بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەت
2020.11.27

غەربنىڭ بۈگۈنكى ئەركىن جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر بىلەن ئەسىر ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ھەققىدە ئەسرا بولۇش ماڭا ئويلاپ باقمىغان يېڭىلىقلارنى بەخش ئەتتى. بالىلارنىڭ تارىختا غەلىبىلىك قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلىرىمىزدىن پەخىرلەنگەن تەبەسسۇمى، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان دۆلەتلىرىمىزنىڭ قىسمىتى ھەققىدە ئويلىنىشلىرى، ئازابلىق تېڭىرقاشلىرى ماڭا بىر ئۈمىدنىڭ بېشارىتىنى بەخشەندە قىلدى. ئەجدادلارنىڭ تالاپىتىدىن دەرتلەنگەن بالىلار ماڭا «بالا، قىلغان ئىشى چالا» دېگەن كونا ماقالنىڭ ئورنىغا «ئاتا غورا يېسە، بالىنىڭ چىشى قاماپتۇ» دېگەن مىڭ يىللىق ھېكمەتنى ئەسلەتتى.
2020-يىلى 15-نويابىر كۈنى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىلىدىغان «دېڭىزغا چاي تۆكۈش ۋەقەسى» يۈز بەرگەن شەھەر بوستوندا ياشايدىغان ئۇيغۇر بالىلار بىلەن تارىختا مۇستەقىللىق جاكارلىغان دۆلەتلىرىمىز ھەققىدە مۇڭداشتۇق. ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق خارۋارد، ستەنفورد، يېل ۋە ماسساچوستىس تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئورۇنلاشقان شەھەردە ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بوغۇنلار بىلەن تارىختىن يولغا چىقىپ كەلگۈسىنى پىلان قىلىش پۇرسىتىمىز بولدى.
مەن لېكسىيەنى باشلاشتىن بۇرۇن بالىلاردىن بىر دۆلەت بولۇش ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ بولۇشى شەرتلىكىنى سورىغان بولدۇم. بالىلارنىڭ جاۋابى بىر بىرىنى تولۇقلىدى. بىرى زېمىن دېدى، يەنە بىرى ئارمىيە، بىرى ھۆكۈمەت دېدى، يەنە بىرى ئاساسى قانۇن دېدى، بىرى خەلق دېدى يەنە بىرى پارلامېنت. ئاخىرى بىز ئورتاق جاۋابنى تېپىپ تاپقان بولدۇق. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئەمما ئەڭ مۇھىم شەرت مىللەت ئىكەن.
بالىلار سورىغان سوئاللاردىن قارىسام ئۇلار 87 يىل ۋە 76 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ زادى قانداق بىر دۆلەت بولغانلىقىغا قىزىقىدىكەن. مەن ئۇلارغا بىرىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ خۇددى گېرمانىيەگە ئوخشاش پرېزىدېنت دۆلەتنىڭ سىمۋولى بولىدىغان، ھۆكۈمەتنى باش مىنىستىر باشقۇرىدىغان پارلامېنتلىق دېموكراتىيەنى ئاساس قىلغان بىر سىياسىي تۈزۈمنى ئورناتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇلارغا يەنە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ خۇددى ھازىرقى ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمەتنى پرېزىدېنت باشقۇرىدىغان، پرېزىدېنتنى خەلق سايلايدىغان بىر تۈزۈمنى يولغا قويغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم.
بالىلار ئىككى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ئارمىيەنىڭ بولغان بولمىغانلىقىنى سورىدى. مەن ئۇلارغا ئىككىلا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئارمىيەسى بولغانلىقىنى، بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ 7 مىڭ ئەتراپىدا، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ 30 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن ئارمىيە بارلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇلارغا بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قوماندانى مەخمۇت مۇھىتىنىڭ دۆلەت مارشىمىزنى يازغان مەمتىلى ئەپەندىمگە ھامىيلىق قىلغانلىقىنى، ئىككىيلەننىڭ ماسلىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا پەننى مەكتەپ ئېچىش دولقۇنى قوزغالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇلارغا مەمتىلى ئەپەندى بىلەن مەخمۇت مۇھىتىلار تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇشقا ئاساس سالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسى دۆلىتىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىنمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدەك بىر ئۇيغۇر شتاتى قۇرۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم.
بالىلارنىڭ قىزىققان يەنە بىر نۇقتىسى قانۇن بولدى. ئۇلار «بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭمۇ ئاساسى قانۇنىمىز بولغانمۇ؟» دەپ سوراشتى. مەن بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ 30 ماددىلىق ئاساسى قانۇنى بولغانلىقىنى، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ 9 ماددىلىق ئاساسىي پروگراممىسى بولغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتۈم. ئارىمىزدا ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتتە قوللانغان ئاساسى قانۇننىڭ نېمە ئۈچۈن ئاران 9 ماددا ئىكەنلىكى تالاش تارتىش قىلىندى. مەن ئۇلارغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئاساسىي قانۇنىنىڭمۇ ئاران 7 ماددا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ماددىلارنىڭ كۆپ ئازلىقىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى شەرھلەپ چىققان بولدۇم.
