داۋادا كەڭرىگەن يوللار: ئۈزۈلمىسەك ئېزىلمەيمىز (1)
2021.01.08
2017-يىلى باشلانغان ئومۇمىي تۇتقۇن تۆتىنچى يىلغا قەدەم قويغاندا ئۇيغۇردا نېمىلەر ئۆزگەردى؟ لاگېرلارنىڭ تۈرمىلەرگە، زاۋۇتلارغا ئايلىنىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئېغىر كېسىلگەن جىنايەتچى ۋە چاكار ئىشچىلارغا ئايلىنىشى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ۋە ئوي خىيالىدا قانداق يېڭىلىقلارنى پەيدا قىلدى؟ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دەپ تونۇلۇشتىن مىللىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا يۈزلىنىشى ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىنكاسلارنى، تەشەببۇسلارنى ۋە تەخىرسىز ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلدى؟ بۇلارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن گەپنى بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن باشلانغان، بۈگۈنگىچە مىسالى كۆرۈلمىگەن نامايىشتىن باشلايلى.
2020-يىلى 25-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر تارىخى نامايىش بولۇپ ئۆتتى. بىر تەرەپتە ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئۇيغۇر ئاۋام كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!» دەپ شوئار توۋلىدى. ئۇلارنىڭ يان تەرىپىدە يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار «ئائىلەمنى قويۇپ بەر!» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن نامايىش قىلدى. ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى، سىياسىي داۋا سېپىدىكى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئاتلانغان يېتەكچىلەر شۇ كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا ئائىلىسى ئۈچۈن ئاتلانغان نامايىشچىلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
25-دېكابىر پەرقلىق ئىككى سىياسىي قاراشىتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى كەڭ قۇرساقلىقى، بىر بىرىگە كۆرسەتكەن قېرىنداشلىق مېھرى، داۋا سېپىدىكى ھەمنەپەسلىكى ماڭا بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇنقى ئەھۋاللارنى ئەسلەتتى. 2018-يىلنىڭ بېشىدا خىتاي ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە لاگېرلاشتۇرۇشنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزگەن ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زۇلۇمغا قارشى ئەرز قىلىش پىكرى قايناپ تاشقىلى تۇردى. بەزىلەر ئائىلىسىنىڭ سۈرۈشتىسىنى خىتايدىن قىلىش، ئەرزنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلىش، خىتايدىكى قېرىنداشلارنى قوغداش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھاجىرەتتە قاتتىق بىر مەيدان مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى. بۇ تەشەببۇسلار خىتايغا يېلىنغانلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىق، داۋانىڭ يۆنىلىشىنى مۇستەقىل دۆلەت داۋاسىدىن كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىغا بۇرىغانلىق دەپ چۈشىنىلدى. ئاخىرىدا ئەرزلەر تۈركىيەدە تەشكىللىك يېزىلدى، خىتايدىن باشقا ئەللەرگە سۇنۇلدى. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ پرېزدېنتلىرىغا خەتمۇ يېزىلغان بولدى، ھەتتا بەزى خەتلەر ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇلغانمۇ بولدى. شۇ چاغدا ئىستانبۇلدىكى بىر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى «دوست دۈشمەنگە ئېنىق بولسۇنكى، خىتايغا ئەرز قىلمايمىز، خىتايدىن ھېچنېمە كۈتمەيمىز!» دەپ جاكارلىغان ئىدى. بۇ ئەرز قىلىش دولقۇنىنى گوگۇللىساق ھېچ بىر خەلقئارالىق ئاخباراتقا چىقمىغانلىقى بىلىندى، بەلكىم ھېچ بىر پرېزدېنتتىن جاۋاپمۇ كەلمىگەن بولسا كېرەك.
«ئائىلەمنى قويۇپ بەر» دېگەن بۇ پائالىيەتكە بىرەر تەشكىلاتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش بولدىمۇ؟ ياق. سىياسىي داۋا بىلەن ئىنسانىي داۋانى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدە بىرەر خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ياكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى چاقىرىق ئېلان قىدىمۇ؟ ياق، ياق! داۋادىكى ئىككى ئېقىمنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىغا قىلغان خىرىسلىرى بىرلەشتۈردى. ئۇلارنى پەقەت قېرىنداشلىق رىشتىسى تۇتاشتۇردى. ئۇلارنى مەۋجۇتلۇق يىپىغا ئېسىلىپ تىترەۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى سۈرەن-چۇقانسىز بىر سەھنىگە ئېلىپ كەلدى.
2020-يىلى سىنتەبىردىن باشلاپ ئىستانبۇلدا ياشايدىغان 12 ئۇيغۇر ياش تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ داۋاسىنى قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان ئىدى. ئۇلار تاكسىم مەيدانىغا يىغىلغاندا تۇتقۇن تۇغقانلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكىلىرى تەتۈر كىيدۈرۈلدى. ئۇلار مەسچىت ۋە چوڭ سەينالاردىن قوغلاندى، ئەمما بۇ ئەزىمەتلەر بەل قويۇۋەتمىدى. ئاخىرى ئۇلار خىتاي تۇتقان كىشىنىڭ ھېسابىنى خىتايدىن سوراش قارارى بويىچە ھەرىكەتلىنىشكە قارار بەردى. ئۇلار 18-دېكابىردىن باشلاپ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ھەر كۈنى نامايىش قىلىشنى باشلىدى.
