ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ «كەسپ ئۆزگەرتىشى» گە نېمە سەۋەب بولدى؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.04.12
uyghur-hashar-osteng-chepish.jpg ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتى نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىكى كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ «كەسىپ ئۆزگەرتىپ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى» نى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. دېمىسىمۇ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ پىلانلىق شەكىلدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ياكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى خىتاي زاۋۇت-فابرىكىلىرىغا ئىشلەمچىلىككە كېتىۋاتقانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەر ۋە تەشۋىقاتلار دەرىجىدىن تاشقىرىي كۆپىيىپ، خەلقئارانىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، كوللېكتىپ ھالدا خىتاي رايونلىرىغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى، قاتتىق نازارەت ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ئاستا پ-ئاستا مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئادرىئان زېنز تەرىپىدىن 2020-يىلى دىكابىردا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش رامكىسى ئىچىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەنلەر پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئاساس قىلغان. ئۇنىڭ دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۈرۈش رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدىن، يەنى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىگە جايلاشقان «نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئەقىل ئامبىرى» نىڭ 2018-يىلى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دوكلات «نەنكەي دوكلاتى» دەپ ئاتالغان.

ئادرىئان زېنزنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلىغان. بىرى، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار. ئۇلار جازا لاگېرلىرىدا ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش» تىن كېيىن، ئەتراپدىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ياكى پاختىزارلىقلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان؛ يەنە بىرى بولسا، سىرتقىي دۇنيا ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزىلىرىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بولۇپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ ئاتىۋالغان. ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى (بۇ نوپۇس پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك نوپۇسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقى خىتاينىڭ دۆلەت ئىسىتاتىستىكىسىدا ئېنىق كۆرسىتىلگەن) دېھقانلار بولۇپ، جەنۇبتىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارغا مەركەزلەشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ ئاتىۋالغانلار ئاساسلىقى يوقۇرىقى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى نامرات دېھقان ياشلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى «ئىشچى قوبۇل قىلىش ۋە ھەقسىز تەربىيەلەش» يولى بىلەن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ خىل «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىڭ ماھىيەتتە مەجىبۇرلاش، بېسىم قىلىش ۋە باشقا تەدبىرلەر ئارقىلىق يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئاتالمىش «نەنكەي دوكلاتى» دا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما دوكلاتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنى ياخشىلاش ئاساسلىق مەقسەت بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي توپلىشىپ ياشاش ۋە ئائىلىۋىي تۇرمۇش قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىش نىشان قىلىنغان. «نەنكەي دوكلاتى» دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىراقنى كۆزلەپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ياقا يۇرتلاردىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كاللىسىنى يۇيۇش، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، خىتايغا سىڭدۈرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان.

«نەنكەي دوكلاتى» دا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشتىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا يۆتكەش ئارقىلىق، ئۇلارنى خىتايلارغا سىڭدۈرىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئادرېئان زېنچ «نەنكەي دوكلاتى» ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىنىڭ تاللاش ئىمكانى يوق. ناۋادا خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى چىققىنىدا، ئۇلارغا ئۈچ خىل كۈچ تۆھمەتلىرى ئارتىلىپ، چوقۇم جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋال خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مەجبۇرىي ئەمگەك دەپ قارىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدىكى نامراتلىقنى يوقىتىش تۈرلىرى ئىچىدە شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ يۆتكىلىشىگە دائىر تۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ۋەيران قىلىش سىياسىتىنىڭ بىرى، خالاس. بۇ تۈرلەرگە ئالاقىدار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1 مىليۇن 600 مىڭدىن 1 مىليۇن 800 مىڭغىچە ئەتراپتا. . .»

«نەنكەي دوكلاتى» تيەنجىندىكى نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئەقىل ئامبىرى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ئورنىغا دوكلاتنىڭ قىسقارتىلغان قىسمى قويۇلغان ۋە دوكلاتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سىڭدۈرۈپ يوقىتىش ھەققىدىكى مەزمۇنمۇ ئۆچۈرىۋېتىلگەن.

