ئوندرېي كلىمېس: «‹ئەسەبىيلىك› ۋە ‹ئىتتىپاقلىق› ماھىيەتتە ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىقنىڭ باھانىلىرىدۇر!» (1)
2019.02.27
يېقىندىن بۇيان غەرب دۇنياسىدىكى خىتايشۇناسلىق ساھەسىدە مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خىتاينى ئىدارە قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەر بولۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ ھالنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە غەرب دۇنياسىدىكى ئىلىم ساھەسى ئىچىدە بىر قەدەر نوپۇزلۇق بولغان «خىتاي سىياسەت پەنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2018-يىللىق 3-سانى مەخسۇس شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاينىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا بېغىشلاندى. بۇ ساندىكى ماقالىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا دائىر ئەسەرلەرمۇ ئورۇن ئىگىلىگەن بولۇپ، چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس ئوندرېي كلېمىسنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «يۈكسىلىۋاتقان ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› ۋە ‹ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش›: ‹پەۋقۇلئاددە شارائىت› تا شىنجاڭدا ئىجرا بولۇۋاتقان ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق (2012-2017)» ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئۆتكەن ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ «ئۆتكۈر» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسمى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ئوندرېي ماقالىسىدە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بەرپا قىلىپ چىققان سىياسىي سىستېما ئىچىدە ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ھەرقاچان مەركىزىي ئورۇندا تۇرۇپ كېلىشىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي تەدبىرلەردىن ئەڭ روشەن دەرىجىدە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1949-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامدا خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانچە قوللىشىغا ئىگە بولالمىغان. ئەكسىچە بۇ رايوندا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسىنى ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىلەرگە قويغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مۇتلەق ھىمايىسىگە ئېرىشمەكچى بولغان. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن زېھنىنى ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، ئۇلارنىڭ ساداقىتى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھالدا ئۆزگەرتىشكە سەرپ قىلغان.
بىز ئوندرېي بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ھازىر ئۆتمۈشتىكى ھەرقانداق مەزگىلگە قارىغاندا قاتتىق شەكىل ئېلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، بۇنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ بىر يېڭى ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئىدېئولوگىيە ۋە تەشۋىقاتنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ زور دەرىجىدە يۈكسەلدى. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە بارغانسېرى كۆپ چاتاقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر خىتايدا ئىچكى جەھەتتە كۆپلىگەن يېڭى ھادىسىلەر ھەسسىلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتىمۇ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك جىق ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ كۆپ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ كېلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھوقۇق مونوپوللۇقى ئۈچۈن بارغانسېرى زورىيىۋاتقان تەھدىتكە ئايلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا خىتاي كومپارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىدىن زور ساۋاق ئالدى. چۈنكى سابىق ئىتتىپاقى ئىدېئولوگىيە ۋە ئاخبارات ساھەسىنى ئەركىنلەشتۈرگەن بولسىمۇ ئىقتىسادىي سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تېزلا غۇلاپ چۈشكەن. ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نەزەر سالساق 1989-يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ۋەزىيىتى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز: خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئىدېئولوگىيە، ئاخبارات ياكى ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەنسۇپ ھېچقايسى كاتېگورىيەنى ئىسلاھ قىلىپ باقمىدى. ئەمما ئۇلار ئىقتىسادىي ساھەنى ئىسلاھ قىلدى. مانا مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ بىرلىشىپ رول ئوينىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا قادىر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ۋە سىياسەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە قارشى خىرىسلار كۆپەيگەنسېرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىقىمۇ بارغانسېرى زور كۆلەم ۋە سالماققا ئىگە بولۇۋاتىدۇ.»
