خىتاي مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈۋېتەلەمدۇ؟
2024.01.16

قازاقىستان تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇلى، ئىلىم ۋە جەمئىيەت خىزمەتلىرى مىنىستىرى پروفېسسور دارخان قېدىرالى ئەپەندى ئالدىنقى يىلى تۈركلەرنىڭ قەدىمىي پايتەختى ئۆتۈكەن ۋادىسىدىن بايقىغان «ئېلتەرىش قاغان مەڭگۈ تېشى» بىلەن تۈرك دۇنياسىنى خۇشاللىققا چۈمدۈرگەنىدى. ئۇنىڭ تۈرك ئىلىم دۇنياسىغا سۇنغان بۇ يىلقى سوۋغىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ بۇ يىلنى بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا ئاتالغانلىقى خوش خەۋىرى بولدى.
پروفېسسور دارخان قىدىرالى ئەپەندى بۇ خوشخەۋەرنى ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆزىنىڭ فېيسبۇك ھىسابىدىن ئورتاقلاشقان. يۇنېسكونىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەشھۇر ئەسىرى «تۈرك تىللار دىۋانى» يېزىپ تاماملانغانلىقىنىڭ 950-يىللىقى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چىقارغان بۇ خوشخەۋىرىگە دارخان قىدىرالى ئەپەندى ئۆزىنىڭ قەشقەر ئۇپالدىكى مەھمۇد كاشغەرى قەۋرىسى ئالدىدا چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتىنى قىستۇرما قىلىپ بەرگەن.
يۇنېسكونىڭ 2008-يىلىنى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئاتالغاندىن كېيىن، بۇ يىلنى، يەنى 2024-يىلىنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى «‹دىۋان لۇغاتىت تۈرك› يىلى» دەپ ئاتىغانلىقى، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى چەكسىز سۆيۈندۈردى. ھەر بىر قېتىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىسمىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرىنىڭ نامىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئايرىلماس زىننىتى ھەم قىممىتى بولغان قەدىمىي قەشقەر، شۇنداقلا قەشقەرنىڭ ئەڭ ھاۋالىق ھەم گۈزەل بوستانلىقى ئۇپالنىڭ قوينىدىن ئورۇن ئالغان ئالىمنىڭ مازىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. شۇڭا پروفېسسور قېدىرالى ئەپەندىنىڭ بۇ خۇشخەۋەرگە ئالىمنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تارتىلغان سۈرىتىنى قوشۇپ قويۇشىمۇ دەل ئاشۇ خىل سۆيۈنچىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.
ئالىمنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ 1266-يىلى ئەسلى نۇسخادىن دەمەشقلىك خەتتات مۇھاممەد سەۋا-ئىي تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن قوليازما نۇسخاسى بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان بىردىن بىر قوليازما نۇسخاسىدۇر. 1914-يىلى ئەلى ئەمىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بۇ قىممەتلىك ئەسەر ئۆتكەن يىلىغىچە ئىستانبۇل مىللەت كۈتۈبخانىسىدا ساقلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بۇ ئەسەر ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيى مىللەت كۇتۇپخانىسىغا يۆتكەپ كەلدى. دېمەك، بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ بىردىن-بىر قوليازمىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۈرىكى بولغان ئەنقەرەدە ساقلانماقتا.
2000-يىلىدىن بۇيان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانا يۇرتىدىكى مازىرىمۇ تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئالىملار ھەم سىياسەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە زىيارەت قىلىدىغان يېرىگە ئايلاندى. 2002-يىلى تۈركىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دەۋلەت باغچەلى (Devlet Baðçeli) شەخسەن ئۆزى ئۇپالغا بېرىپ، ئالىمنىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلدى.
2008-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ باش كاتىپى مۇستافا ئېسەن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 11 كىشىلىك بىر ئۆمەك مەزكۇر مازارنى زىيارەت قىلىپ، ئالىم توغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى يالغۇز قويمىدى. 2012-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا شۇ ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۈرۈمچىنى ئۈرۈمچىگە باردى. ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن جاڭ چۈنشەن ۋە نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشكىنىدە «قېرىنداشلىرىمىز سىزلەرگە ئامانەت» دېيىشنى ئۇنتۇمىدى. شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئەردوغان ھەتتا ھەزرىتى موللام مازىرىنى تۈركىيەنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ رېمونت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
كېيىنكى 6 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن كېيىن تۈركىيە ۋە باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدە بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەشھۇر ئەسىرىنىڭ نامى داۋاملىق تىلغا ئېلىپ قىممىتىنى مۆلچەرلەش ئادىتى داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئالىمنىڭ ئانا يۇرتىدىكى مازىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئاڭلىغان بىلگەنلىرىمىز ناھايىتى ئاز بولدى. كۆڭۈللەرنى غەش قىلىدىغان خەۋەرلەرنىڭ بىرى، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوپالدىكى مەھمۇد كاشىغەرىي مازىرىدىن ئورۇن ئالغان زور ھەيكىلىنى چېقىۋەتكەنلىكى ئىدى.