نامايىش باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركىيەدىكى تونۇلغان شەخسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئىسلام ئىقتىسادى تەتقىقاتچىسى دوكتور بۇرھان سېتى، جەمئىيەتشۇناس دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق، دەۋەتچى ئۆلىما ھەبىبۇللا كۈسەنى، مۇدەررىس ئەلى ئەكبەر دوموللا قاتارلىقلار نامايىشچىلارنى قوللاپ، يوقلاپ باردى. ئۇيغۇر داڭلىقلاردىن باشقا تۈركلەرنىڭ داڭلىق ئۆلىما، سىياسىيۇن، ئاخباراتچى ۋە يۇتۇپچىلىرىمۇ بۇ پائالىيەتنى قوللىدى.
بۇ نامايىش ئۇزاق ئۆتمەي تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ھازىر بۇ نامايىشقا تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر، جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئەدىب شائىرلار مەدەت بېرىشكە باشلىدى. ئۇلار كۆتۈرۈپ چىققان ئائىلە، قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانلىق شوئارى ئادەتتىكى ئاۋام ئارىسىدىمۇ ھەرىكەتلىنىشكە سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇپ ھازىر سەپكە يەرلىك تۈركلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقى مەلۇم.
25-دېكابىر كۆرۈلگەن ھەمكارلىق بۇندىن كېيىنكى يۈزلىنىش بولۇشى مۇمكىن. مۇھاجىرەتتىكى چارەسىزلىكنىڭ چەكسىز دېڭىزىدا ئۇيغۇرلۇق كېمىسىدە كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكى سەۋەبلىك كېمىدىن تۆشۈك ئېچىپ ئۆزىنى قوشۇپ غەرق قىلىش نىيىتى يوق. ھۆرلۈك سەپىرىدە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتلىق بۇ كارۋاننىڭ بىرى بىرىنى، پۇتلاپ، توسۇپ، قىستاپ قاتناش قىستاڭچىلىقى چىقىرىش مەقسىتى بولماسلىقى كېرەك. ئومۇمىي تۇتقۇندىن كېيىنكى ئېغىر جىنايى جازا، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك ۋە تۇغماسلاشتۇرۇش، نوپۇس كۆچۈرۈش، مەجبۇرى تويلاشتۇرۇش، ئەۋلاتسىزلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇيغۇرلارنى ئويغاتتى. زۇلۇم زەربىسىدىن باشلار قايغاندا سۈنئىي ياساپ چىقىلغان «شىنجاڭچى، تۈركىستانچى، مۇستەقىلچى، ئاپتونۇمىيەچى، ئۇلۇسچى، ئۇيغۇرچى» دېگەن ئۇقۇملارنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كىشىلەر پاجىئەنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كېلىشكە باشلىدى.
ئۇيغۇرغا مەۋجۇتلۇق زەنجىرىنىڭ بىر بىرىگە تۇتاش ھالقىلاردىن تۈزۈلگەنلىكى ئايدىڭ. بىر ھالقىنىڭ ئۈزۈلۈشى پۈتۈنسۈرۈك بىر زەنجىرنى كاردىن چىقىرىدىغانلىقىمۇ گۇمانلىق ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن خىتايغا ئېزىلمەسلىك ئۈچۈن ئۈزۈلمەس مارجان، چېقىلماس زەنجىر بولۇپ ئۇلىنىشى دۇنياۋى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىسراپ بولغان ۋاقىت، ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان پاجئئەلىك ۋەقەلەر ۋە خىرىسلار ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتكەن بولسا كېرەك. بۇ تۇتقۇن ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىنى قىلىدىغانلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرىنىڭ داۋاسىنى قىلىدىغانلار بىر مەيدانغا جەم قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
دېمەك، ئومۇمىي تۇتقۇن باشلانغان بۇ ئۈچ يىلدا كۆپ قاتماللىقلار يۇمشاپتۇ، زىددىيەتلەر زەئىىپلىشىپ، ھەمنەپەسلىك زورىيىپتۇ، پىكىرلەرنى ئۆزگىرىپتۇ. داۋا يولىدا كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە كاشىلا قىلىۋاتقان، پۇتلىشىۋاتقان سۈنئىي توسۇقلار سۈپۈرۈلۈشكە باشلاپتۇ. تەبرىكلەشكە لايىق يېرى بۇ ئىككى يىل ئۇيغۇرلارنى سالماقلاشتۇرغان، ئەقلىلەشتۈرگەن، بىر بىرىنى «مەن مۇستەقىلچى، سەن ئاپتونۇمىيەچى» دەپ چەتكە قېقىشتىن بىر مەيدانغا يىغىلىپ بىر بىرىنى قوللاپ نامايىش قىلىدۇردىغان تەجرىبىلەر توپلىنىپتۇ.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.