ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان خەلقئارادىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئاسىيە خانىم «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشتەك ئېغىر جازا بەردى؟ سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە ئىلھام توختى قانداق بىر كىشى ئىدى؟ سىز ئىلھام توختىنىڭ خىتاينىڭ مەركىزى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي-ھەق ھوقۇقلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئاشكارا تەلەپ قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر غەزەپلەندۈردى؟» دېگەندەك مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەردى.
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، تاكى 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى بېيجىڭدا تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان. ئىلھام توختى بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان. ئىلھام توختى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ تەكلىپ پىلانلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرسىدىكى زىدديەتلىك مەسىلىلەرنى تىنچلىق يولى ۋە دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللىغان.
ئۇ ئىلھام توختىنىڭ 2001-يىلدىن كېيىنكى خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاپ يوقىتىش» سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىدىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ئىنتايىن زور جاسارەت كۆرسەتكەنلىكى، ھەتتا بۇ كۈرەشتە ئۆز ئەركىنلىكىنى پىدا قىلىشتەك قۇربانلىقنى بەرگەن قەھرىمان قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.