«نەنكەي دوكلاتى» دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا تىلغا ئېلىنغان ئىككى مىليۇنغا يېقىن ئۇيغۇر نوپۇسى خىتاي ئىسىتاتىستىكىسىغا ئاساسەن پەقەتلا ئەمگەك ئىقتىدارى بولغان ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىغا ئالاقىدار بولۇپ، بۇ سانلار ياقا يۇرتلارغا يۆتكىلىش ئىمكانى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دېمەك، يۆتكەلمىگەن ياكى يۆتكىلىش ئىمكانى بولمىغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ياكى تۆۋەن دەپ قارالغان ياشانغانلار، ئاياللار، بالىلار ۋە مېيىپلار بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. جەنۇبتىكى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە نوپۇسى يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىقىنى كىم قىلىدۇ؟ يەرلىرىنى كىم تېرىيدۇ؟

ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى كىمنىڭ تېرىيدىغانلىقى ھەققىدە ئەستايىدىل پىلانلارنى يىللار ئىلگىلىرىلا تۈزۈپ، بۇ ھەقتىكى بىر قاتار سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان. ئىشلار يەنىلا خىتاينىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىگە ئالاقىدار بولۇپ، 90-يىللاردا يولغا قويۇلغان بۇ سىياسەتتە، ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى «ئالاھىدە نامرات رايون» دەپ بېكىتىلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى جەنۇبقا كېڭەيتىپ، بوز يەر ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئاساسلىق خىزمەت نىشانى قىلىنغان. بۇ سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرى «تېرىلغۇ يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش سىياسىتى» ئاساسىدا ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشكە باشلىغان. 1996-يىلى يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم بېرىش پىلانى» دىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تېرىلغۇ يەرلىرىنى كېڭەيتىش، تۈزلەش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش نامىلىرىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈلگەن زېمىنلىرىنى ئىگىلەپ، چوڭ تىپتىكى پاختا تېرىقچىلىقى، ئاشلىق، ماي، كۆكتات قاتارلىق تېرىقچىلىق تۈرلىرىنى يولغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەلگەن ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەلىرىنىڭ زاۋۇت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشى، سانائەت رايونلىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا كارخانا، شىركەت قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىغا بېرىلگەن. ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بولسا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئاز، تېرىلغۇغا كېرەكلىك سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىل، دېھقانچىلىققا كېرەكلىك ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بەك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ياكى باشقا يۇرتلارغا يۆتكىلىپ، ئىشلەمچىلىك قىلغىنىدا ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ دېھقانچىلىق قىلغاندىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قايتا يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق كوپېراتىپلىرىنى قۇرۇش ۋە دېھقانلارنى بۇ كوپېراتىپلارغا ئەزا بولۇشقا مەجبۇرلاش بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يەرلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش» تەك ساختا ھادىسىلەرنى مەيدانغا چىقارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ يەنە 28 مىليون 7329 مو كۆپىيىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 106 مىليون موغا يەتكەنلىكى ۋە تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمى جەھەتتە خىتاي بويىچە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بۇنچە چوڭ تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا ياقا يۇرتلارغا ئىشلەمچىلىككە، خىتاي كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچى بولۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ياشانغان، قاراقسىز قالغان ئاتا-ئانىلىرى بولسا، ئاتالمىش ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئۆيلىرىدە ياشاشقا، بالىلىرى بولسا قوش تىللىق ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەربىيەسىگە، مال-چارۋىلىرى بولسا ئاتالمىش يېزا-ئىگىلىك كوپېراتىپلىرىدىكى ۋاكالىتەن قاراپ بېرىش ئورۇنلىرىدا «ئامانەت» كە قويۇلغان ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىلگەن.

دېمەك، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك كەسىپ ئۆزگەرتىشكە يۈزلىنىپ، دېھقانچىلىق كەسىپىدىن ئىشلەمچىگە ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ كەينىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش، يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى يوشۇرۇنغان.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.