«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئوخشاش ئۇقۇممۇ؟
2022.04.18
مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشنىڭ پەرقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
2-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، غەرب سىياسەتچىلىرى رۇسىيە پرىزدېنتى پۇتىننى «ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈردى» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئاخباراتلاردا «پۇتىننىڭ ئۇرۇشى» دېگەن ئىبارىنى كەڭ قوللانغان ئىدى. ئۇرۇش داۋاملىشىپ 4-ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىگە كەلگەندە، بۇ ئىبارىلەر ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى «رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن سۆز ئىگىلىدى. چۈنكى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان رۇس قىرغىنچىلىقىدا 400 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە دۇنيانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
12-ئاپرىلغا كەلگەندە ئامېرىكا پرىزدېنتى بايدېن رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىبارىسىنى قوللاندى. ئارقىدىنلا ئەنگىلىيە باش مىنىستېرى جونسون ھەمدە كانادا باش مىنىستېرى ترۇدو قاتارلىقلارمۇ پۇتىننى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى. بىراق مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر خۇددى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلمىغانغا ئوخشاش، «پۇتىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشتىمۇ تەۋرىنىش ئىچىدە قالدى. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىمۇ 13-ئاپرىل ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئۇكرائىنا بىر جىنايەت مەيدانى بولماقتا» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتى، ئەمما «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىبارىسىنى قوللانمىدى. فرانسىيە پرىزدېنتى ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستېرى شولىزمۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ ھالدا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئوخشاش ئۇقۇممۇ؟
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى ھازىرغا قەدەر 10 غا يېقىن دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى ئېتىراپ قىلدى. بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايىك پومپىيۇ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تىلغا ئالغان ئىدى. مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا» دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى ۋە زور تەسىر قوزغىدى. ئەمما ماكرون ۋە شولىزغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرماقتا ھەم بەزى مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش تەشەببۇسىدا بولۇشماقتا.
«فرانسىيە ئاۋازى» دا يېقىندا ئېلان قىلىنغان «نېمە ئۈچۈن فرانسىيە ۋە گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىمايدۇ؟» ناملىق ماقالىدا تىلغا ئېلىشىچە، 1948-يىلى ب د ت تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» دا ئوچۇق قىلىپ «مەلۇم بىر مىللەتنى، توپلۇقنى، ئىرقنى ۋە دىنىي جامائەتنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، گوللاندىيە لەيدىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قانۇن فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى سېسلىي روزىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئاتالغۇ تۇنجى بولۇپ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە بېرمانىڭ روھىنگالارغا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقلىرىغا قارىتا قوللىنىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلىرى ۋە بېرمانىڭ روھىنگالارغا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقلىرىغا دائىر پەرەزلەرنى ئىسپاتلايدىغان ماھىيەتلىك دەلىللەر مەۋجۇت ئىكەن. شۇڭا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئۇقۇمى ئۇلارغا ماس كېلىدىكەن. بىراق، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا پەيدا قىلغان پاجىئەلەرگە بۇ ئۇقۇمنى قوللىنىش ھازىرچە مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرىشىچە، پۇتىننىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى سېلىشتۇرۇش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىمۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى يۈز بېرىۋاتقان رايوندىكى قىرغىنچىلىق بىلەن مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سېلىشتۇرۇش مۇۋاپىق بولمايدىكەن.
ھالبۇكى، لوندۇن مىدلېكىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىليام شاباسنىڭ قارىشىمۇ پروفېسسور سېسلىي روزىنىڭ يوقۇرىقىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، «ئۇرۇش جىنايىتى» بىلەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ قانۇنىي ئېنىقلىمىسى ۋە لۇغەت مەنىسىدە زور پەرق بار ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىبارىسىنىڭ كىشىلەرنى قوزغىتىش، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى زور بولغاچ، بۇ ئاتالغۇنى ھازىر سىياسەتچىلەر پات-پات قوللىنىدىغان بولۇپ قالغان. ئادۋوكات ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار تەتقىقاتچىسى سېلىنې باردىتنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنادىكى پاجىئە ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئۈچۈن مۇستەقىل بىر ئەدلىيە ئورگىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايىتىگە دائىر دەلىللەرنى ھازىردىن باشلاپ توپلاش كېرەككەن. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى ياكى خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسى «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى» دەيدىغان ئاتاققا قالماسلىق ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىغا ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىمكەن. ئەكسى تەقدىردە، ئۇلارنىڭ بىتەرەپلىك ئوبرازى زىدىلىنىدىكەن. دەلىل-ئىسپاتلار توپلانغاندىن كېيىن، خۇددى مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ئوخشاش تەرەپسىز بىر سوتقا مۇراجىئەت قىلىش ئەڭ ئاقىلانە يول ھېسابلىنىدىكەن.