مايكىل كلارك: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ‹ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇشى› داۋام قىلماقتا!»
2017.11.29

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق سىياسىي كونتروللۇقنى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور مايكىل كلارك بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا نۆۋەتتە «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» قوزغاۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان تۈرلۈك مۇددىئالارنى تەھلىل قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ساھەسىدە، بولۇپمۇ دۇنيا جامائىتىگە ياخشى تونۇشلۇق بولغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن دەۋاسى ۋە خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى دوكلام توقۇنۇشىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بىر يۈزلىنىش مەۋجۇت: ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت پىكرى، پسىخىك ئۇرۇش ۋە قورال ئىشلىتىش بىر گەۋدىلەشكەن «ئۈچ خىل ئۇرۇش» شەكلىنىڭ بارغانسېرى مۇنتىزىم تۈس ئېلىشىدۇر. يېقىندا بۇ خىل «جەڭ شەكلى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدا كېڭىيىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى.
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى مايكىل كلارك «شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە نۇقتىلىق قىلىپ توختىلىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇچۇر ئۇرۇشى» ئارقىلىق ئۆز دۈشمەنلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق سىياسىي ۋە ھەربىي كونتروللۇقنى مۇستەھكەملەش ئۇرۇنۇشى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ كەلمەكتە.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇچۇرنى قانداق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى خىتاي تارىخىدىكى ھەرقايسى ھەربىي ئالىملار ئىزچىل بىر چوڭ ئىستراتېگىيە، دەپ قاراپ كەلگەن. بۇ قاراش خىتاينىڭ ئەمىنىيە دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 771-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 476-يىلىغىچە) دىكى ھەربىي ئالىمى سۇن زىنىڭ «دۈشمەننى ئۇرۇشسىز تەسلىم قىلدۇرۇش» تاكتىكىسىنىڭ مېغىزى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىمۇ دەل مۇشۇ خاراكتېردىكى يەرئاستى ۋە ئىنقىلابىي تەشۋىقات گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق «سىياسىي ئۇرۇش» قا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قانات يايدۇرغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىر بولسا بۇ تاكتىكا ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي كېڭەيمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان مەزمۇندىكى تەشۋىقات شەكلىنى خالىغانچە تېپىشقا بولىدىكەن. بۇ ھال ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ روشەن ئەكس ئەتمەكتە ئىكەن.
پروفېسسور مايكىل كلارك بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھازىر ۋەكىللىك خاراكتېردىكى سىياسەتلەرنى ئەۋجىگە چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلار يالغۇز خىتاينىڭ ئۆزىدىكى كىشىلەرگىلا ئەمەس، يەنە نۇقتىلىق قىلىپ چەتئەللەردىكى كىشىلەرگە تېررورلۇقنىڭ خىتاي ئۈچۈن ھېچقانچە زور توسالغۇ ئەمەسلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. تاشقى سىياسەت ساھەسىدە خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللارمۇ بۇنىڭدا زور رول ئويناۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرنەچچە دۆلەتلەر بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ 1996-يىلى ۋۇجۇدقا كەلگەن ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› نىڭ ئەمدىلىكتە خىتاي ئۈچۈن باشقىچە مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئالاقىدار ئالىملار بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، چېگرالىرى، سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا مەركەزلەشكەن كۆپ قىرلىق دىپلوماتىك ئالاقە تورى، دەپ ئاتىماقتا.»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزلەنگەن كونتروللۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلارنى رايون مىقياسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ جايغا يەرلىشىپ قېلىشىغا ئىلھام بەرگەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرقانداق قارشى پىكىردىكىلەر يەنچىپ تاشلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادى ياكى سىياسىي جەھەتتىكى يەكلىنىشى داۋام قىلىۋەرگەن. بۇلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى بولسا «ئامانلىق ياكى بىخەتەرلىككە تەھدىت سالغانلىق» دېگەن نام ئاستىدا بىر ياقلىق قىلغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئامانلىق مەسىلىسى ھەرقاچان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. شۇ سەۋەبتىن 2004-يىلى (‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› نىڭ قارمىقىدا) تەسىس قىلىنغان ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى› ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن ئىزچىل ھەلدا بۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دائىر خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلدى. 2005-يىلىغا كەلگەندە بولسا مەزكۇر مەركەزنىڭ فۇنكىتسىيەسىدە يېڭى بىر يۈكسىلىش بولدى: بۇ مەركەز ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە دۆلەتتىن (يەنى خىتايدىن) قېچىپ چىققان ‹قانۇنسىز› قاچقۇنلارغا ئۆز تەۋەلىكىدە قەتئىي پاناھلىق بەرمەسلىك خىزمىتىگىمۇ نازارەتچىلىك قىلىشقا باشلىدى. 