ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.08.28
Istanbulda-echilghan-Uyghur-akademi-yighinidin-bir-kurunush.jpg ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى» دېگەن تېمىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 25-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 25-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

بۇ يىغىن ئىستانبۇلنىڭ مەلۇم مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا خەلق ئاممىسىغا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتور، پروفېسسورلار، دىنى ئالىملار، زىيالىيلار، ژۇرنالىستلار ۋە تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ 60 كىشى قاتناشتى.

يىغىندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، كىملىك، مىللىي مائارىپ، دىنىي چەكلىمىلەر، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى قاتارلىق بىر يۈرۈش جىددىي مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىن ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئانا تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، ئۈچىنچى بۆلۈمدە ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار دوكلاتلار سۇندى. كېيىن ئۇيغۇرلار يولۇققان مەۋجۇت ئېغىر مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى ۋە مۇھاكىمىسى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇزاكىرىدە، ئۇيغۇرلارنى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

يىغىندا تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت «مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر»، قىرغىزىستاندىن كەلگەن پروفېسسور سەيپۇللا ئابدۇللايېف «مۇھاجىرەتتىكى ئائىلە مائارىپى ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر»، قازاقىستاندىن كەلگەن پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار»، ئامېرىكىدىن كەلگەن دوكتور قاھار بارات «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر»، پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق «ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلەر»، پروفېسسور ۋارىس چاغان «ئۇيغۇرلار تارىختا دۇچ كەلگەن مىللىي كرىزىسلار ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش جەريانلىرى» دېگەن تېمىلاردا ۋە يەنە ئەركىن سىدىق، رۇقىيە تۇردۇش قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ ھەر خىل تېمىلاردا دوكلات بەردى.

يىغىندا يەنە ئەنقەرە ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم «مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق يوللىرى ھەققىدە مۇھاكىمە»، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن «خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەييارلىقى»، دوكتور مەمىتىمىن ئەلا «ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى چۈشكۈنلۈكىگە قارشى تەدبىرلەر»، دوكتور شەۋكەت ناسىر « نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى»دېگەن تېمىلاردىمۇ دوكلات سۇندى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلات رەھبەرلىرى سۆز قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنى «مىللىي پاجىئە» دەپ ئىپادىلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل خەۋپلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم ئېلىشى ۋە ئەقىل-تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يوق بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئاراللىرى قۇرۇش ۋە بۇ ئارالدا ئۇيغۇر تىلى، دىنى، مەدەنىيەت-ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن پەرزەنتلەرنى ئۇيغۇر تىلى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن يېتىشتۈرۈش»نى تەكىتلىدى.

دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى خەلقئارا جامائەتكە كەڭ ئاڭلىتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى شۇنداقلا چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، تەشكىلاتلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت خۇلاسە دوكلاتىدىن مۇھىم نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتىكى 3-ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشى، ئۇيغۇر كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈش بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىتتىپاقلىشىش، بىرلىشىش، ھەمكارلىشىش-ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زۆرۈر ۋە ئېھتىياجلىق ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىغىندا ئەڭ تەكىتلەنگەن مەسىلىلەردىن بىر بولدى. بىرلەشكەندە، ئىتتىپاقلاشقاندا كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ۋە بۇ كۈچ بولماي تۇرۇپ بىز تىلىمىزنى مىللىي كىملىكىمىزنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قالالمايمىز. بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم پىكىرلەردىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا بولۇپ ئۆتكەن جىنايەتلەرنى، دۆلەت تېررورلۇقىنى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش، شىكايەت سۇنۇش. مۇشۇ باسقۇچلار ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بوھراندىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق قىلىش».

26-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى» دېگەن تېمىدا ئاممىۋى ئوچۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور قاھار بارات، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئىلشات ھەسەن، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار سۆز قىلدى، ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.