«2024 قارا قۇرۇمدا قەسەمياد» ناملىق قوراللىق سەپەرۋەرلىك مانىۋېرى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
2024.07.09

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە «2024 قارا قۇرۇمدا قەسەمياد» ناملىق قوراللىق سەپەرۋەرلىك مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مانېۋىرغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي قاتناشقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەققىدە بىر قىسىم يوليورۇقلارنى بەرگەن. ما شىڭرۇي يەرلىك دائىرىلەردىن شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە كەسكىن، ئېنىق ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي مەنبەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر مانېۋىر «خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى، ئارمىيە ۋە خەلق ئەسكەرلىرى بىرلىشىپ تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرۇش» ئۇسلۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان.
بىز مەزكۇر ئوبزورىمىزدا بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش سەۋەبى، ما شىڭرۇينىڭ سۆزىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق ئىبارىلەر ۋە مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىمىز.
خىتاينىڭ مەزكۇر مانېۋىرنى مەخسۇس«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» كۈنىگە توغرىلاپ ئېلىپ بارغانلىقىدىن قارىغاندا، مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسەتلىرىنى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بىرەر خەۋپ تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق. شۇنداق تۇرۇقلۇق، خىتاي يەنە نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر مانېۋىرنى مەخسۇس 5-ئىيۇلغا توغرىلاپ ئۆتكۈزدى؟ بۇ يەردە دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ما شىڭرۇي سۆزىدە دەل «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ سۆزىنى ئەينەن قوللانغان. يەنى «شىنجاڭ خىزمىتىدىكى باش نىشاندىن چەتنىمەسلىك، يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، ‹خەتەرلىك› بولسىلا يوقىتىش، ‹بېشىنى چىقارسىلا› ئۇرۇش، تېررورلۇق، زوراۋانلىقنى ‹بىخ ھالىتىدە› يەنى يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال يوقىتىش» ئىبارىلىرىنى قايتا تىلغا ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىدېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەر خىل «خەتەر» نىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىشى، شۇنداقلا «مۇقىمسىزلىققا يوچۇق قالدۇرماي، بىخەتەرلىك سېپىلى بەرپا قىلىش» نى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبىمۇ ئويلىنىشىمىزغا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۈر مانېۋىرنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» كۈنىگە توغرىلاپ ئۆتكۈزۈلۈش نۇقتىسىدىن نەزەر سالساق، بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پىلانلىق بىر ئورۇنلاشتۇرۇش بولغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەسلىدىكى يوشۇرۇن ھالەتتىن، ئاشكارا ھالەتكە ئۆتۈشىدە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» بىر بۆسۈش نۇقتىسى قىلىنغانىدى. تېخىمۇ ئېنىقراقى، قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ ئىككىنچى يىلى، يەنى 2010-يىلى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سىياسىتى «ئۈچ خىل كۈچلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش»نامىدا ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغانىدى. دېمەك، مۇشۇنداق بىر بۆسۈش نۇقتىسىنىڭ ئاساسى بولغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ پاجىئەلىك كۈن خىتاي ئۈچۈنمۇ سىياسىي جەھەتتىن ئىنتايىن سەزگۈر بولغان كۈندۈر. مانېۋىرغا پارتىيە، ھۆكۈمەت، ساقچى، ھەربىي ۋە خەلق ئەسكەرلىرى (民兵) دىن تەركىب تاپقان 3000 غا يېقىن كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى، مانېۋىردا تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، بىرونېۋىك ماشىنا، ھۇجۇم ماشىنىسى ۋە باشقا ئەسكىرىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقى، مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارشى بىر قېتىملىق ھەيۋە كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ.
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»دىكى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئىشلەتكەن ئىبارىلەرنىڭ ما شىڭرۇينىڭ ئاغزىدا قايتا تەكرارلىنىشىغا مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن قاراشقا بولىدۇ. بىرى، «شىنجاڭ خىزمىتىدىكى باش نىشاندىن چەتنىمەسلىك» ئىبارىسىنىڭ تەكرارلىنىشىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «باش نىشان» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. خىتاي ئۆزى ئېيتقاندەك، بۇ يەردىكى باش نىشان «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش». ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» بولسا ئۇيغۇرلارنىلا كۆرسىتىدىغان قاراتمىلىق سىياسىي تېرمىن ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. دېمەك، بۇ يەردە «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» بىلەن «ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» سۆزىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق دەپ ئېيتالايمىز. دېمەك، خىتاينىڭ «باش نىشان» ى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇيغۇرسىز تۇپراققا ئايلاندۇرۇش دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
خىتاي 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەبلىك «تېررورلۇق» نى پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقىنى خەلقئاراغا جار سېلىپ كەلدى. شۇنداقلا شۇ يىلىدىن بۇيان خىتايدا بىر قېتىممۇ «تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن»لىكىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى» دەپ تەشۋىق قىلغانىدى. ئەمدىلىكتە بولسا «تېررورلۇق يىلتىزىدىن يوقىتىلغان بىخەتەر شىنجاڭ» دا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بۇنداق بىر مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق مانېۋىرىغا مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن قاراشقا بولىدۇ. بىرىنچىدىن، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركىزى دەپ بېكىتكەن. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش بولسا، مۇقىملىقنىڭ ئاچقۇچى» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە سىياسەت يۈرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش دېگەنلىك، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان ھالەتنى تۈپتىن بۇزۇپ تاشلاش دېگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەشكىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. دەرۋەقە، خىتاي ئاتالمىش «مۇقىملىقنى تەرەققىياتنىڭ ئالدىغا قويۇش» نامىدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش بىلەن غايەت زور مىقداردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەرلەشتۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھالىتىنى بولسا دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەھەللىلەرنى ۋەيران قىلىش، كوللېكتىپ كۆچۈرۈش، ئۆي-ماكانلىرىنى چېقىۋېتىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئومۇميۈزلۈك بۇزۇپ تاشلىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارەت ۋە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىپ، خىتايلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي بىخەتەر بولغان «شىنجاڭ» بارلىققا كەلدى. ئەمما باش نىشان «بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىش» بولماستىن، بەلكى «ئۇيغۇرسىز شىنجاڭ بەرپا قىلىش» بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە ئامان قالغان ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۈردە قاتتىق باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش يوللىرى ئارقىلىق يوقىتىش بىلەن تەڭ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇش، ئارزۇلىرىدىن تامامەن ۋاز كەچتۈرۈش، خىتايغا قارشى تۇرۇشتىن قول ئۈزدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرى ياشىغان دۆلەتلەرگە سىڭىشىپ يوقاپ كېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دېيىشكە بولىدۇ.
ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ يامان غەرەز ۋە دۈشمەنلىكنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى ئۆزىدىن ئاشكارا تۇرماقتا! ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ قالامدۇ؟ ھۆرلۈك ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان مۇستەملىكە ھاكىمىيەتكە باش ئىگەمدۇ؟ شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، خۇددى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى بارچە خىزمەتنىڭ بېشىغا قويغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھۆرلۈك ئارزۇلىرىنى ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرەلەيدۇ. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قاباھەتلىك زۇلۇمىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ھۆرلۈكنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ھېس قىلغان ئەمەس!
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]