ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ئورتا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى ۋە «يىپەك يولى» دىكى «يېڭى بۈيۈك ئويۇن»

0:00 / 0:00


چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قورشاۋى ئىچىدە تۇرغان ئورتا ئاسىيا رايونى يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ قۇرۇپ چىقىدۇ؟

رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان، ئىسلام دۇنياسى ۋە غەربتىن ئىبارەت بەش بۇرجەكلىك كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا ئورتا ئاسىيا ئەللىرى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟

تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئورتا ئاسىيا ئەللىرى يېقىن كەلگۈسىدە ئاسىيادىكى ئىككى بۈيۈك قوشنىسى - خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن قايسىسىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي شېرىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى قىلىپ تاللىۋالىدۇ؟

كۆزەتكۈچىلەر، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ بۇ قېتىملىق ئورتا ئاسىيا زىيارىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان.

غەرب ئانالىزچىلىرى مودىنىڭ بۇ قېتىم ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى تۈركىي تىللىق قوشنىلىرىغا قىلغان سەپىرى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىلىقىدا ئورتا ئاسىيانى تالىشىش بويىچە يېڭى تىپتىكى «بۈيۈك ئويۇن» نىڭ سىگنالىنى چالدى، دەپ قارىماقتا.

ھالبۇكى، پەرھات بىلگىن ئەپەندى 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۈيۈك بىرىتانىيە بىلەن رۇسىيە ئىمپىرىيەسى ئارىسىدىكى ئورتا ئاسىيانى تالىشىش بويىچە قانات يايغان «بۈيۈك ئويۇن» بىلەن نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا يۈز بېرىش ئېھتېمالى بولغان ئورتا ئاسىيادىكى «يېڭى بۈيۈك ئويۇن» ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك ئوخشىماسلىق بار، دەپ قارايدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۈيۈك بىرىتانىيە بىلەن رۇسىيە ئىمپىرىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيانى نىشان قىلغان "بۈيۈك ئويۇن" نىڭ يادروسى كېڭەيمىچىلىك ۋە ئەسكىرىي رىقابەتتە مەزمۇن تاپقان ئىدى. ۋاھالەنكى، ئورتا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى دەرىجىدىن تاشقىرى قوشنىلىرى، مەسىلەن، خىتاي، ھىندىستان ۋە ياكى رۇسىيە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋاقىتلىق ۋاستىسى ئىقتىساد ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىكى سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىشتۇر.»

پەرھات بىلگىن يەنە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئورتا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ: «سىياسىي جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئورتا ئاسىيانىڭ تارىختىن بۇيانقى تەبىئىي شېرىكى ۋە ئەڭ يېقىن قوشنىسى خىتاي ئەمەس، بەلكى ھىندىستاندۇر. چۈنكى ئورتا ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن خىتاي زېمىنى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زور ئارىلىق - سۇسىز چۆل ۋە ئۇزاق باياۋان بار. بۇ قاتناش تەرەققىي قىلمىغان قەدىمكى دەۋرلەردە خىتاي بىلەن ئورتا ئاسىيا ئارىسىدا تەبىئىي توساق پەيدا قىلغان. ھالبۇكى، ئورتا ئاسىيا بىلەن ھىندىستان ئارىلىقىدا گەرچە ئېگىز تاغلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن تاغلاردا جىلغىلار، جىلغىلاردا سۇلار بار. شۇنداق بولغاچقا، ئۆز دەۋرىدە بابۇرمۇ زور قوشۇن باشلاپ ھىندىستاننى ناھايىتى تېزلا ئىستىلا قىلالىغان. ئىككىنچىدىن، خىتاي ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان ھەرقانداق خەلق ۋە مەدەنىيەتنى چەتكە قاقىدۇ. خىتاي تارىخىدىن شۇ نەرسە ئايانكى، ئۇلار ياكى قارشى تەرەپنى تامامەن ئۆزىگە سىڭدۈرىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ ياكى ئۆزىگە سىڭدۈرەلمىگەندە ئۇنى چەتكە قاقىدۇ. ھالبۇكى، ھىندىستان مەدەنىيىتى بۇنىڭ ئەكسىچە. ھىندىستاندا شۇنچە كۆپ تىل، مىللەت ۋە ئوخشىمىغان دىنلار مەۋجۇت. ئۇلار تارىختىن بۇيان بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن. شۇڭا ھىندىستان بىلەن ئورتا ئاسىيا خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا تارىختىن بۇيان ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە گارمونىك بىرلىك مەۋجۇت. ئۈچىنچىدىن، خىتاينىڭ ئورتا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىدە روشەن ھالدا كېڭەيمىچىلىك ۋە زېمىن تەلىپىدىن ئىبارەت يوشۇرۇن خاھىش مەۋجۇت. ھالبۇكى، ھىندىستان تارىختىن بۇيان ئورتا ئاسىياغا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ باقمىغان ھەم بۈگۈن ياكى كېلەچەكتىمۇ ھىندىستاننىڭ ئورتا ئاسىياغا نىسبەتەن زېمىن تەلىپى يوق…»

پەرھات بىلگىن ئەپەندى ئاخىرىدا، ئورتا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورتا ئاسىيا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە سېلىشتۇرغاندا پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.