بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇلغان «ھىدايەتنامە» دىكى مىسرالار زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.21
harvard-universitetining-mudiri-beyjingda.jpg خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لاۋرېنس باكوۋ Lawrence Bacow) بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 20-مارت، بېيجىڭ.
harvardmagazine.com

ئامېرىكىدىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لاۋرېنس بەكوۋ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى خىزمەت زىيارىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن 20-مارت كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلدى. لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا ئۇ «ھەقىقەت ئىزدەش ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ۋەزىپىسى» تېمىسىدا ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپ، سۆز ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىلمىي ساھەنىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى. بولۇپمۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1919-يىلىدىكى «4-ماي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئارقىلىق يېڭىچە پىكىر ئىنقىلابىنىڭ بازىسى بولغانلىقىدەك تارىخىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ پىكىر ئەركىنلىكى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىشى توغرىسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇنىڭ ئاددىيلا بىر قېتىملىق نۇتۇق بولۇشتىن كۆرە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللانغان كۆپ قىرلىق ئۇچۇر ئىكەنلىكىگە بەكرەك ئىشىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە ھازىرقىدەك پىكىر ئەركىنلىكى ئەڭ زور چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرىكى خىتاي تارىخىنىڭ بىر زور بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ئەسلەپ ئۆتكەنلىكىنى بىر ئالاھىدە ئەھۋال دەيدۇ.

يىغىن مەيدانىدىكىلەرنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ نۇتۇق جەريانىدا ئانىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرىدىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «مەن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىدىن بىر ئۈزۈندى ئوقۇيمەن» دەپ مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلېتنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇدى. بۇ كۇپلېتنىڭ ئۇيغۇرچىسى مۇنداق ئىدى:

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،

تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،

تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى،

دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى،

كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى بۇ سۆھبەتنى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بەتلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار خەلقئارالىق خەۋەرلەردە لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىملىق نۇتۇقتا «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىردىن بىر كۇپلېت مىسال ئېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە بىرەر بايانلار ئۇچرىمايدۇ. ئەمما بۇ ھالنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا سولىنىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارادىكى چوڭ تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىقىشى زور دىققەت قوزغىدى. يەنە كېلىپ بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى يېقىندا زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان «ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكى» ھەققىدىكى «ئاخبارات ئۇرۇشى» غا باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلى ئابدۇرېھىم ھېيت مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. شۇنداقلا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «يوق، يوق» ناملىق شېئىر ئابدۇرېھىم ھېيت ئورۇنلىغاندىن كېيىن تۈركىيەلىك ناخشىچى ئۇيغۇر ئىشىلاقنىڭ ئىجراسىدا تۈركچە ئېيتىلغان ۋە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ ئۆز نۇتقىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئامېرىكىغا قاچقۇن بولۇپ كېلىپ قالغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جازا لاگېرىنىڭ شاھىتلىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسلىتىشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر شائىرىنىڭ شېئىرىدىن ئۈزۈندى ئېلىشىنى بەزى گېزىتلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىجتىمائىي كىرىزىسنى «1930-يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ تەسۋىرلىشىگە پاراللېل قويغان ھەمدە بۇنى «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سىياسىي جەھەتتىكى تولىمۇ نازۇك بىر مەسىلىنى ئەپچىللىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى» دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەنمۇ بۇ ھالنى تەسادىپى ھال، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ توغرىسىدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بېيجىڭغا كېلىپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن بۇ ئەھۋال خىتايدا بەكمۇ چوڭ خەۋەر بولغان. ھالبۇكى، خىتاي تەۋەسىدە بۇ توغرىسىدا بېرىلگەن ھېچقانداق خەۋەردە ئۇنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، «4-ماي ھەرىكىتى» ياكى جازا لاگېرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى قىلچە تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدە تورلاردىن ئۇچۇر ئىزدەپ باققانلىقى مەلۇم.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ قىسقارتىلغان ۋە ئىخچاملانغان نۇسخىسى شائىر ھايات ۋاقتىدا «ئۆمۈر مەنزىللىرى» دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان. ئەسلى شېئىرنىڭ تولۇق نۇسخىسى شائىرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن «ھىدايەتنامە» دېگەن نامدا تارقالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.