«شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى» (2B): «يېڭى چېگرا» دىكى كەچمىشلەر
2019.02.25
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن گرېيم سىمىت ۋە لۇيىزا لىم بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان «شاكىچىك قىزىل پودكاست» سۇپىسىدىكى رادىيو سۆھبىتىدە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان يەنە بىر مەسىلە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ 1950-يىللاردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قىسمەن ھوقۇقلارنى بېرىشتىن ھازىرقىدەك «ئىرقىي تازىلاش» باسقۇچىغا ئۆتۈش جەريانى بولدى. مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دېيۋىد بروفىي ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى توم كلىف بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ تەدرىجىي ئېشىپ مېڭىشى بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئاتمىش يىل مابەينىدە توختىماستىن نوپۇس كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇشى ھەققىدە سۆز قىلغان لۇيىزا لىم بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش قىسىملىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. شۇنىڭدەك «بىڭتۇەن» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جايلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن مىليونلىغان ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانداق روللارنى ئوينايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالنى بۇ ھەقتە خېلى كۆپ ئىزدەنگەن توم كلىفقا ھاۋالە قىلدى.
توم كلىف بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى يېقىنقى زامان تارىخىدىن ئىزدىگەندە بۇنىڭ كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ھەربىي كېڭەيمىچىلىكنىڭ ئاخىرىدا باشقا بىر شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
«خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقىتلاردا بۇ جايدا گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە مەنسۇپ خېلى كۆپ ساندىكى ئەسكەرلەر بار ئىدى. بۇ قالدۇق گومىنداڭچىلار خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن بۇ جايدا ھەربىي ئارقا كۆرۈنۈشتىكى بىر زور گەۋدە بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەۋدىنىڭ زور بىر قىسمى بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ جايغا يەرلەشتۈرۈلدى. بۇ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىشىدىكى بىرىنچى قېتىملىق دولقۇن بولۇپ قالدى. دەرۋەقە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەرلەر بولغاچقا ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارغا خوتۇن تېپىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي دۆلەت تەشكىللىگەن، دۆلەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىز ھالدا تەشكىللەنگەن، شۇنداقلا قىسمەن ھالدا دۆلەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يۆتكەلگەن زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئاياللىرى ھەربىيلەشكەن بۇ دېھقانچىلىق رايونىدا پەيدا بولدى. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى ھەربىي رايونلار كۆپىنچە چېگرا بويلىرىدىكى جايلاردا تەسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرالاردىكى گۇمانلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەمدە چېگرادىكى قانۇنسىز كىرىپ-چىقىش قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلماقچى بولدى.»
رىياسەتچىلەر شۇ قاتاردا بۇ خىل يوسۇندا ھاسىل بولغان بىڭتۇەنلەردىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قانداق رولى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىغاندا توم كلىف بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم نىشاننىڭ زېمىن تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى: «ئەگەر ئاشۇ شەكىلدە ھاسىل بولغان ئاۋام پۇقرالار توپىنى مۇشۇ يوسۇندا مەلۇم دائىرىگە يەرلەشتۈرىۋالغاندا سىز قورقماي تۇرۇپ ئاشۇ يەرنىڭ دۆلەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى داۋا قىلالايسىز. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شۇ جايلاردا ياشاۋاتقانلار خىتاي پۇقرالىرى بولسا ئۇ ھالدا بۇ يەرلەرنىڭ خىتاي دۆلىتىگە، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئەگەر يەرلەشتۈرۈلگەن ئاھالە بولمىسا ئۇ چاغدا بۇنداق داۋا كۈچلۈك بولماي قالىدۇ. يەنى، يالغۇز ئارمىيەنى يۆتكەپ كېلىپ چېگرانى كونترول قىلىش تارازىغا سالغاندا ئاھالە كۆچۈرۈشتەك ئېغىر توختىمايدۇ. بىڭتۇەن ئەنە شۇنداق بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللار تېخىمۇ شۇنداق بولدى.»
