ما شىڭرۇينىڭ چاقىرىقى ۋە راست-يالغانلار ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما
2025.03.07

7-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىككى يىغىنى» دا چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى «بىر قىسىم ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىپ، ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېتىشكە چاقىرىق قىلغان. ما شىڭرۇينىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىۋاتقانلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەمدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتلىرى ما شىڭرۇينىڭ سۆزى بىلەن زىددىيەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «مۇقىم ۋە گۈللەنگەن شىنجاڭ ئوبرازى» بىلەن غايەت زور پەرق ھاسىل قىلماقتا.
2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر زور مىقدارىدىكى تەتقىقات دوكلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى دەلىللەندى. خىتاي بۇ دوكلاتلارنى ئىنكار قىلىپلا قالماي بەلكى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى (OHCHR) نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشىدىن كېيىن تەييارلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى. شۇنداقتىمۇ بۇ دوكلات 2022-يىلى ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن بولدى.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى (ASPI) سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە 380 دىن ئارتۇق يىغىۋېلىش لاگېرى قۇرغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال خىتاي ئىزچىل يوسۇندا، جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەنىدى. دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي بىردىنلا بۇ ئورۇنلارنى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتاي، پولاتتەك ئىسپات ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا ئىمكانسىز قالدى. تېخىمۇ مۇھىمى، 2019-يىلىدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرى»، «قارىقاش تىزىملىكى»، «نەنكەي دوكلاتى»، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» قاتارلىق تۈرلۈك خىتاي ھۆججەتلىرى، بىرقانچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ھەر 25 ئۇيغۇر ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى دۇنيانى چۆچۈتتى. لېكىن خىتاي بۇ جىنايەتلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقى» بىلەن يوشۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلالمىدى.
2020-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى(UFLPA)» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بولغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلىپ خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى؛ نازارەت ئاستىدا پاختا تېرىش، پاختا-توقۇمىچىلىق، كانچىلىق ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەجبۇرىي قايتا تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
- بايدېن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى خىتاينى چەكلەيدىغان ۋە جازالايدىغان سىياسەتلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلماقتا
- ب د ت نىڭ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن
- HRW: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ چەكلىك زىيارىتىگە يول قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ نورماللاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ»
- ASPI نىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «زامانىۋى قۇل» سۈپىتىدە سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: «خىتايدىن ھېساب سورايدىغان پەيت كەلدى! »
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا، مەسچىتلەرنى تاقاپ، ئۇيغۇر تىلىنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەپ كەلگەنلىكى، ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقىمۇ ئاشكارىلانغانىدى. 2021-يىلى ئامېرىكانىڭ «تاشقىي سىياسەت ژۇرنىلى» ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ قىسقىغىنە بىر قانچە يىلدا 50 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، بۇ ھادىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلىق نوپۇس قىسقارتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي بۇ دەلىللەرنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 1980-يىللاردىكى 5 يېرىم مىليون نوپۇستىن، 2020-يىلىدىكى 11 مىليوندىن ئاشقانلىقى بىلەن يوشۇرماقچى بولدى. ھەتتا 2024-يىلى ئىيۇلدا خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر دوكلاتىنى باھالاپ، ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئەسلا يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ، شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بايان قىلدى. دېمەك، خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرى يالغانچىلىق قىلىپ ھارمىدى، ئەمما ئۇنىڭ يالغانچىلىقلىرىمۇ ھەر قېتىم تاشقىي دۇنيانىڭ كۈچلۈك ئىسپات ۋە دەلىللىرى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ كەلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قارمىقىدىكى «ئاسىيا ھەقىقەتنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى(Asia Fact Check Lab)» خىتاينىڭ كۆپلىگەن ھۆكۈمەت مەنبەلىك ئىستاتىستىكا مەلۇماتى، خەۋەر، تەتقىقات دوكلاتلىرى قاتارلىقلاردىن، ماۋ نىڭنىڭ دېگەنلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. شۇنداقلا، مەيلى خىتاينىڭ 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسى بولسۇن، ۋە ياكى 1953-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسى بولسۇن، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن مۇتلەق نىسبەتتە كۆپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان يۇقىرىقىدەك دوكلاتلاردىن سىرت، جازا لاگېرلىرىدىن ئامان قالغان شاھىتلارمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە شاھىتلىق بەردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستان پۇقراسى گۈلباھار جېلىلوۋا، ئۆمەر بېكئالى، فىرانسىيەدىن ۋەتىنىگە قايتىپ لاگېرغا قامالغان گۈلباھار خاتىۋاجى قاتارلىق بىر قانچە شاھىتلار جازا لاگېرلىرىدا باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرى، ئۇچرىغان تەن جازاسى، سىياسىي تەربىيەلەش ۋە لاگېرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە تاشقىي دۇنيانى چۆچۈتكۈدەك مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى. قازاقىستان پۇقراسى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ۋە تۈرلۈك جىسمانىي قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا شاھىتلىق بەردى. گەرچە خىتاي بۇ شاھىتلارنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى «تۆھمەت، يالغان» دەپ ئىنكار قىلسىمۇ، لېكىن تاكى بۈگۈنگىچە خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغىنى يوق.
خۇلاسە قىلغاندا، گەرچە «ما شىڭرۇي چەت ئەللىكلەرنى شىنجاڭغا بېرىپ، ئۆز كۆزى بىلەن ھەقىقەتنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان» بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رېئاللىقىنى كۆرۈش پەقەت خىتاينىڭ ئارىلىشىشىدىن مۇستەسنا بىر شارائىتتىلا ئاندىن مۇمكىن ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقى شەكسىز بىر ھەقىقەتتۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز، گۈللەندۈرۈۋاتىمىز، ئۈچ خىل كۈچلەرنى يوقىتىۋاتىمىز» دېگەندەك سەپسەتىلىرىگە ئالدانماسلىقى، بەلكى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى، خىتايغا ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك بېسىم قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك!
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]