چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئىسمائىل ئەھمەد ھەققىدە بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2018.10.18
ئالدىنقى كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ 16-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبى بىلەن 84 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسمائىل ئەھمەد سەيپىدىن ئەزىزىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىككىنچى قارارلىق رەئىسىدۇر. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشتۈرۈپ چىققان ئىككىنچى ئەۋلاد يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىست ئەمەلدار بولۇپ، 1979-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەردە ئۇنىڭغا: «ئىسمائىل ئەھمەد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باھا بېرىلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ، 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ مېيىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمىنىڭ بېيجىڭدىكى «باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى» دا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، مەزكۇر مۇراسىمغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەمدە لى جيەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىپ، ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بايرىقى يېپىلغان جەسىتىگە «ئۈچ تەزىم» قىلىپ ۋىدالاشقانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار بېرىلگەن. خەۋەردە يەنە ئىسمائىل ئەھمەد ئاغرىق مەزگىلىدە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ھەمدە خىتاي دۆلەتنىڭ سابىق رەئىسى جاڭ زېمىننىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۇنى يوقلىغانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان يەرلىك ئاھالىلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، مەزكۇر رايوننى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغاۋاتقان، ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان تارىخىدا پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن باستۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل ئەھمەدكە يۇقىرىقىدەك باھا بېرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاينىڭ رايوندىكى بىر يۈرۈش باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلاشقان سابىق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى نۇرغۇن كىشىلەردە سوئال پەيدا قىلغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ھاياتىغا بەرگەن مەدھىيەلىك باھالىرى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ شەخسنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىغا نىسبەتەن قايتا ئويلىنىشقا ئۈندىدى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خەلقئارادا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قاتتىق تەنقىدلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا بۇ قەدەر يۇقىرى باھا بېرىشىدە مەلۇم مەقسەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاھار بارات مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ ئۇ دۇنياغا كەتكەن ئىسمائىل ئەھمەدنى ‹ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى› دەپ بازارغا سېلىشىدا چوقۇمكى بىر مەقسەت بار دەپ ئويلايمەن.»
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن ئۇيغۇر رەئىسلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قورچاق ئەمەلدارلار دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئىسمائىل ئەھمەد رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىللەردە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە مەلۇم دەرىجىدە يۇمشاش كۆرۈلگەنلىكىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىدىن كېيىن، يەنى 80-يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رەئىس بولغان ئىسمائىل ئەھمەد قانداقلا بولمىسۇن قورچاق رەئىسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ دەۋر نۇقتىسىدىن ھەم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىجرا قىلغان ھەم ئۇيغۇر خەلقنىڭمۇ رايىغا مەلۇم دەرىجىدە باققان، ھەم ئېھتىياتچان ھەم مەلۇم دەرىجىدە ئىش ماڭغۇزغان بىر ئەمەلداردۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسمائىل ئەھمەد 80-يىللارنىڭ بېشىدىكى خىتاينىڭ نىسبەتەن كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە ئۆز خەلقىگە تېخىمۇ جىق ئىش قىلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز خەلقىگە يېتەرلىك ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن بىر رەئىس دېيىشكە بولىدۇ.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىسمائىل ئەھمەد ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسمائىل ئەھمەدنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلەنگەن باشقا ئەمەلدارلارغا ئوخشاشلا ھەيكەل بولۇپ بېرىش رولىنى ئوينىغان بىر قورچاق رەئىس دەپ قارايمەن. گەرچە ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جان پىدالىق ۋە ساداقەت بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىسمائىل تىلىۋالدى، نۇربەكرى، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا مەلۇم پەرقلەرگىمۇ ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. ئىسمائىل ئەھمەد ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە مەيلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرەلىگەن ياكى بېرەلمىگەن بولسۇن، ئۇنى يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقاتمىغان بىر شەخس دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
دوكتور قاھار بارات بىلەن سىياسىي پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن «ئىسمائىل ئەھمەد دەۋرىدە رايوندا كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزۈلگەن» دېگەن قاراش ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىسمائىل ئەھمەد ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئىسمائىل ئەھمەتكە باھا بەرمەك بىرقەدەر قىيىن شەخس دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ دەۋرىدە خىتاي ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دەۋرىدىكى بېكىنمىچىلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، غەربكە ئىشىكىنى ئېچىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ دەۋردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقىدىمۇ بىرئاز بوشاش كۆرۈلگەن ئىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئۇيغۇرلار شۇ دەۋردە مىللىي ئويغىنىشقا ۋە ئۆزىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىسمائىل ئەھمەد خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلىگەن بىر قورچاق رەئىس بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلار كەڭرى سىياسەتتە ياشىغان دېيىش بىر ئەخمىقانىلىك، خالاس.»
دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سابىق رەئىس ئىسمائىل ئەھمەد رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلىدە گەرچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىدا بىر مەزگىللىك گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسمائىل ئەھمەد يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە سادىق ئەمەلدار بولغىنى ئۈچۈن، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان بىر ئەمەلدار ئىكەن. ئەينى دەۋردە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى نىسبەتەن يۇمشىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسمائىل ئەھمەد بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشقا، ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان دېيىشكە بولىدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 80-يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولغان ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇنىڭغا «يۈكسەك باھالارنى بېرىشى» نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ ئۇيغۇرلار مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. شۇڭا بۇنىڭغا بىر تارىخىي ۋەقە سۈپىتىدە يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئۆكتەبىر تارقاتقان «ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ھايات مۇساپىسى» ناملىق تەپسىلىي خەۋەردە ئۇنىڭ «بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى قوغداشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دە رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمائىل ئەھمەد ھەققىدىكى خەۋىرى توغرىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، قورچاق رەئىس ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ھەق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قورچاق ئەمەلدار ئىسمائىل ئەھمەد ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان سۆزلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھالبۇكى، ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنىغا باھا بېرىش مەسىلىسى ھازىرچە كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلىدىغان بىر تارىخىي تېما ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.