىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيەتلىرى بارغانسېرى تارىيىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئىنقىلابنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئەمەلىيەتتە خىتاي دەۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا قارشى كۆرسەتكەن قارشىلىقى ئىدى. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىقلىرىنىڭ ماھىيىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرمىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار خىتايدىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە، قوللىشىغا، ھېسداشلىقىغا ئەمەس، ئەكسىچە نەپرىتىگە، قورقۇنچىغا ۋە چەتكە قېقىشىغا دۇچ كەلدى.

«بارىن ئىنقىلابى» نىڭ «رادىكاللىق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن بۇرمىلىنىشى، ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۇەننىڭ «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا كۈچلىنىشىگە تېخىمۇ داغدام يول ئاچتى. شۇ چاغلاردىن باشلاپلا خىتاي ئىچىدە دۆلەتنىڭ پارچىلانماسلىقى ۋە بىخەتەر بولۇشىنىڭ ئاساسى «بۆلگۈنچى ۋە ئەسەبىي كۈچلەرنى يوقىتىش» ئىكەنلىكىدەك تەشۋىقاتلار كۈچلۈك رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلدى. خىتايدا «بۆلگۈنچىلىك»، «ئەسەبىيلىك» تېمىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارغا باغلىنىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا تىجارەتكە ماھىرلىقى، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، پەزىلەتلىكلىكىۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى تاڭ قالدۇرغان ئۇيغۇرلار، 90-يىللاردىن كېيىن ئاستا-ئاستا «ئوغرى»، «يانچۇقچى»، «زەھەر ئەتكەسچىسى»، «رادىكال»، «بۆلگۈنچى» دەپ قارىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنىڭ خۈنۈكلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يەنە بىر تۈركۈم ئاجايىپ قىسمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىشكە باشلىدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىدا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كىرىلىشى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، زەھەر چېكىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋاللىرى ئېغىرلاپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇر ئۇيغۇر ئائىلىلىرى خانىۋەيران قىلىندى. يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىگە قالدى. 90-يىللار ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغان قورقۇنۇچلۇق يىللار بولغانىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھېچقانداق ئۈنۈملۈك چارە قوللانمىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، غۇلجانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «مەشرەپ يىغىلىشى»، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي ئەخلاقى ۋە دىنىي-ئېتىقاد پرىنسىپلىرى بويىچە تەربىيىلەپ، قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قۇتقۇزۇشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىۋاتقان «ئۇيغۇر مەشرەپ» پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى.

1996-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» ئېلان قىلىپ بىر يىل بولغاندا، يەنى 1997-يىلى فېۋرالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەشرەپ يىغىلىشى» نى خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىغان «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ قارىلىغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى بۇ سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغانلىقىدىن ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇرلار خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقى بىلەن قارىلىنىپ، ئىزچىل ھالدا تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك جىنايەتلىرى دەل بۇ «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى ئاستىغا كۆمۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزەرىدىن يىراق قالدۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «خەلقئارا تېرورلۇقنىڭ بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، تاكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان 2017-يىللارغا قەدەر، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئاراغا «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى»، «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بىر ئۇچۇم ‹شەرقىي تۈركىستانچى›لارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» دەپ تەشۋىق قىلىندى. تېخىمۇ ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، ھەتتا بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارمۇ خىتاي تەمىنلىگەن تەشۋىقاتلارغا ئاساسلىنىپ، بۇنى شۇنداق چۈشەندى ۋە قوبۇل قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە قانداق زۇلۇملارغا ئۇچرىغان بولمىسۇن، ئىنسانلىق ھەقلىرى قانچىلىك دەپسەندە قىلىنمىسۇن، خېلى ئۇزۇنغىچە خەلقئار جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە دىققىتىگە مۇيەسسەر بولالمىدى.

ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكى» ھەققىدىكى قاراشلىرى، شۇنداقلا بۇ قاراشلىرى سەۋەبلىك «ئۈچ خىل كۈچ» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا قايتىدىن دىققەت نۇقتىسىغا ئېلىنىشىغا يول ئاچتى. خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە خەلقئارادىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «خەلقئارا تېرورلۇق» قا باغلىشىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. 2017-يىلى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتېيىدا شى جىنپىڭنىڭ غەربكە جەڭ ئېلان قىلىشى ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كەلگەنىدى. مانا بۇ پەيتتە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش غەرىزىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى.

بۈگۈن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ، خەلقئارانىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلاندى. بۇ ۋەجىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىمۇ، مۇقەررەر يوسۇندا غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ۋۇجۇتقا كېلىدىغانلىقىدا شەك يوق. «بارىن ئىنقىلابى» دا، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دا، «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» دە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا ۋە ياكى «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» دا بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن؛ لاگېرلارغا قامالغان، ئۆلتۈرۈلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىليۇنلىغان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقلىرىنى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىدا تېخىمۇ شەك يوق. چۈنكى جاھان جاھان بولغاندىن بۇيان جاھالەت، قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەت مەلۇم زامان ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئادالەت ھامان جاھالەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ كەلگەن. تارىختىن بۇيان بۇ ھەقىقەت ئۆزگەرگىنى يوق، شۇندقلا بۈگۈنمۇ، ھەم كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ!

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.