ھالبۇكى، ئىلگىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ مەشھۇر ئالىمىغا ئاتاپ، ھەر يىلى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەم تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئانا يۇرتى قەشقەر ئوپالدىكى ھەيكىلىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۆزلىگەن ھەرقايسى تۈرك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلدى. ئۇلار مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى پەقەتلا ئۆز دۆلەتلىرى تەۋەسىدە ئېلىپ باردى. 2021-يىلى 9-ئايدا تۈركىيە مەرمەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، شۇنداقلا تۈرك كېڭىشى (Türk Konseyi) نىڭ قوللىشى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىلمىي مىراسى ۋە ئۇنىڭ تۈركولوگىيە تەرەققىياتىدىكى رولى» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (Türksoy) بىلەن قىرغىزىستان ئىسسىق كۆل ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە خەلقئارالىق يىغىن ئۇيۇشتۇردى. «مەھمەد كاشغەرىي ۋە ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى» دېگەن تېمىدىكى بۇ يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئالىمنىڭ ئاتىسىنىڭ يۇرتى بارسقان شەھىرىنى زىيارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ «دىۋان» دا «مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ يۇرتى» دەپ تىلغا ئېلىنغان بۇ تارىخىي ماكانغا ئالىمنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش ۋە بىر مۇزېي ئىنشا قىلىش قاتارلىق لاھىيەلەر ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەنلىكى مەلۇم. بۇ يىغىندا يەنە «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› يېزىلغانلىقىنىڭ 950-يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەسلەش ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن يۇنېسكوغا ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئۇپال كەنتىدىكى «ھەزرەتى موللام مازىرى» نىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرى ئىكەنلىكى 1983-يىلى ئېنىقلانغاندىن بۇيان، بۇ مازار ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتتى.
ئۇلۇغ ئالىمغا يۇنېسكو ۋە ھەرقايسى تۈركىي دۆلەتلەر كۆرسىتىۋاتقان ھۆرمەت، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزگە مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسىرىگە نىسبەتەن ئىپادىلەۋاتقان قايىللىق، ئەلۋەتتە ئالىمنىڭ يۇرتدىشى ۋە مىللەتدىشى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئىشەنچ، جاسارەت ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان بىر قوزغاتقۇچ كۈچتۇر.
بۇ قېتىممۇ يۇنېسكونىڭ مەشھۇر ئالىمغا كۆرسەتكەن ھۆرمىتى ھەر بىر ئۇيغۇرغا تەبىئىي ھالدا ئالىمنىڭ مازىرىنى ئەسلەتتى. ئۇلار ئۆتكەن 7 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن مازار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىلىشكە ئالدىرىدى.
2018-يىلىدىن بۇيان خىتاي تور بەتلىرى ۋە تاراتقۇلىرىدا بىرەر كىشىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر ياكى مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇشتا خىتايغا يانتاياق بولۇۋاتقان ئىسلام ئەللىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئاتالمىش «زىيارەتچى» ۋە «ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرى» ئىچىدە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئوپالدىكى مازىرىنى زىيارەت قىلغانلاردىن بىرىمۇ يوق. ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا بۈيۈك ھەسسە قوشقان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئوپالدىكى قەبرىسى ئورنىغا ئۇلار خىتاينىڭ تارىختىكى مۇستەملىكىچىلىك قارا نىيىتىگە سىمۋول قىلىنغان ئاتالمىش جاڭ چيەن، بەنچاۋ دېگەندەك ساختا تارىخىي قەھرىمانلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى تاۋاپ قىلغانلىقى مەلۇم.
2019-يىلىدىن كېيىن ئوپالدىكى مەھمۇد كاشىغەرىي مازىرىنىڭ دەرۋازىسىغا ئورنىتىلغان تاختايدىكى «مەملىكەت بويىچە مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى-مەھمۇد كاشغەرىي مازىرى» دېگەن خەتلەر ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە قىلىپ «ئۇپال باغچىسى» دېگەن يېڭى ئىسىم يېزىپ قويۇلغان.