تارىختا قۇرۇلغان ئىككى دۆلىتىمىزنىڭ بەربات بولۇش سەۋەبى ھەممەيلەننى قىزىقتۇرغان سوئال بولدى. مەن جاۋابقا بالىلارنى رىغبەتلەندۈردۈم. ئىتتىپاقسىزلىق دېگەنلەر بولدى، تەسلىمچىلىك دېگەنلەرمۇ چىقتى، ئىچىمىزدىكى دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىمۇ سۆزلەندى. ئاخىرىدا مۇنازىرە قىلىپ بايقىغىنىمىز دۇنياغا ھاكىم كۈچلەرنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا قايىل بولۇپ قالدۇق. دۇنيانى ئاۋۋال ئەنگلىيەدىن، ئاندىن ئامېرىكادىن تالاشقان رۇسىيە جاھانگىرلىرى تەقدىرىمىزنىڭ پىچىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىكەن، دېيىشتۇق.
بالىلارنىڭ ئەڭ قىزغىن مۇنازىرە قىلغان سوئالى: جۇمھۇرىيىتىمىز قايتا قۇرۇلامدۇ؟ تۇتقۇن قېرىنداشلار قۇتۇلامدۇ؟ دېگەن ئىككى سوئال بولدى. بۇنىڭغا ئۇيغار، ئەلتېكىن، نازىلە قاتارلىق بالىلار ناھايىتى قىزغىن ئاۋاز قوشتى. ئۇلارچە تۇتقۇن تۇغقانلار قۇتۇلىدىكەن. بىزنىڭ دۆلىتىمىز قايتا قۇرۇلىدىكەن. بىرى تارىختا بىزنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى تامار قىلغان سوۋېت رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ كۈچى ھازىر بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى بەلگىلەشكە ئارىلاشقۇدەك ئىمكاندىن مەھرۇم ئىكەن. بۈگۈنكى دۈشمەن-خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دۇنيادا ئەرزان مال، خام ئەشيا، قورال ياراق سېتىش بىلەن جان باقىدىكەن. پەن ۋە تېخنىكىدا يەنىلا ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئەللەرگە تايىنىدىكەن. خىتاينىڭ دېموكراتىيەنى ئىنكار قىلىپ دۇنياغا مۇستەبىت تۈزۈمنى يايماقچى بولۇشى دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتىكەن. ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىدە خىتاي ئامېرىكىغا ۋە ياۋروپاغا تەھدىت سالماقتىكەن. تارىخىمىزنى قاراڭغۇ قىلغان رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىشى ۋە بۈگۈنكى خىتاينىڭ دېموكراتىيەنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىشى بىزگە تارىخى پۇرسەت ئىكەن. شۇڭا دۆلىتىمىز قۇرۇلىدىكەن، قېرىنداشلار قۇتۇلىدىكەن.
مەن 20 ئەتراپىدىكى، بىر بۈيۈك غايە ئەتراپىغا يىغىلغان، بىر مۈشكۈل بۇرچ ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتقان بىر توپ بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈمنى بىر ئوقۇغۇچىدەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇلار مەندىن سورىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىدىكەن. ئۇلار ئاتا-ئانىلىرى يىغلىمايدىغان بىر كۈننى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇلار بوۋا-مومىلارنى بەختلىك قىلىدىغان، جىيەنلىرى بىلەن ئەركىن ياشايدىغان، ئىنسان كىملىكى، دىنى، ئىرقى ۋە مەدەنىيىتى سەۋەبلىك جازالانمايدىغان بىر ھۆر ماكانغا تەشنا ئىكەن. ئۇلار شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ ھەرىكەتتە ئىكەن. ئۇلار مەكتەپلەردە شۇ ھەقتە لېكسىيە سۆزلىمەكتە، مەھەللىلەردە شۇ ھەقتە باش قاتۇرماقتا، كۇتۇپخانىلاردا شۇ ھەقتە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.
ئاخىرىدا مەن شۇنى دەپ لېكسىيەنى تۈگەتتىم: «بالىلار، بىز تارىختا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلىرىمىزدىن مەھرۇم قالغىنىمىز ئۈچۈن بىرىمىز ئون يىل بۇرۇن يەنە بىرىمىز بەش يىل كېيىن ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. دۆلەتسىزلىك سەۋەبىدىن يات ئەللەردە سەرگەردانلارغا ئايلىنىپ قالدۇق. بىز بۈگۈن ئەجدادلاردىن مىراس قالغان تۇپراقلاردىن مەھرۇم بولدۇق، ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈكى يوق، ھاياتى خەۋپتە، كۈنلىرى قورقۇنچلۇق قاماقلاردا ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۇلار قۇتۇلامدۇ؟ دۆلىتىمىز قۇرۇلامدۇ؟ بىز لېكسىيە باشلانغاندا بىر دۆلەت بولۇش ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىقى ھەققىدە كېلىشىپ بولغان، ئۇ بولسىمۇ مىللەت، ئۇيغۇر ئاتالغان سەن، ئۇ ۋە مەن. بىزلا تىرىشىدىكەنمىز قېرىنداشلارنى قۇتقۇزىمىز، شەرقىي تۈركىستاننى مېنىڭ دەيدىغان مىللەتلا مەۋجۇت بولىدىكەن مۇستەقىللىقنى ھامان قولغا ئالىمىز. شۇڭا سوئال ‹جۇمھۇرىيتىمىز قايقا قۇرۇلامدۇ، قاماقتىكىلەر قۇتۇلامدۇ ئەمەس؟، جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئۈچىنچى قېتىم قانداق قۇرىمىز، قاماقتىكىلەرنى قانداق قۇتقۇزىمىز ؟›بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى مۇشۇ ئېكران ئالدىدىكى ھەممەيلەن بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز».
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.