2009-يىلىغا كەلگەندە بولسا ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ‹تېررورلۇققا قارشى ئەھدىنامە› گە ئىمزا قويدى.»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىياردىكى بارچە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق» قا يۆلەپ باستۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا قارىتا «پسىخىك ئۇرۇش» قوزغاشنىمۇ داۋام قىلماقتا. بۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ «قارشى مەۋقەدىكىلەرنىڭ ھەرقاچان ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تايانچسىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ بىمەنە ئىكەنلىكى» نى جەمئىيەتكە كۆپلەپ تەشۋىق قىلغان. ئەمما بۇ ئۇسۇللار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە يارىشا ئەكس تەسىر پەيدا قىلغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق تېررورلۇق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقارغان، شۇنىڭدەك كەڭ مىقياستا تارقالغان بىر تەسۋىر ‹تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش› بولدى. ئەمما چەتئەللەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلاردا بولسۇن ياكى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە بولسۇن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھاللا ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن بۇ سىياسىي تەدبىرلەرگە قارشى ئىنكاس سۈپىتىدە ئوخشاش بولمىغان جاۋابلار ئوتتۇرىغا چىقتى. مەن بۇلارنى ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرى، دەپ چۈشىنىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى چەتئەللەرگە كەلسەك خىتاينىڭ بىز باياتىن تىلغا ئالغان سىياسەتلىرىگە قارىتا ‹تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى› ھەمدە غەيرىي زورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر يېڭى ئىنكاس سۈپىتىدە روبرو بولدى، دەپ قارايمەن.»
پروفېسسور مايكىلنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئورنى خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاشكارا ھالدا «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ھۇلى، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي ئىناقلىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئاچقۇچى» دەپ كۆرسەتكەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇنىڭغا زىت ھەرقانداق ئامىلنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش باش ۋەزىپىگە ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» نىڭ ئاخىرقى شەكلى بولغان «ھەربىي كۈچ»، بولۇپمۇ ساقچىلار كۈچى تېز سۈرئەتتە ئاشقان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارالىشىشى ئارقىسىدا بۇنىڭ رايون مىقياسىدا قانداق تەسىر قوزغاۋاتقانلىقىنى بىر روشەن كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بىر ئىپادىسى شۇ بولدىكى، رايونلۇق ھۆكۈمەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىراجىتىنى چاقماق تېزلىكىدە تىك سىزىق بويىچە ئاشۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقان نازارەت قىلىش سىستېمىسى ھەمدە ئامانلىق قىسىملىرىنى كۆپەيتىشكە پۇل دېگەننى ئايىماي خەجلەۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە يەنە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ ‹مەركىزىي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى› نىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئېلىشى بولدى. تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنى باش مەقسەت قىلغان بۇ كومىتېتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2015-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نى ماقۇللىدى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىخەتەرلىك نامىدىكى تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ ‹مەركىزىي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى› نىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ئىجرا بولماقتا. بۇ يەردە تولىمۇ قىزىقارلىق بولغان بىر ھال مەۋجۇت: بۇ كومىتېتنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدە ئالدىن ئويلىشىلىدىغان 11 نۇقتىلىق خىزمەت بار. ئەمما تېررورلۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەرقاچان يۈكسەك ئورۇنغا قويۇلۇپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردە ‹ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇقى› دېگەن مەسىلە ھەرقاچان ئەڭ ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.»
پروفېسسور مايكىلنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» تەدبىرلىرىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جۇ خەيلۇننىڭ بۇ يىل بېشىدا تەكىتلىگەن «تېرورچىلارنى ماڭارغا يول تاپالماي قالغان ھالەتكە ئاپىرىۋېتىش، ئۇلارغا دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدا ھېچقانداق مەدەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش» دېگەن سۆزى ئارقىلىق خۇلاسىلەش ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن.