«قېزىۋېلىنغان 150 پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقى» ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالامدۇ؟
2023.08.18

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش سىياسىتى «ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭدا قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى» ئېچىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى قەدىمدىن تارتىپ باشقۇرغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمى دەۋرلەردىن تارتىپلا خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۈچەپ بازارغا سېلىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ساھىبخانلىقى بىلەن «جۇڭگو تارىخى-شىنجاڭدا قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى» 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كۆرگەزمە تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ» دا بايقالغان ئالاھىدە ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى ئىكەن. بۇ كۆرگەزمىدە 150 پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بامبۇك ۋە يىپەك ھۆججەت، قەغەز ھۆججەت، يېزىق ۋە ئابىدە (مازار تاشلىرى) دىن تەركىب تاپىدىكەن. ئۇ خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ يۈەن، مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسىگىچە بولغان سىياسەت، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن ۋە باشقا ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تېكىست ۋە ئۇيغۇرلارغا تەۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يوق بولۇپ، پەقەت خىتاي تىلىدىكى ۋە خىتاي تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە ئاسارە-ئەتىقىلەر تاللاپ قويۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاشۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن خىتاي دۆلىتى تەۋەسىدە ئىتائەت قىلغۇچى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۇرۇنۇشى ۋە مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ نىشان، مەقسىتى ۋە خاراكتېرى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئالىملىرىدىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پىروفېسسورى ئېرىك شلۇسېل (Eric Schluessel) غا سۇندۇق. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈن ۋە ھەقىقىي تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىكەن. ئۇ بۇ خىل قىسمەن ۋە ئىنتايىن سىياسىيلاشقان كۆرگەزمىدىن بەك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆز قارىشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئاسارە-ئەتىقىلەر پۈتكۈل رايوننىڭ بىر قىسىم تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، بۇلار مۇھىم ۋە قىممەتلىك. ئەپسۇس، ئۇلار پەقەت شۇ تارىخنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر تىلىدا تېكىست يوق، پەقەت خەنزۇ تىلىدىكى تېكىستلىرىلا قۇيۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆرگەزمىنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ پۈتكۈل رايوندىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئىكەنلىكىنى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. بۇ كۆرگەزمىنىڭ سىياسىي مەقسەت بىلەن تەشكىللىگەنلىكى ئېنىق. مېنىڭچە تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، بۇ رايوندىن قەدىمدىن بۇيان ياشاپ كەلگەن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى بۇ كۆرگەزمىدىن ئۇرۇن ئالمىغان. بۇ خىل شەكىل ۋە ئەندىزە ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئارخېئولوگىيەلىك ۋە تارىخى كۆرگەزمىلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەقىقەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ تارىختا ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى شەكىللەندۈرگەن، خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى، ئاۋازى، كۆز قارىشى قاتارلىقلار كۆرگەزمىگە قويۇلمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا كىشىلەر مۇزېيغا كەلگەندە، ئۇلار بۇ رايوننىڭ تارىخىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى كۆرەلەيدۇ ۋە چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك، كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەر ۋە بەلكىم كۆرگەزمىنى لايىھەلىگەن كىشىلەرمۇ بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جۇڭخۇا (خىتاي) مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى نامايان قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ يەردە ھەقىقەتەن خەتەرلىك بولغىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن سىياسىي كونتروللۇق ئوتتۇرىسىدا ئېنىق باراۋەرلىك يارىتىش. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، چۈنكى بۇ رايوندىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋە تىلىغا ھەقىقەتەن سەل قارىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. كەسپىي تارىخچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ خىل قىسمەن ۋە ئىنتايىن سىياسىيلاشقان كۆرگەزمىدىن بەك ئۈمىدسىزلەندىم.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك، كۆرگەزمىدىكى بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ؟ تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ كۆرگەزمىدىكى مەقسەتنىڭ تارىخنى بۇرمىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ھۆججەتلەر خىتايلار ئېيتقاندەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالامدۇ؟ بۇ سوئالىمىزغا، «قەشقەر تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، تۈركىيە ھاجىبايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، تارىخچى كونورئالپ ئەرجىلاسۇن (Konuralp Ercilasun) جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتايلار ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تاللاپ كۆرگەزمە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۇ يەردىكى ئىشغالىيىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر، بىز 2000 يىللىق تارىخنى قىسقىچە خۇلاسىلىساق، خىتاينىڭ ئىككى مىڭ يىللىق تارىختا ئىچىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ئىككى ياكى ئۈچ ئەسىرگىمۇ يەتمەيدۇ. خىتاي ھازىر مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، خىتاي چەكلىك ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىگە ئائىت ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىشغالىيىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئىككىنچى، خىتاي تارىختا شەرقىي تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلمىغان ۋاقىتلاردا، ئۇ جاي بىلەن سودا، سىياسىي تەرەپلەردە مۇناسىۋىتى بولغان. بۇ، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇ چاغدا بەزىدە شەرقىي تۈركىستان ئۈستۈن ئورۇندا بولغان بولسا، بەزىدە خىتاي ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان. خىتاي بۇ يەردە ‹شەرقىي تۈركىستانغا مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى ئەسىردىن باشلاپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز› دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ چەكلىك ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇ يەردىكى ئىشغالىيىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزى ھۆكۈمران بولمىغان مەزگىلدە، شۈبھىسىزكى ئۇ يەردە خىتايدىن كەلگەن خىتاي سودىگەرلەر ياكى باشقا خىتايلار بار. بۇ يەرگە ئەلچىلەر كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمرانلىق قىلىش باشقا، نورمال مۇناسىۋەت قىلىش باشقا. خىتاي نورمال مۇناسىۋەتلەرگە دائىر ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىقمۇ بۇ ئىشغالىيەتنى قانۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ».
خىتاي تاراتقۇلىرىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىدەك «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» نامى ئاستىدا پات-پات سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بۇ خىل كۆرگەزمىلەرنىڭ سىياسىي مەقسىتى ۋە ئېلىپ كېلىدىغان «نەتىجىسى» توغرىسىدا كانادا تۇرۇۋاتقان تەتقىقاتچى شېڭ شۆ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق ھۆكۈم سۈرۈش، تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئىشغالىيەت يۈرگۈزۈشتەك دۆلەت تېررورلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلاشتەك نومۇسسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە يەنە تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق باندىتلارچە لوگىكىسىغا ئاساسەن ئاتالمىش بىر قىسىم ئاتالمىش تارىخى ماتېرىياللارنى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىنتايىن ناچار ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشى ۋە مېڭىنى يۇيۇشى ئاستىدا، ياش ئەۋلادلار تارىخىي ھەقىقەتنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار بارغانسېرى گاڭگىراپ قالىدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۆزىنىڭ زور كۈچىنى ۋە ئىلغار تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ باشقىلارنى كونترول قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇنداق تەۋرەنمەسلىك ۋە ئىزدىنىش قەتئىي داۋام قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى تونۇپ يىتىدۇ. ئىنسانلار خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قىلغان زۇلۇمى ۋە زومىگەرلىكىنى بىلىپلا قالماستىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، ئېتىقاد، تىل، يېزىقچىلىق، تۇرمۇش، ئادەت ئۇستىدىكى كونترولىنى ۋە ناچار تەسىرىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تونۇپ يىتىدۇ.»
ئاخىردا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولۇنغان بىر تارىخىي پاكىتنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي بازارغا سېلىۋاتقان «تارىخ» كۆز قاراشلىرىنىڭ تارىخى رېئاللىققا، تارىخ مېتودىغا ۋە تارىخ پەلسەپەسىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.