«غەربىي دىيار پىدائىيلىرى» مۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى سىياسىي قورالى
2025.02.26
20-فېۋرال خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ياشلاردىن غەربكە بېرىپ، غەربكە تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. شۇنداقلا بۇ ماقالە تېز سۈرئەتتە خىتايدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كەڭ-كۆلەمدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان. ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بىر تۈركۈم خىتاي ياشلىرىنىڭ «غەربىي دىيار پىدائىيلىرى» نامىدا ئۇيغۇر قاتارلىق رايونلارغا بېرىپ، بۇ جايلارنىڭ سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلىرىدە «تۆھپە ياراتقان» لىقى تولىمۇ تەسىرلىك بايان قىلىنغان. ماقالىدا خىتاي ياشلىرىنىڭ يەرلىكتىكى خىزمەت تىرىشچانلىقى، ئۇلارنىڭ پىدائىيلىقتىن، يەرلىشىپ قېلىشقىچە بولغان جەريانلاردىكى ھېس-تۇيغۇلىرى ناھايىتى تەسىرلىك بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بىر ئامىل نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. يەنى بۇ ئامىل دەل ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدىكى خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ مەزكۇر «پىدائىيلار» تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنىشىدۇر. يەنى بارلىق ھوقۇقلارنىڭ خىتايلارنىڭ قولىدا تۇتۇلۇشىدۇر.
قارايدىغان بولساق، بولۇپمۇ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتى يولغا قويۇلغان 1990-يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىشى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە تولۇق گەۋدىلىنىشكە باشلىغانىدى. بولۇپمۇ «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغان خىتايلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە «بىرىنچى قول رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە قويۇش» ؛ يەنە بىرى بولسا ياردەمگە كەلگەن بۇ «پىدائىيلار» نىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىكى خىزمەت ئىشتاتى ۋە بارلىق تەمىناتلىرىنى توختاتماسلىق بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاش تەمىناتلاردىن بەھرىمەن قىلىش قاتارلىقلار بولغانىدى. ئاتالمىش «غەربىي دىيار پىدائىيلىرى» سىياسىتىمۇ يۇقىرىدىكى «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتىگە يانداش ھالەتتە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر سىياسەت 2003-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت كىرىزىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان. يەنى، مەيلى «غەربىي دىيارغا پىدائىي بولۇش» بولسۇن ياكى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» بولسۇن، بۇ خىل سىياسىي پىلانغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتايلارنىڭ ھەممىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ئېنىق. چۈنكى ياردەم نامىدا ئۇيغۇر ئېلىغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلەر قىلىۋاتقان خىزمەتلەر، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا ھەقلىق بولغان خىزمەتلەر ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، مائارىپ، تېبابەت، كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان ساھەلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتايلار ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ بولغان. ھەر ساھەلەرنىڭ بۇ خىل شەكىلدە خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشى، تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا ئاساس بولغان. بولۇپمۇ مائارىپنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، مائارىپ ساھەسىنى ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىگىلىگەن. مائارىپنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت كىرىزىسىدىن باشقا، ئىقتىسادىي بېسىم ۋە تۈرلۈك روھىي بېسىملارغا دۇچار قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى ياكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلۈشىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىغا «ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي كارخانىلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش سىياسەتلىرىگە زىچ باغلانغان. يەنى خىتاي كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش ئەمەلىيەتتە 1999-يىلى يولغا قويۇلغان «غەربنى ئېچىش» سىياسىتى بىلەن تەڭلا باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. مىسالغا ئالساق، «خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تارمىقى» نىڭ 2014-يىلى ئېلان قىلغان بىر ئىستاتىستىكىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسىنىڭ ئىش ئورنى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكى خاتىرىلەنگەن. شۇنداقلا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر نوپۇسى كۆپ بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى كۇرس ئېچىپ، تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىنغان.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىغا «ياردەم» نامىدا كېلىۋاتقان مەيلى ئوقۇغۇچى، ئىشچى، كادىر ياكى كارخانىچىلار بولسۇن، ھەممىسىلا خىتاينىڭ ناھايىتى مۇكەممەل بولغان تەربىيەلەش ۋە تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتۈپ ئاندىن «ياردەم بەرگۈچى پىدائىي» لىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «پىدائىي» لىق ئوبرازى بىلەن تۈپتىن پەرقلىق دېيىشكە بولىدۇ. مىسالغا ئالساق، مەزكۇر «غەربىي دىيار پىدائىيلىرى» ئۇيغۇر ئېلىدەك رايونلارغا «ياردەم» گە كېلىش ئۈچۈن «ياش ماركسىزمچىلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى(青马工程)» غا قاتنىشىشى شەرت. مەزكۇر قۇرۇلۇش 2007-يىلى خىتاي مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، «پىدائىي» لاردا سىياسىي ساداقەتمەنلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى، مۇكەممەل نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە بولغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقانلار ماركسىزملىق ئىدىيەسى بىلەن تەربىيەلىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بارغان يېرىدە كوممۇنىست خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان پارتىيە قوشۇنىغا ئايلىنىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇش تارىختىكى گېرمانىيە ناتسىستلىرىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەشتىكى مائارىپ قۇرۇلمىسىغا ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئوخشاش بولۇپ، ناتسىستلار ئەينى چاغدا ياشلار تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ناتسىست پارتىيەسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىنى تەربىيەلىگەن ۋە بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنىگە ئالالىغانىدى.
ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى قوللاش، ياردەم بېرىش»، «نامراتلارنى يۆلەش، قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا يولغا قويغان سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يەرلىك خەلقلەرنىڭ ياشاش ھەقلىرىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدە مۇھىم سىياسىي قورالغا ئايلانغان. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسلۇبى، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسلۇبلىرىنى نامايەن قىلىپلا قالماي بەلكى يەنە بۇ قىرغىنچىلىقلارنى «مەنتىقلىق يوشۇرۇش» ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. مىسالغا ئالساق، زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن «فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» نى بىرلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەملەر ئارقىلىق نازارەت قىلىنىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش؛ «ياردەمچى رەھبەر» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق مەمۇرىي ھوقۇقلىرىنى خىتايلارغا بېرىش، يەرلىك مەمۇرىي خادىملارنى بولسا ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش ياكى باشقا قوشۇمچە ۋەزىپىلەرگە قويۇش؛ يەرلىك خەلقلەرنى «ياردەم» نامىدا يۇرتىدىن باشقا جايلارغا يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا «ياردەمچى پىدائىيلار» نامىدا خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش؛ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى «ياتاقلىق مەكتەپ» لەر ياكى «شىنجاڭ سىنىپى» ئارقىلىق ئائىلىسى ۋە ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىش؛ دېھقانلارنى چارۋا-مال، تېرىلغۇ يەرلىرىدىن، ئاياللارنى ئەرلىرىدىن ئايرىش، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن بىرلەشكەن مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىنى ۋەيران قىلىۋېتىش، شۇنداقلا بۇ جىنايەتلەرنى ئوخشاشلا «ياردەم، پىدائىيلىق» ناملىرىدا يوشۇرۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى خىتاي توختىماي تەشۋىق قىلىۋاتقان «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە» بولغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىدۇر. يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى سىرتتىن قارىماققا خۇددى يەرلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ سىياسەتلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ۋەيران قىلىش بىلەن تەڭ، ئۇلارنى مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا پاتۇرۇۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت.
خۇلاسە قىلغاندا، خىتاينىڭ «غەربىي دىيار پىدائىيلىرى» سىياسىتى خۇددى باشقا «ياردەم» نامىدىكى سىياسەتلىرىگە ئوخشاشلا، كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]