ئانالىزچىلار چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى جىددىي كۆرسىتىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.02.24
xiaming-new-york-sheher-unversititi-profisor.jpg نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور شىيا مىڭ ئەپەندى
Photo: RFA


14-فېۋرال يۈز بەرگەن خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، دائىرىلەر رايوندا كۈچەيتكەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە رايون ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى يەنە كۈچەيتتى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ مۇقىملىقنى زىيادە تەكىتلەپ، تۈمەن كىشىلىك ئەسكەر بىلەن ھەيۋە كۆرسىتىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشىدە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە رايون ۋەزىيىتىنى جىددىي كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش، ئۇيغۇر دىيارىنى قارشىلىق كۆپەيگەن تىنچسىز رايون قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ۋە ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلار مەنىۋىي، ماددىي ھوقۇق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل مەقسەتلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 23-فېۋرالدىكى سانىدا 22-فېۋرال چارشەنە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېلېفون-تېلىۋىزىيە يىغىنى ئېچىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى بويىچە، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەردىن بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا يەنە ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي تىنچلىق ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە يەنى 14-فېۋرال خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 3 ئۇيغۇرنىڭ 5 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بولۇپ، دائىرىلەر 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە قوراللىق ساقچى ئەسكەرلەرنىڭ برونىۋىك، تانكا، ئوق ئۆتمەس ئاپتوموبىللارنىڭ ھىمايىسىدە كوچىدا ھەيۋە كۆرسىتىش، تېررورلۇققا قارشى قەسەمياد يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ھەممە جايدا مۇقىملىقنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەت، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ ھەقتىكى ماقالە-ئانالىزلاردىن 22-فېۋرال چارشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىدىكى لوۋى ئىنىستىتوتى تەتقىقات مەركىزى ناملىق خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تور بېكىتىدە تەتقىقاتچى مىكايىل كلارك تەرىپىدىن يېزىلغان «قاتتىق زەربە ۋە گۈلدۇرمامىدەك كۈچ: بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدا ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلىشى» ناملىق ماقالىدە، 14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە باھا بېرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇل نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ئەڭ قاتتىق ھالەتتە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋەزىيەت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىپ 3 جەھەتتىن ئىزاھلانغان.

ئاپتور ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 1-دىن كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى،

2-دىن ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادنى رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش ۋە توسالغۇنىڭ سەۋەبى دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكى،

3-دىن،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى رادىكال ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز-ئارا باغلاشقا ئۇرۇنغانلىقى، بولۇپمۇ، 2001-يىلدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باستۇرۇشنى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى باھانە قىلىپ ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە 14-فېۋرال خوتەن گۇما ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەلدار چېن چۈەنگو تەرىپىدىن مۇقىملىقنى قوغداش زىيادە تەكىتلىنىپ، قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان تۈمەن كىشىلىك قوشۇننىڭ خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئېغىر قوراللارنىڭ ھىمايىسىدە خەلققە ھەيۋە كۆرسىتىشى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاممىۋى ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان مۇقىملىقنى قوغداش، تېررورلۇق ھەركەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغالغانلىقى ھەققىدە ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلدى.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرلىنىنىڭ باش مۇھەررىرى ئوبزورچى خۇ پىڭ ۋە نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور شىيا مىڭ ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىيەتنىڭ بۇ قەدەر جىددىيلىشىشىگە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەل قىلغۇچ ئامىل دەپ ئەنسىرىشى ۋە يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنى ئىسپاتلاش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولۇش تاماسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق كۆپ ئامىللار سەۋەب بولغان.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «مەن چېن چۈەنگونىڭ 14-فېۋرال خوتەن گۇما ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ھەيران قالمىدىم. سەۋەبى خوتەندە يۈز بەرگەن 3 ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي قورال پىچاق بىلەن ھۇجۇم ئىلىش ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ، بۇ خىل تۈمەن كىشىلىك ساقچى، ئەسكەرلەر ئارقىلىق ھەيۋە كۆرسىتىش، مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، دىنىي رادىكاللىقنى باھانە قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلىش، چېن چۈەنگونىڭ رايوندىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن ئىكەنلىكى سەۋەب بولغان.»

خۇ پىڭ، ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلەنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان رايوننىڭ مۇقىملىقىنى باھانە قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلدى: « ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەنسىرەش كومپارتىيە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان كۈندىن باشلاندى. ئەمما 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، بۇخىل ئەنسىرەش تېخىمۇ كۈچەيدى. سەۋەبى، خىتايدا يېقىنقى 30 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىۋاتقان نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىغا تايىنىپ قالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەگەر رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك مۇقىمسىزلىق يۈز بەرسە، خىتاي ئىقتىسادىي ۋەيران بولۇش خەۋپىدە قالىدۇ. مانا بۇ مەسىلە ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلەنگەن ھەرقانداق خىتاي ئەمەلدارنىڭ رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئۆز رايىغا بېقىندۇرىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشيەنلەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلانغان ئىدى، ھازىر چېن چۈەنگومۇ مۇقىملىقنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى ئاشكارا ئىپادىلىدى. شۇڭا ئۇ، خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن 3 ئۇيغۇرنىڭ پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 19-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ، تېخىمۇ مۇھىم مەرتىۋىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

شىيا مىڭ مۇنداق دېدى: « شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئۆز رەقىبى جۇ يۈڭكاڭ، بو شىلەيلەرنى تازىلىدى، ئەمما، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەنسىرىشى سەۋەبلىك پارىخورلۇق ۋە قاتتىق باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمدى. 2010-يىلدىن كېيىن رايونغا تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشەنمۇ مۇقىملىقنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن ئىدى. لېكىن بۇلتۇر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تورىدا يۈز بەرگەن شى جىنپىڭنى ئىستىپاغا چاقىرىش خېتى سەۋەبلىك جاڭ چۈنشەندىن ئەنسىرىگەن شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز يېقىنى چېن چۈەنگونى تەيىنلىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، شى جىنپىڭ ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئېتىۋارىغا ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە جىددىي قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنى رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا خىزمەت كۆرسەتكەن قىلىپ كۆرسىتىپ تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەل تاماسىدا بولۇشى مۇقەررەر ئەھۋال.»

پروفېسسور شيا مىڭ ئەپەندى يەنە، چېن چۈەنگونىڭ بۇ خىل قاتتىق قول باستۇرۇشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پايدىسىز ۋەزىيەت ئېلىپ كېلىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېڭى ئەمەلدارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، ئۇ، مۇقىملىق ۋە دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىي كۆرسىتىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. ئەمما ۋەزىيەت مۇشۇنداق داۋاملاشسا، قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قارشىلىقلار تېخىمۇ كۆپىيىپ، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان، خىتاي ۋە چەتئەل شىركەت-كارخانىلىرىنىڭ رايونغا مەبلەغ سېلىشى ئازىيىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدىغان، ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى پەقەت ھەربىي كۈچى ۋە قوراللىق باستۇرۇشقا تايىنىپ تۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىكى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.