مازار دەرۋازىسىدىن كىرگەندىن كېيىنلا دىققىتىمىزنى تارتىدىغان 4 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلىنىڭ 2020-يىلى چېقىلىپ تۈزلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭدىن كېيىن سول تەرەپتىكى ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگەندە، ئالدىمىزدا كۆرۈنىدىغان ئابدۇرېھىم نىزارى، قۇتلۇق شەۋقى ۋە باشقا بىر قاتار تارىخىي شەخسلەرنىڭ قەبرىلىرى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرايدىغان تارىخىي «ھاي-ھاي تېرەك»، پەلەمپەي بىلەن يۇقىرىغا چىققىنىمىزدا كۆرۈنىدىغان ئاق رەڭلىك نەقىشلىك ۋە قۇببەلىك چىرايلىق دەرۋازا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم ھۇجرا ئىچىدىكى ئالىمنىڭ مەخمەل يېپىلغان مەقبەرىسىنىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. دەرۋازا ئالدىدىكى تاختايدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن مازارنىڭ ئىسمى كىشىنى «ئالىمنىڭ قەبرىسى چېقىۋېتىلگەنمىدۇ؟» دېگەن ئەندىشىگە سالىدۇ. مازارغا تەۋە چىرايلىق مەسچىت، مازار تەۋەلىكىدىكى يېڭى سېلىنغان مۇزېيلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئۇچۇر تېپىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس.
ئەپسۇسكى، بىز ئىزدىگەن ئۇچۇرلار ئورنىدا خىتاينىڭ تور ۋە تارارتقۇ ئۇچۇرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارشى يېزىلغان يازمىلار قاپلاپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەھمۇد كاشغەرىي، ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ھەتتا ئۇنىڭ ئوپالدىكى قەبرىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاتالمىش خىتاي «تەتقىقاتچى» سى گاۋ بو نىڭ «ماقالە» سى ئالاھىدە دىققىتىمىزنى چېكىدۇ.
گاۋ بو ئىسىملىك بۇ خىتاي «تەتقىقاتچى» نىڭ 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان تونۇلغان جامائەت ئەربابى، تىلشۇناس، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا مەسئۇللۇقىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئورنىغا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان «جۇڭگو تىلى ۋە ئەدەبىياتى» ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكى مەلۇم. ئۇ، 2019-يىلى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلغان «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ مازىرى ھەققىدىكى گۇمان ھەم ئويلىنىشلار» ناملىق مەخسۇس ماقالىنىڭ ئاپتۇرىدۇر. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئالىمنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى شېئىر ۋە ماقال تەمسىللەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە ئەمەسلىكى، ھەتتا ئوپالدىكى مازارنىڭمۇ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مازىرى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سىياسىي غەرەزگە تولغان سەپسەتەلەرنى بازارغا سالغان.
ئۇنداقتا، «تەتقىقاتچى» تونىغا ئورىنىۋالغان گاۋ بو نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا ئىلىم ساھەسى ئېتىراپ قىلغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ۋە ئوپالدىكى قەبرىسىنى رەت قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ھېچقانداق پاكىتسىز بۇنداق بىر بىمەنە سەپسەتەنى ھېچ ئۇيالماستىن بازارغا سېلىشىنىڭ ئارقىسىدا قانداق بىر كۈچ مەۋجۇت؟
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى گاۋ بونىڭ بۇ ئاساسسىز گۇمانلىرىغا رەددىيە بېرىدىغان تارىخشۇناس، ئەدەبىيەتشۇناس، تىلشۇناس، جەمئىيەتشۇناس ۋە ئىنسانشۇناس ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈرلۈك بوھتانلار بىلەن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىگە تاشلاپ يوقاتتى. خەلق بۇ تېمىدا ئۆزئارا سۆزلىشىشلىرىنىڭمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا قولغا ئېلىنىشىغا «يېتەرلىك سەۋەب» بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھېچكىم ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» گاۋبونىڭ بۇ جۆيلۈشلىرىگە قارشى ھېچنەرسە دېيەلمىدى. چەت ئەللەردىكى تۈركولوگلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ گاۋ بونىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانلىشى بىلەن يېزىلغانلىقىنى بەش قولدەك بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاھىدە جاۋاب بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ، دەپ قارىدى.
ھالبۇكى، ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» گاۋ بونىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دەك «ئىلىم» نامى بىلەن ئاتالغان بىر ژۇرنالدا دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئىلمىي ئۆلچەملىرى ۋە ئىلمىي ئەخلاقىغا پۈتۈنلەي زىت ھالدا سىياسىي غەرەز بىلەن يېزىپ بازارغا سالغان بۇ قىپقىزىل يالغانلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب بېرىلمىسە ياكى ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىنسا، بۇ ئىلىمغا قىلىنغان ھاقارەت ۋە خىتاي رېجىمى ئالدىدىكى «ئىلمىي ئاجىزلىق» بولۇپ قالىدۇ، خالاس. شۇڭا بىز كېيىنكى ئوبزورىمىزدا گاۋ بونىڭ كىملىكى، ئۇنىڭ يالغان تارىخ ۋە نەزەرىيە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىللىتى، ئەسىرى، مازىرى، شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ يېزىۋاتقان ساختا يازمىلىرىنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىلىرىمىزنى ئورتاقلاشماقچىمىز.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.