رىياسەتچىلەر مۇشۇ تەرىقىدە ھاسىل بولغان بىڭتۇەنلەر بىرلىكى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلاردىكى كۆپلىگەن مەدەنىيەت ھادىسىلىرى «ئۆسمە» ۋە «كېسەللىك» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغاندا دېيۋىد بروفېي بۇنىڭ ئاللىقاچان پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى بارچە ھادىسىلەرگە قارىتىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«سىز دەۋاتقان دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ كېسەل ئىكەنلىكى ھەمدە بۇ خىلدىكى ‹كېسەللىك› نىڭ تەبىرى ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى ساھەلىرىگىچە كېڭەيتىلمەكتە. ھازىر ئۇلارنىڭ دۆلەتكە سادىق ياكى ئەمەسلىكى، قانۇنغا رىئايە قىلغۇچى ياكى ئەمەسلىكى دېگەنلەر بىر يەردە قېلىپ، ئۇلارنىڭ تەقۋا ياكى دىندار بولۇش-بولماسلىقى مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلار مەجبۇرىي يوسۇندا ئۇسسۇل ئويناشقا تەشكىللەندى. چۈنكى ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئۇسسۇل ئويناشقا دەۋەت قىلمايدۇ. مانا مۇشۇ يوسۇندا تاماكا چەكمىگەن، ھاراق ئىچمىگەن، ئۇسسۇل ئوينىمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسەبىي ياكى ئاشقۇن ھېسابلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر مانا مۇشۇ يوسۇندا مەلۇم چەكتىن ئېشىپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلانغاندا بۇنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن تەتۈر ئۈنۈم بارلىققا كېلەمدىكىن، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. نېمىشقا دېسىڭىز ھازىر بىزگە مەلۇم بولغاندەك شۇنچە كۆپ كىشى لاگېرلارغا سولاندى.»
سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا نۆۋەتتە ئەۋج ئېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلارنى ئۆتكەن ئاتمىش يىل مابەينىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ داۋامى دېيىشكە توغرا كەلسە بۇنىڭ ھازىر بۇنچە تېز «سۈرئەت» كە ئۆرلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنى قانداق چۈشىنىش لازىملىقى ھەققىدە مۇھاكىمە بولدى. توم كلىف بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئامىلنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەددىدىن زىيادە خۇدۈكسىرەش سەۋەبىدىن بۇ ئىشلارنى ھاپىلا-شاپىلا تاماملاشقا ئالدىراۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بۇ مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تاقىتىنى باسالماي قالغانلىقى ئېنىق، دەپ قارايمەن. چۈنكى تىل مەسىلىسى بۇنىڭدىكى ئەڭ جانلىق مىسال. ھازىر ئۇيغۇر تىلى مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەۋلادى ئۆز تىلىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دېمەك بۇ ئەۋلاد تېزلا ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەتنى يوقىتىشقا قاراپ ماڭىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى مۇشۇ تەرىقىدە بۇ خىل ئۆزگەرتىشنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ جايدىكى خىتاي ئاھالىسى بارغانسېرى ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدا مىدىرلاپ يۈرگەن ئۇيغۇرلاردىن بىئارام بولىدىغان ۋەزىيەت ھاسىل بولۇۋاتقاندا، خىتاي دۆلىتى بولسا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا ‹بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چاتاق چىقىرىشىغا قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ› دەيدىغان قاراش ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئاتمىش نەچچە يىل جەريانىدىكى ھۆكۈمرانلىق سىياسىتى ئىزچىل ھالدا بىر نىشاننى كۆزلىگەن يوسۇندا ئىجرا بولۇپ كەلگەن بولۇپ، باسقۇچمۇ-باسقۇچ سالمىقى ئاشقان ۋە خىتايدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنلار ئەۋج ئالغان يىللاردىمۇ ئېغىشماستىن داۋام قىلغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھالنى «خىتاينىڭ ‹كالا ھارۋىسىدا توشقان تۇتۇش› دېگەن تەمسىلىنىڭ ئەمەلىي تەسۋىرى» دېيىشمەكتە.