ما جۈ: «خىتايلارنىڭ قېچىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار بۇ جاينىڭ ھازىر ئىنسانىيەتنىڭ دوزىخى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.12.05
xitay-kochmen.jpg خىتاي كۆچمەنلەر خوتەننىڭ مەركىزىدىكى چوڭ مەيداندا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 15-ئاپرېل.
AFP

ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق قامال مەزگىلىدە، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىكايەت قىلىۋاتقان ۋە بارلىق ئاماللار بىلەن يۇرتلىرىغا كېتىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى كۆپلەپ ئاشكارىلىنىپ، دىققەت قوزغىدى. بۇ خىل سىن كۆرۈنۈشلىرىدە بىر قىسىم خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، يۇغۇرى سۈرەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار بىلەن، ھەتتا يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ پىيادە مېڭىپ ئىچكىرىگە قېچىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ يول بويىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە چىقىش ئېغىزلىرىدىكى توسۇش ھەم ئاگاھلاندۇرۇشلارغىمۇ قارىماي يۇرتلىرىغا كېتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېغىر پاجىئە سەۋەبلىك، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر شەھەرلىرىدىكى خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىمۇ ئاۋاز قوشقان.

سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ توپلىنىپ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ يۇقۇم قامالىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش، ئۈندىدار، تىك توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يۇقۇم قامالى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ھەتتا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يۇرتلىرىغا قېچىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

سىن كۆرۈنۈشلىرىدە رايوندىكى شىكايەت قىلغان خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىشىغا قاتتىق قامال تەدبىرلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

ئۇلار بايانلىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان قامال تەدبىرلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر جايىدىن قاتتىق ھەتتا قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ قالمىغانلىقى ئۈچۈن كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن قېچىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئىلگىرى خىتايدا بىر مەزگىل تۇرغان، لاۋلېي تەخەللۇسىدىكى گېرمانىيەلىك يۇتۇبېر بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن. ئۇ پروگراممىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن يۇرتلىرىغا قېچىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قېچىشىغا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان چېكىدىن ئاشقان قامال سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لاۋلېي سۆزىدە رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنىڭ رايوندىكى يۇقۇم قامالىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ يۇقۇم قامالى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنى ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن نيۇ-يوركتا ياشايدىغان تۇڭگان پائالىيەتچىسى ما جۈ ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم قامالى سىياسىتىدىن شىكايەت قىلىپ، يۇرتلىرىغا قېچىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەملىكە سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان مەنپەئەتدار خەلق ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى خىتايلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىغا، خۇددى تارقالغان سىن فىلىملىرىدا دېيىلگەندەك، ئۇلار باي بولۇش، زېمىنغا ئىگە بولۇش، يەر ئىگىسى بولۇش، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنى بولۇش مەقسىتىدە بارغان. بارغانلارغا 40 مو يەر، بىكارلىق تۇرالغۇ ئۆي، 80 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ياردەم بېرىلىدۇ، جورىسى يوقلارغا يەرلىكتىكى گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تويلىشىش ئىمكانى بار دېگەنلەر ئىجترىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدىغان تەشۋىقاتلار. بۇلار خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ياشلىرىنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ، مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە قوللانغان سىياسىتى».

ما جۈنىڭ قارىشىچە، مەنپەئەتدار خىتاي كۆچمەنلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە ئۇلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قامال سىياسىتى ئۇيغۇرلاردىن ئاسمان زېمىن پەرق قىلسىمۇ، ئەمما مۇشۇ ئەھۋالدىمۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز، بۇ مۇستەملىكىچىلەر بىرنەچچە يىللىق قامال سىياسىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇلار بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئەلۋەتتە ئۇلارغا قارىتا يولغا قويۇلغان ‹يۇقۇم قامالى سىياسىتى› يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ. 3 يىلغا يېقىن قامال داۋام قىلىپ 2022-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋامى بولغان ئىرقىي قامال قىلىش باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئۇلار ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىدە لاگېر تۈسىدىكى ئاتالمىش كۆچمە دوختۇرخانىلارغا قامالدى. ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن پەقەت ئۆيلىرىدىن چىقىش چەكلەندى. ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئەركىنلىكى يەنىلا بار ئىدى. ئەمما بىزنىڭ ئاخىرىدا كۆرۈۋاتقىنىمىز، ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغان بۇ ھۆكۈمران خەلقمۇ بەرداشلىق بېرەلمىدى».

ما جۈ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھەرقانداق ئاماللار بىلەن قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار بۇ جاينىڭ ھازىر ئىنسانىيەتنىڭ دوزىخى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇيغۇرلار نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان بۇ ئازابنى تارتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى خىتاي كۆچمەنلىرى بۇنىڭ تەمىنى ئازراقلا تېتىدى خالاس. ئەمما ئۇلار بۇنىمۇ قوبۇل قىلالمىدى. ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگىنى ئۇيغۇرلار تارتقان ئازابنىڭ ئوندىن بىرى ھەتتا يۈزدىن بىرى. ئەمما ئۇلار كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ رايوندىكى زوراۋانلىق سىياسىتىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. شۇڭا بۇ سىياسەت خىتايلارنىمۇ بۇ يەردىن قېچىشقا مەجبۇر قىلماقتا.»

ما جۈ ئەپەندى يەنە 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىكى ئۆلۈم پاجىئەسىنىڭمۇ خىتاي ئاھالىلىرىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ قېچىشىغا ۋە قوزغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بۇ يانغىن پاجىئەسىدە كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئوت ئاپىتىدە ئۆز ئائىلىلىرىنى قۇتقۇزماي قېچىپ كەتكەنلەر بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ما جۈ بۇ زۇلۇملارنىڭ رايوندىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىمۇ ئويغىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشقا بولغان يېڭى بىر تونۇشنى بارلىققا كەلتۈردى. تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسەتتى»، دېدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم قامالى سىياسىتىدىن شىكايەت قىلىپ، يۇرتلىرىغا قېچىشى» دىكى سەۋەب ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىدە يۇقۇم قامالى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان قامال سىياسىتى رايوندىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى باي بولۇش ئىستىكىدە رايونغا كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ قېچىشىغا سەۋەب بولغان».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، رايونغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى قامال سىياسىتىدە يۇمشاش بولسىلا، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىشى مۇمكىن» دېدى.

ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ رايوندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچمەن يۆتكەشنى يەنىلا داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەمما كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا، ئۆز يۇرتلىرىدا تىرىكچىلىك ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا كۆچمەن بولۇپ ياشاشنى خالىماسلىق ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.