ئەمما ئوندرېينىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك مۇھىملىقى ھەمدە ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى رولى سەۋەبىدىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» دە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەمدە دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» نى قانداق ھەل قىلىشتىكى يېتەكچى ئىدىيەسى بۇنىڭدا ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:
«باياتىن دەپ ئۆتكىنىمدەك، شى جىنپىڭنىڭ قىلىۋاتقانلىرى قانداقتۇر يېپيېڭى بىر ئىشلار ئەمەس. ئۇ پەقەت ئىلگىرىكى خىتاي رەھبەرلىرى قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلارنى باشقىچە بىر شەكىلدە روياپقا چىقىرىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندا ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىكى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھاكىمىيەتكە بولغان كونتروللۇقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بىرنەچچە قېتىملىق قانلىق ۋەقەلەرگە توغرا كەلدى. بۇ ۋەقەلەر بولسا خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى زوراۋانلىق قىلمىشىغا مەنسۇپ دەپ قارالدى. ئەمەلىيەتتە بىر ھاكىمىيەت ئۈچۈن بۇ ئۇنچىۋالا ھەيران قالارلىق ئىشلارمۇ ئەمەس ئىدى. ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ ئانچە ئۆتمەيلا 2014-يىلى مايدا ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق ‹شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى›نى ئاچتى. بۇ يىغىندا بولسا بۇنىڭدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىغان بىرنەچچە مۇھىم سىياسەت قارار قىلىندى. شى جىنپىڭ ھازىرغا قەدەر ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› نىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبتىن پەيدا بولغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان تۇنجى خىتاي رەھبىرى. ئۇ ئاشكارا ھالدا ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› نىڭ سەۋەبىنى ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ياكى ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە، دەپ جاكارلىدى. بۇنى ھەقىقەتەنمۇ خىتايدىكى پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر ئەھۋال، دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
ئوندىرېينىڭ پىكرىچە، شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇشۇ خىل يېتەكچى ئىدىيە سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن بۇيان ھەر يىلى دېگۈدەك بىرەر-ئىككى قېتىمدىن ئەسكەرتىپ قويۇلىدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» شوئارى مۇنتىزىم سىياسىي پائالىيەت شەكلىنى ئالغان. شۇ قاتاردا شى جىنپىڭ بىرنەچچە قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇرلاردىكى «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن تەمسىلنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق «ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىلىرىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى لازىم» دېگەن ئىدىيوم شەكلىدىكى پىكىرنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تارىختىكى ئەڭ دەھشەتلىك بولغان زۇلمەت ئوراشقا باشلىغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:
«دەرۋەقە شى جىنپىڭ بۇ خىل ‹مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە› نى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاشقۇنلارچە باستۇرۇپ تاشلاش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى بىخەتەرلىك ئۈچۈن تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇسلۇبىدا بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى بەكلا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› نىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارلىق ئالاقىدار ساھەلىرىگە ئومۇملاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ‹مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە› بىردىنلا ھوقۇق مونوپولىيەسى بىلەن ھەپىلىشىپ كەلگەن خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ‹بىخەتەرلىك مەسىلىسى› بولۇپ قالدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدېئولوگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ بىردىن-بىر ‹مەشغۇلاتى› بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ 2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۇەنگو پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ شىنجاڭغا يۆتكەلگەندىن كېيىن بىر قاتار قاتتىق قول سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن ئالساق، ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› قۇرۇش، ساقچى قوشۇنىنىڭ غايەت زور كۆلەمدە كېڭەيتىلىشى، ئەڭ زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق نازارەتنى كۈچەيتىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنى تولۇق كونترول قىلىپ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شى جىنپىڭ ئاشكارىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش يولىنى ئۆزگەرتىشنى تەرغىب قىلدى. شۇ سەۋەبتىن ھازىر شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار، يەنى جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى، ‹سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش›نىڭ ئەۋج ئېلىشى، سىياسىي تەشۋىقاتقا مەسئۇل خىتاي كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە شۇ ئائىلىلەرنى كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىل زىيالىيلىرىنى يەنجىپ تاشلاش، كومپارتىيەنىڭ دىنغا، مەدەنىيەتكە، مائارىپقا، ئاخباراتقا، ئاممىۋى مۇنازىرىلەرگە بولغان مۇتلەق كونتروللۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەنلەر بارلىققا كەلدى. شۇڭا ئىدېئولوگىيەلىك ياكى تەشۋىقات خاراكتېرلىك بۇ يېتەكچى ئىدىيە مۇشۇ يوسۇندا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئوزۇق ئالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە مىسلىسىز دەرىجىدە ھۇجۇم باشلىنىشقا سەۋەب بولدى.»
ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىلدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكەتلىرى قانۇنىي جەھەتتىن مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھۈل سېلىندى.
بۇ پروگراممىمىزنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.