خۇدسون سۆھبىتى: «تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تاشلىۋېتەمدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.02.08
خۇدسون سۆھبىتى: «تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تاشلىۋېتەمدۇ؟» ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن تور مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش.
hudson.org

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىپ ئەردوغان 2009-يىلى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلدى» دەپ جاكارلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى رېئاللىق ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مۇئامىلىنىڭ يىلدىن يىلغا قەبىھلىشىپ ماڭغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق قېچىش دولقۇنىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قاچاق يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە جەم بولغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار تىجارەت، ئوقۇش ۋە خىزمەت دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى ھەمدە بۇ جايدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سانى تېزدىن ئاشتى.

ھالبۇكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاشقانسېرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىمۇ كۈچىيىپ ماڭغانلىقى مەلۇم. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىگە كۆپ قىرلىق مەزمۇنلار يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، ‍ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇنىڭدىكى بىر مۇھىم تېما ئىكەنلىكى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بۇ ساھەدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەمدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئىگە چىقىش مەسىلىسى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا تەپسىلىي قاراپ چىقىلدى.

سۆھبەت رىياسەتچىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى ئېرىك براۋۇن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا ئۇزۇندىن بۇيان مەركىزىي سەھنە رولىنى ئويناپ كەلگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى ئىيۇلدا دۇنيا بويىچە يېگانە ھالدا «ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە قىرغىن قىلىنماقتا» دەپ جاكارلىغانلىقىدىن سۆز باشلىدى. شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ھەققىدە سۆز قىلغان رەجەب تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى رەسمىي ھالدا ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېغزىدىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جىم بولۇۋالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۈكۈت قىلىشىغا ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق بۇندىن كېيىنكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى ياكى ئۇلارنى تاشلىۋېتىشى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى مۇتەخەسسىسلەرگە ھاۋالە قىلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانى توغرىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كاتو ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. . ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ھازىر دۇنياۋى مەسىلە سۈپىتىدە كۆپ قىسىم كىشىلەرگە مەلۇم بولغان، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر بۇ ھەقتە قارار ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە ئۆتكەن بەش يىلدا ئىزچىل بۇ مەسىلىدە ناھايىتى «سىپايە» بولۇپ كەلدى. ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا باشپاناھ بولۇپ كەلگەن، 1995-يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا دۆلەت دەرىجىلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مەركىزىي باغچىلارنىڭ بىرىگە «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى» دەپ نام بەرگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا شۇنچە ئېغىر ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىغا چىققاندا جىم يېتىۋېلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. دەرۋەقە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسلام ئەللىرىگە قارىغاندا كىچىككىنە بولسىمۇ «دادىل» بولۇپ ئانچە-مۇنچە سۆز قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە ئېھتىياتچانلىق، سىپايىلىك ۋە يۇمشاقلىق بەكلا ئېغىر. ئەمما ئىسرائىلىيە ياكى باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئاجايىپ كەسكىن بولغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە زادىلا بۇنداق كەسكىن بولالمىغان. يەنە بىر ياقتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېمىلاردا قاتتىق «ئىسكەنجىگە ئالغان» بولغاچقا ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك تەنقىدلەرنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. يېقىنقى مەزگىللەردە «ئىيى پارتىيەسى» قاتارلىق بىر قىسىم ئۆكتىچى پارتىيەلەر بۇ مەسىلىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقتىن بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالدا قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. نورمال بولغان رېئاللىقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈركىيە ئەسلىدە ئۇيغۇر داۋاسىدىكى بايراقدار ۋە رەھبەر دۆلەت بولۇشى كېرەك بولسىمۇ رېئاللىق بۇنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكىنى ئاشكارا نامايان قىلغان. «ساباھ» قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ گېزىتلەر يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختايدىغان بىر قىسىم ماقالىلارغا كۆپلەپ ئورۇن بەرگەن بولسا، تۈركىيەنىڭ ئۆزى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتتە «غەربكە قارشى، شەرققە مايىل» شەكىل ئېلىشقا باشلىغان.

تەتقىقاتچى ئېرىك براۋۇن بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر قاتارىدا نۆۋەتتىكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر ساھەگە بولغان تەسىرىنىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مەسىلە ھەققىدە «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل سۆز ئالدى. . نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانى تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. يەنە كېلىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاشكارا ھىمايە قىلىش ئورنىغا بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تەقىب ئاستىغا ئالغان. شۇ قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتۈشى مەنئى قىلىنغان بولسا، تۈركىيەدە ھېچقانداق كۆچمەنلىك ھۆججىتى يوق ھالدا ياشاۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچاندەك بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قاماققا ئالغان. شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي بىلەن تۈركىيە ‍ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەندىشىگە چۈشكەن. تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ 200 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى خىتاي تۈرمىسىدە قاماقلىق بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرنى دىپلوماتىك سۆھبەتتە تىلغا ئېلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتىپ كەلمەكتىكەن. گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان بولسىمۇ، شۇنىڭدەك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ۋىزا ئېتىبارى بېرىلگەن بولسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» دائىرىسىدىلا بولۇپ كەلگەن. شۇڭا بۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۇنچە خۇشال قىلىۋەتكىدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىكەن.

بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا مۇستافا ئاقيول كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ بۇنىڭدىكى رولى توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى. . ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تۈركىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن «بېقىندى قىلىۋېلىشى» دىن باشقا تۈركىيەدە بەكمۇ ئومۇملاشقان «غەرب دۈشمەنلىكى نەزەرىيەسى» نىڭ سەلبىي رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن. بۇ نەزەرىيەدە غەرب دۇنياسىنىڭ قانچىلىك رەزىل ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەرقاچان سۇيىقەست پىلانلايدىغانلىقى، غەرب دۇنياسىنىڭ ھەرقاچان شەرق دۇنياسىغا قارشى يالغان تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى دېگەنلەر ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدىكەن. بۇ خىل چۈشەنچە تۈركىيە سىياسىي ساھەسىنى «شەرققە مايىل» بولۇشقا ئۈندىمەكتىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل «غەرب دۈشمەنلىكى» چۈشەنچىسى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاساسلىق گېزىتلەردە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. ئىدى’‍ئولوگىيە جەھەتتىكى بۇ خىل مەسىلىلەرمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن دوغۇ پىرىنچەك قاتارلىق كوممۇنىستلار ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ ھەدېسە «ئۇلۇغ ۋەتەن» نامىدا ماۋ زېدوڭ ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلماقتىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى بەك كەڭ ۋە چوڭقۇر دېگىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلار بەك ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولماقتا. يەنە بىر ياقتىن روسىيەمۇ تۈركىيەنى ‍ئۆزىگە قارىتىشقا زور كۈچ چىقارماقتىكەن. تۈركىيە ئىقتىسادى جىددىي تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ خىتايغا تايىنىشى بىر ھەسسە ئاشقان بولسا، كېيىنكى قېتىملىق سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن ۋايىم يەۋاتقان ئەردوغان ھۆكۈمىتى بېيجىڭ بىلەن بەزى مەسىلىلەردە ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن ئىكەن. خىتاي ئۆزىنى قىممەت مەركىزى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان، ھاكىممۇتلەقلىق ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەتنى ئىسلام دۇنياسىغا، جۈملىدىن تۈركىيەگە كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقاندا كۆپلىگەن سەلبىي ئېھتىماللىققا ئىشىكلەر ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن. .

مۇستافا ئاقيول ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ 2023-يىلىدىكى ئومۇمى سايلامدا قانداق ئاقىۋەتكە ئېرىشىشى بولدى. ئۇنىڭ پىكرىچە رەجەب تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھاكىمىيەت سورىسا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان نۆۋەتتىكى پەرۋاسىزلىق مەۋقەسىنىڭ داۋام قىلىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى «يېتەكچى ۋە باشپاناھ» بولغان ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ خىتايغا قارشى مەۋقەگە ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار رۇسىيە ۋە خىتايغا بەكمۇ ئېغىر دەرىجىدە تايىنىپ قالغان. تۈركىيەدىكى ئىيى پارتىيەسى قاتارلىق ئۆكتىچىلەر توختىماستىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ناھايىتى سالماقلىق ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ سايلامدا يېڭىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش-چىقالماسلىقى باشقا بىر مەسىلە ئىكەن. ئەگەر ئۇلار سايلامدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالالىسا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسەتلىرىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىرقى ئەھۋالدا سايلامغا ھېچكىممۇ كېسىپ بىرنەرسە دېيەلمەيدىغان بولۇپ، ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ چېچىلاڭغۇلۇق، پېتىشماسلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىق ئېغىر ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق تۈركىيەنى بېقىندى قىلىۋېلىشى ھەققىدە نۇرى تۈركەل ئالاھىدە توختالدى. . ئۇنىڭ پىكرىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرققە نېفىت ۋە قورال سودىسى ئارقىلىق يېقىنلاشقان بولسا تۈركىيەگە «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئارقىلىق يېقىنلاشقان. ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزىگە قارىتىپ بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە زور مەبلەغ سېلىشتىن باشقا يەنە تېخنىكا ئېكسپورت قىلماقتا ئىكەن. مەسىلەن، خۇاۋېي، زىتې گۇرۇھى دېگەنلەر بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى ئىكەن. ياۋروپانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە كەسكىن قارشى تۇرالماسلىقى خىتاي ئۈچۈن بىر چوڭ يوچۇق بولۇپ قالماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە 120 دۆلەت ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئالغانلار ئەمدى سەككىزگە يەتكەن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى بىرىنچى قەدەم بولۇپ، قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا بەش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ دۇنيا تېخىچە بۇنىڭ قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى تالىشىپ ‍ئاۋارە بولماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئىگە چىقالىشى ئۇلارنىڭ خىتايغا قانچىلىك بېقىندى بولۇشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.