«شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد تاللىشى

0:00 / 0:00

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2020-يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا «شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نى تەكىتلىگەنىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىپ كەلگەن. ئۇ ھەر قېتىملىق خىزمەت يىغىنلىرىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ تۇرىدىغان دىن، مەدەنىيەت، سەنئەت قورغانلىرىنى يىقىتىپ، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش» نىشانىنى تەكىتلەپ كەلگەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق دىن بولغان ئىسلامنى «ئەرەب ئىسلامى»، «خىتاي ئىسلامى» ياكى «شىنجاڭچە ئىسلام» دەپ نەچچىگە بۆلۈۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ئاجىزلىتىپ ھەم يوقىتىپ، ئۇلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» تەركىبىگە، يەنى خىتاي كىملىكىگە كىرگۈزمەكچى بولغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خې جوڭيۇ سۆز قىلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى تۈزەش ئىستراتېگىيەسى» نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنى باشقۇرۇش رولىنى كۈچەيتىش، «شىنجاڭ ئىدىيە خەزىنىسى» بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

يىغىندا تەكىتلەنگەن «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئالدى بىلەن ئىدىيە، ئېتىقاد جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق كۆرسەتكەن.

«ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ئارقىلىق بۇ دىننى دىنسىزلىق ۋە «سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى» غا ئايلاندۇرۇشقا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ، يىللاردىن بېرى ئىسلامنى ھاقارەتلەپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خورلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن خىتايچىلاشتۇرۇلغان ئىسلامنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنى بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چۈنكى دىنسىز بىر ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان دىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يوقاتقان بولىدىكەن.

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى دىن خىزمىتىگە دائىر ھۆججەتلىرىدە «شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىن خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، دىنىي ساھەدىكىلەر چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىزمنى قوبۇل قىلىشى، سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى قوغدىشى، سىياسەتكە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىرتنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، دەۋرگە ماسلىشىشى كېرەك» دېيىلگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، «شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى ئاساسەن خىتايدىكى «ئەرەبلىشىش، ۋاھابىيلىشىش شامىلىغا زەربە بېرىش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىسلام ئېتىقادىغا زامانىۋى، دۇنياۋى ئېلېمېنتلارنى سىڭدۈرۈش» دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئىجرائات داۋامىدا ئىسلام دىنىنىڭ نورمال ھۆكۈملىرىنى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى تامامەن ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دەپ چەكلىگەن ۋە جازالىغان. «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئىپادىسى» دېگەندەك قائىدە-نىزاملارنى پەيدا قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى خىتايدىكى ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا مەركەزلەشتۈرگەن؛ ئىسلام دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى كۆرسىتىش ئارقىلىق «شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق دىنى» دېگەن ئۇچۇرنى بەرمەكچى بولغان.

خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» دېگەن بۇ سىياسىتى ئاتالمىش «تېررورچىلارنى يوقىتىش» نى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ گويا «تېررورچىلارنىڭ ماكانى» دەك مەخسۇس تەكىتلىنىشى بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلارغا تۇتقان پەرقلىق مۇئامىلىسى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە «شىنجاڭدىكى ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان ئاللاھقا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تايىنىدىغانلىقىنى، مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئۇنى مەنىۋى كۈچ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.