ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەنلەر نېمىشقا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.30
ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىشى خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىق، دەپ قارالماقتا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان سولدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2019-يىلى 22-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، مەسچىتلىرىنىڭ چېقىلىپ، قۇرئانلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ، ساقاللىرىنىڭ كېسىلىپ، ئاياللىرىنىڭ يالىڭاچلىنىپ، ناماز، روزا، ھەج ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى تاراتقۇلار ۋاسىتىسى بىلەن ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ كەلدى.

دۇنيا شاھىت بولدىكى، ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان دۆلەت خەلقلىرى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئانچە-مۇنچە نامايىشلار ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتلىرى بۇ قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، «بارلىق مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» دېگەن ئۈممەت قارىشى بويىچە ھەرىكەت قىلمىدى. بەلكى ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ كۆزىدە قاراپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ دېگەنلىرىنى تەكرارلىدى؛ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدىكى بايانلىرىنى «سىياسىي ئويۇن» دەپ قارىدى؛ خىتايغا ئەگىشىپ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارشى سەپتىن ئورۇن ئالدى، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرقتە ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىشى، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خىتاي ۋاسىتىسى بىلەن يارىشىپ قېلىشى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرمەكچى بولۇشى قاتارلىقلار مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى «بارلىق مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» دېگەن چاقىرىقنىڭ ھازىر كارغا كەلمەس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر دىننى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايدۇ، سىرتتىن قارىغاندا، بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم كۆرۈنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ‹مۇسۇلمانلار بىر بىرىنىڭ قېرىندىشىدۇر› دېگەن. ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداقمۇ؟ ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەلكىم شۇنداقتۇ، ئەمما پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ تۆت خەلىپە زامانىدىن كېيىن، بۇنداق بىرلىك مەۋجۇت بولماي قالدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىياسىي كۈرەشلەر ئەۋج ئالدى. ئۈممەت خىيالى كۆپۈككە ئايلاندى. مەيلى ئىسلام دىنىدا بولسۇن ياكى خىرىستيان دىنىدا بولسۇن، ئۈممەتچىلىك پەقەت بىر ئارزۇ، غايىدىن ئىبارەت بولۇپ قالدى».

يېقىندا ئامېرىكادىكى «تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «دۇنيا نېمىشقا ئۇيغۇرلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەس بولۇپ قالدى؟» ناملىق ماقالىدە، خەلقئارانىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەل قارىشىدىكى بەزى سەۋەبلەر، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ھەتتا خىتايغا بولۇشۇپ، بۇ جىنايەتكە شېرىك بولۇشىدىكى مەقسەتلىرى كۆرسىتىلگەن.

بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
RFA

خەلقئارا «ئىسلام قورقۇنچى» مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، يازغۇچى، مۇخبىر ۋېرلېمان (CJ Werleman) يېقىندا تىۋىتتىېر ھېسابىدا يۇقىرىقى ماقالە بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇر يوللاپ، «(پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى) ئىمرانخان، (سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ۋەلى ئەھدىسى) مۇھەممەد بىن سالمان، (تۈركىيە پرېزىدېنتى) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەمىرى) مۇھەممەد بىن زايىد قاتارلىقلار ئۇلارنى (ئۇيغۇرلارنى) خىتايغا ساتتى؛ مۇسۇلمان ئەمەسلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلمەس بولدى؛ بەزى مۇسۇلمانلار ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇپ، خىتاي بىلەن دوست بولدى» دەپ يازغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن «مۇسۇلمان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن بولۇشىدىكى سەۋەب ھەر ئىككىسى مۇستەبىت ھاكىمىيەت» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى.

«تاشقىي سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ دۆلەت خەپسىزلىكى ۋە ئىستىخبارات مۇخبىرى ئەمى مەكىنان (Amy Mackinnon)

يېقىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا يازغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى تارىختا ئەڭ خەلقئارالاشقان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە، خەلقئارانىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا بولغان غەزىپىنىڭ پەسىيىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ بۇ ماقالىسىدە خەلقئارانىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسى ھەققىدە مۇنداق يازغان: «ختىاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنىڭ كىشىنى ئەڭ قورقىتىدىغان يېرى شۇكى، دۇنيا ئۇنى توختىتىشنى خالىمىدى؛ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىنى قوغلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلدىن تارتىپ كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشىغا بىرەر جازا چەكلىمىسى قويمىدى. مىسىر، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا-ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سولايدىغان جايغا قايتۇرۇپ بەردى. كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن قورقۇپ، سۈكۈت قىلىش يولىنى تۇتتى».

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زەربە بەرگەنلىكى، لاگېرلارغا سولاپ «قايتا تەربىيە» بەرگەنلىكى ۋە خەلقئاراغا بۇنى يوللۇق ۋە توغرا سىياسەت دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى بايان قىلىنغان؛ نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ «ئەگەر ھۆكۈمەت تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ بىر مۇسۇلمان خەلققە پۈتۈنلەي زەربە بەرسە، بۇ سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزغا تەسىر قىلىدۇ ۋە سىزنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئېھتىمالىڭىزنى يوق قىلىدۇ» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورچىلار، رادىكال ئۇنسۇرلار» دەپ تەشۋىق قىلىشىنىڭ خەلقئارانى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئوينىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى دۇنيادىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسلام روھىغا ئۇيغۇن دۆلەتلەر ئەمەسلىكىنى، بۇ دۆلەت خەلقلىرى ئىچىدە گەرچە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىدىغانلار، ھېسداشلىق قىلدىغانلار بولسىمۇ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر مۇستەبىت بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنىڭ بېسىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.