خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرى: «بېيجىڭ مۆتىدىل ئۇيغۇرلارنى خالىمايدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.09.26
ilham-toxti-wang-lishyong.jpg ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتۇلۇپ كېتىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيوڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كەلگەندە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2014-يىلى 13-يانۋار، بېيجىڭ.
RFA/Méhriban

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئاتالمىش دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭلا كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلارنىڭمۇ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.«دېموكراتىك جۇڭگو» تورىدا 25-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان «بېيجىڭ مۆتىدىل ئۇيغۇرلارنى خالىمايدۇ» دېگەن زىيارەت خاتىرىسىدە، ئاپتور جۇ جېلۈن بېيجىڭدىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن ۋاڭ لىشيۇڭ، ۋوئېسەر، خۇ جيا، تېڭبياۋ قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان. بۇلار ئۆز بايانلىرىدا ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا يول يەنى سۆھبەت يولىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق نارازىلىقىنى قاتتىق قول سىياسەت بىلەن باستۇرۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىلھام توختى ئائىلىسىنىڭ يېقىن دوستى تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋوئېسەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىشنى ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئېرىم ۋاڭ لىشيۇڭ ئىككىمىز ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بارغان ئىدۇق. ئەينى چاغدا ئىلھام توختى دائىرىلەرنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ‹شىنجاڭ تەرەپ مېنى تۇتماقچى، ئەمما بېيجىڭ رۇخسەت قىلمىدى› دېگەن ئىدى. ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ قولغا ئېلىندى. مانا ھازىر ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ ئەھۋال بىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى» دېگەن.

تونۇلغان خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ ئۆزىنىڭ ئىلھام ئەپەندى بىلەن 2008-يىلدىن كېيىن يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەنقىدلىشى يەرلىك دائىرىلەرنى ئىنتايىن خاپا قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن دائىرىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندىنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار (يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى دېمەكچى) مۆتىدىل ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى مۆتىدىل قاراشتىكى ئۇيغۇرلار پەيدا بولسا، ئۇلار (ھۆكۈمەت) بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك. شۇڭا ئۇلار ئۇنى(ئىلھام توختىنى) يوقىتىش قارارىغا كەلگەن. ئاندىن ئۇلار غەرب دۇنياسىغا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوتتۇرا يولنى تۇتقان مۆتىدىل ئادەملەر يوق. بىز تېررورچىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز، دېگەن جاۋابنى بەرمەكچى.

بىر ھەپتىدىن بۇيان ب ب س قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ تۋىتېر قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە يازغان:«جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھازىر قەلىمىدىن باشقا قارشىلىق قورالى بولمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز قولى ئۇيغۇرلارنىڭ نېلسون ماندىلاسىنى تىكلەپ بەردى. ئىلھام توختىنى يەنە بىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى قىلىپ ھازىرلىدى» دېگەن ئىنكاسلىرىنىمۇ كۆچۈرۈپ باسقان بولۇپ، خىتاي باياناتچىسى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى تەنقىدلىگەندە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ماندىلاسىنى پەيدا قىلدى» دېگەن بۇ سۆزنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ماقالىدە يەنە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن ئىلگىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنغان. ئۇ، ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك بىرقانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان،ھەتتا ئۆتكەن ھەپتە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈم تەھدىتىگىمۇ ئۇچرىغان.

خۇ جيا ئىلھام ئەپەندى بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى ئەسلەپ،«مەن تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرىلا ئىلھام توختىنى بىلەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىم ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ يىل جەريانىدا بارغانچە مۇستەھكەملەندى. تۈرمىدىن چىققىنىمدا ئايالىم مېنى ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم ئېلىپ باردى. مەن بۇ ھاياتىمدا ئىلھام توختى بىلەن تونۇشقىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېسابلايمەن» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ بۇ يىللاردا خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ ئېغىر جازا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلھام توختى مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ مەلۇم مەسىلە ھەققىدە توختالغىنىدا، دائىم قولىنى سول كۆكسىگە قويۇپ سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى خالاس! ئەمما ئۇلار تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئادەتتە ئىلھام ئەپەندىگە ئوخشاش دېلو بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا بېرىلىدىغان جازالار 7 يىلدىن 15 يىلغىچە بولىدۇ. مەنمۇ ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۈچ يىلدىن 8 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما، ئۇلار ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ ئۆزىنى قانۇن دۆلىتى دەپ داۋراڭ قىلىدىغان ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر نومۇس، ھەتتا 1 مىلياردتىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى ئۈچۈنمۇ نومۇس قىلارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.»

ئادۋوكات تېڭ بياۋ بېيجىڭ سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئەيىبلەپ،«ئىلھام توختى مۆتىدىل زىيالىي ئىدى. ئەمما ھۆكۈمەت ھازىر بۇنداق مۆتىدىل كىشىلەرنى خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ. بولۇپمۇ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن 2013-يىل 3-ئايدىن باشلاپ بېيجىڭدىكى بىر قىسىم مۆتىدىل زىيالىيلار ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ئىلھام ئەپەندىگە ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تىنچ يول بىلەن تەنقىدلىگەن كىشىلەرنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ، مانا ئەمدى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلغۇچى مۆتىدىل پىكىرلىك بىر زىيالىينى يوقاتماقچى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يول بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى ئېتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.