خىتاي نېمە سەۋەبتىن خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلدى؟
2025.01.04
يېڭى يىل كىرىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، يەنى 27-دېكابىر خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن بىرگە، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى تۈرلۈك قاراشلارمۇ خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان چېگرا توقۇنۇشى بىلەن باغلاپ چۈشەندى. خوتەندە يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ ئىككى ناھىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن ۋە خىتاينىڭ بۇ جايلاردا ھەربىي بازا قۇرغانلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى سۈرۈلۈشكە مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈنەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى 2023-يىلى ھىندىستاننىڭ ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ئۇرۇش قوزغىسا، ھىندىستان تەرەپ خىتاي چېگراسىدا خىتايغا قارشى ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانى ھازىرلاشنى پىلانلىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرمۇ خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى. قىزىق يېرى شۇكى، تېخى ئون كۈن ئاۋۋاللا خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىللىرى يىغىنىدا 6 تۈرلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە قىزىق تېمىغا ئايلانغانىدى. يەنە كېلىپ، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئېچىلغان «كېسەك دۆلەتلەر يىغىنى» دىمۇ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشقا باشلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا خىتاينىڭ سەۋەبسىزلا ھىندىستاننىڭ چېگراسىدا يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلىشىنى پەقەت ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇش بىلەنلا باغلاپ، بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.
ئۇنداقتا، بىز بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر خەۋەردە، خوتەندىكى بۇ ئىككى ناھىيەنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىرىنىڭ قىزىليۇلغۇن بازىرىغا، يەنە بىرىنىڭ بولسا شەيدۇللا بازىرىغا ئورۇنلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىككى بازارنىڭ ئىچىدىكى شەيدۇللا بازىرى ئەسلىدە گۇما ناھىيەسىگە قاراشلىق جاي بولۇپ، 1950-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5-دىۋىزىيەسى بۇ يەردە بازا قۇرغان. 2010-يىلى مەزكۇر بازا ئورنىنىڭ كېڭەيتىلىشى بىلەن شەيدۇللا بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. نۆۋەتتە بولسا شەيدۇللا ناھىيەسى (和康县) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئەسلىدە خوتەن ناھىيەسىگە تەۋە بولغان قىزىليۇلغۇن بازىرى ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى كەشمىر رايونى بىلەن چېگراداش بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا تالاشتا قالغان ئاقسايچىن رايونىغا مەنسۇپ جايدۇر. خوتەن ناھىيە تەۋەلىكىدىكى بۇ جايغا قىزىليۇلغۇن بازىرى دېگەن نام 2023-يىلى بېرىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە قىزىليۇلغۇن ناھىيەسى (和安县) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
قىزىليۇلغۇن ناھىيەسى (和安县) ۋە شەيدۇللا ناھىيەسى (和康县)دېگەن ئىككى نامنىڭ خىتايچە مەنىلىرى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق دېگەن سۆزلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ئىككى ناھىيەنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسىتىنى قىسمەن يورۇتۇپ تۇرىدۇ. يەنى خىتاي بۇ جاينى خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكى ئېنىق. يىللاردىن بۇيان خىتاي بۇ رايوندا ئۆز خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارايدىغان ئىككى مۇھىم ئامىل مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار، يەنە بىر بولسا ھىندىستان. بۇ ئىككى خەۋپنى يوقىتىش ياكى ئالدىنى ئېلىش ئىشى خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ كەلگەن. خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق پىروفېسسورى ۋە تور يازغۇچىسى جى زىلو 27-دېكابىر بۇ ھەقتە بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە بۇ ئىككى ناھىيەنىڭ تەسىس قىلىنىشى خىتاينىڭ چېگرا رايون بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، مەزكۇر ئىككى ناھىيەنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باش نىشان قىلغان. ئۇ ھالدا، بۇ ئىككى ناھىيەنىڭ تەسىس قىلىنىشى خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا قانداق رول ئوينىشى مۇمكىن؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە قاراتقان سىياسەتلىرىگە يېقىندىن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئىشنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىن باشلىغان. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى، جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلىشىدۇر.
ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ 2019-يىلى نويابىردا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق بىر ئۇچۇر بار. يەنى، ئادرىئان زېنز شۇ يىلى ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى» دىن 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى 84 پىرسەنت تۆۋەن بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى يازغان.
ئادرىئان زېنز 2020-يىلى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقىغا دائىر دوكلاتىدا، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا «تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى» نىڭ ئەڭ كۆپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئادرىئان زېنز بۇ دوكلاتى ھەققىدە «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەلۇم بىر ۋىلايەتنىڭ 2020-يىللىق نوپۇسنى ئۆستۈرۈش نىشانىنىڭ نۆل قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىدەك ئەھۋالنى بايقاپ ھەيران بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش ۋە نوپۇسنى تىزگىنلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە 2 مىليون خىتاي كۆچمەننى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 2019-يىلى مارتتىكى بىر خەۋىرىدە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 50 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇغماس قىلىش ۋە جازا لاگېرى سىياسىتىدىن كېلىپ چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئامېرىكادىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە موزىيى 2021-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 3 مىليونغا يېتىدىغانلىقى دېيىلگەن.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئۆتكەن ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شىددەت بىلەن تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە، 3 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە 2 مىليوندىن كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. ئەمدىلىكتە بولسا، ئۇيغۇر نوپۇسى زور مىقداردا ئازايتىلغان خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلىنغان. قىزىق يېرى شۇكى، يېقىنقى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر بەرپا قىلىشقا باشلىغان. 2001-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنى، 2015-يىلى تۇرپان ۋىلايىتىنى، 2016-يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىنى بىر-بىرلەپ ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۈگۈن يەنە خوتەن ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە ئايلاندۇرۇش پىلانىمۇ خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلانى» ۋە «2035 پىلانى» غا كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر پىلانىدىمۇ خىتاي خوتەننىڭ مەمۇرىي قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن تۈزۈش، قاراقاش ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان ھالدا خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى ھەمدە لوپ ناھىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىليون نوپۇسلۇق شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، خىتاينىڭ خوتەندە ئىككى ناھىيەنى بەرپا قىلىشىدا ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىن باشقا، مەزكۇر رايونلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ئاشكارا.
ئېنىقراقى، خوتەندە قۇرۇلغان ئىككى يېڭى ناھىيە، ئۇيغۇر ئېلىدە ۋىلايەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا زور كۆلەمدە يۆتكەپ كېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇ رايونلاردىكى ھەربىي كۈچىنى زورايتىشقا بولىدۇ. يەنى خىتاي خوتەندە يېڭىدىن ئىككى ناھىيەنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، بىرى ئۇيغۇر ئېلىغا زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەشنى نىشان قىلسا؛ يەنە بىرى، 2027-يىلى ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلماقچى بولغىنىدا ھىندىستاننىڭ خوتەن ئەتراپىدىكى چېگرادا خىتايغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ خىتاينىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]