خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دۇنيا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا داغ چۈشۈرمەكتە
2023.10.13
بۇ يىل ئاپرېلدىكى ئۇچۇق بىر سەھەردە، بىر خىل شەكىلدە قىزىل رەڭلىك پىلاش كىيىۋالغان سەكسەندىن ئارتۇق ئەر-ئايال قەشقەر پويىز ئىستانسىنىڭ ئالدىدا قاتار تىزىلىپ ئۆچرەتتە تۇراتتى.
بۇ كىشىلەر خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇلار چامادانلىرىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغىنىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقان ئۇزىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈۋاتاتتى. پائالىيەت ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇرچە كىيىنگەن بىر ئايالنىڭ سەھنىدە پىرقىراۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بايراقلارنىڭ بىرىگە «كەڭ كۆلەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى» دەپ يېزىلغان ئىدى. سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئاخىرىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەر بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېتىشكە تەق بولۇپ تۇرۇۋاتقان قاتار پويىزلارنى كۆرسىتەتتى.
بۇ پائالىيەت خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاساسلىق سانائەت ساھەسىدە ئەمگەككە سالىدۇ. شىنجاڭدىكى لاگېرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىنسانشۇناس ئادرىئان زېنز: «بۇ كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئىستراتېگىيەسى، بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن» دەيدۇ.
بۇ پىروگرامما ماھىيەتتە تارىختىكى تىنچىماس بىر قوۋمنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن چوڭ پىروگراممىنىڭ بىر قىسمى. خىتايلار خىتاي دۆلىتىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ غەربىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق بولغان شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەتلەردۇر. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا قىرغىز، تاجىك، قازاق، خۇيزۇ ۋە موڭغۇللارمۇ بار.
ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى 90-يىللاردا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، 2008-ۋە 2014-يىللىرى ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەملىك تەقىب ۋە باستۇرۇشنى يولغا قويدى. بۇ تەدبىرلەر بويىچە مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنىي ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى دەپنە مۇراسىمىدا بىرەر ئايەتنى ئوقۇغانلىقى ياكى ئۇزۇن ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن ئايلارچە ۋە يىللارچە قاماققا ئېلىندى. ھۆكۈمەت يەنە ئۇيغۇرلارنى زور تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىپ، «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا سولىدى. بۇ لاگېرلاردا ئۇلار قىيناق، تاياق-توقماق ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشكە ئۇچرىدى. بۇ پىروگراممىلار يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىتلاردا بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى بۇ قىلمىشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى.
2000-يىللارنىڭ بېشىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» دەپ ئاتالغان پىروگراممىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆلكە سىرتىدا ئىشلەشكە يۆتكەشكە باشلىغان. رايوننىڭ پارتىيە سېكرېتارى بۇ پىروگراممىنى «تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش» ۋە «مىللەتلەر ئارا تەسىر كۆرسىتىش، چۈشىنىش ۋە يۇغۇرۇلۇش» نى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما خىتايدا نەشر قىلىنغان ئىلمىي ئەسەرلەر بۇنى دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى «ئېچىش يولى» دەپ تەسۋىرلىدى. بۇ پىروگرامما ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق سانائەت ساھەسىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل ئېھتىياجلارنىڭ بىرى تاجسىمان ۋىرۇسى (كوۋىد-19) سەۋەبىدىن ئىجرا قىلىنغان قامال كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى ئەمگەك كۈچى كەمچىللىكىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئەكس ئەتتى.
ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ %10 تىن كۆپرەكىنى (ئىككى يېرىم مىليون ئادەمنى) ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئارقىلىق باشقا جايلارغا كۆچۈرگەن. بۇنىڭ تەسىرى ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە بولغان: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، شىنجاڭدا تۇغۇلۇش نىسبىتى 50 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلىگەن. يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلار پاختا تىرىش ۋە كۆكتاش كولاش، توقۇمىچىلىق ۋە كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. (خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ پىروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى.)
2021-يىلى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇندا، «پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن» ھالدا شىنجاڭدىكى ئىشچىلارنىڭ ياكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن چەكلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ قانۇننىڭ راستتىنلا ئۈنۈمى بولدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى شىنجاڭ بىلەن ئالاقىدار بولغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، كىيىم-كېچەك، دورا قاتارلىق بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك قىممەتتىكى مالنى تۇتۇپ قالدى.
ئەمما، ھازىرغا قەدەر بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە چەتتە قېلىۋاتقان بىر تۈر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسى ئىدى.
ئامېرىكىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەخمىنەن سەكسەن پىرسەنتى ئىمپورت قىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە تەمىنلەيدىغىنى ھەر قانداق دۆلەتتىن كۆپ. ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە تەمىنلەنگەن بېلىق تاياقچىلىرىنىڭ يېرىمى خىتايدا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئەمما بېلىقچىلىق كېمىلىرى، پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن قولدىن-قولغا ئۆتىدىغان ھالقىلار دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرگىلى بولماس قىلىۋەتكەن. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ شىنجاڭدىن خەۋەر بېرىشى چەكلىنىدۇ؛ تەكشۈرگۈچى خادىملار يەنە خىتاينىڭ تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرىدۇ.
بۇ ئىشلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» ئۆتكەن تۆت يىلدا كەڭ كۆلەملىك بىر تەتقىقاتنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇ تەتقىقات دۇنيانى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىلەن تەمىنلەۋاتقان، ئەمما دۇنياغا ھېچقانچە بىلىنمىگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ ئۇچۇر بېرىدۇ. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتلارنىڭ ئورنىنى دەلىللەش ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار بۇ شىركەتلەرنىڭ نەچچە يۈز بەتلىك ئىچكى خەۋەرلىرى، يەرلىك خەۋەرلەر، سودا ئۇچۇرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرى، سۈنئىي ھەمراھ ۋە يانفون سۈرەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇلار تورلارغا يوللانغان مىڭلىغان قىسقا ۋىدىيولارنى كۆرۈپ چىقتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تىك-توكنىڭ خىتايچە نۇسخىسى بولغان دۇيىنغا چىقىرىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك بۇلارنى تورغا چىقارغۇچىلارنىڭ دەسلەپتە شىنجاڭدا تىزىملاتقانلىقى دەلىللەندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار مۇتەخەسسىسلەرگە سىندا ئىشلىتىلگەن تىللارنى تەكشۈرتتى؛ يەنە بىر قىسىم زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تەكشۈرگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلدى.
«قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» تەكشۈرۈپ چىققان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋەزىيەتنى نامايان قىلىدۇ. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادۋوكات سارا تايىك (Sarah Teich) مۇنداق دېدى: «دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسى ھەققىدىكى بۇ بايقاش، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىستېمالچىلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
بۇ خىلدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئادەتتە ئىشىكنى چېكىشتىن باشلىنىدۇ. يەرلىك پارتىيە ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقان «يېزا خىزمەت ئەترىتى» ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ «ئىدىيەۋى خىزمەت» نى ئىشقا سالىدۇ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى باشقا جايغا كۆچۈش پىروگراممىسىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن مىننەتدار بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇنىڭدىن مىننەتدار بولغاندەكمۇ قىلىدۇ. ئەمما قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق شىتابىنىڭ 2017-يىلىدىكى مەخپىي ئىچكى ھۆججەتلىرىدە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە قارشىلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق جازالاشقا بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان. 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەرلىك بىر ئايال ئىككى كىچىك بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن زاۋۇتتا ئىشلەشنى رەت قىلغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمگەك كۈچى بولۇپ يۆتكىلىشنى رەت قىلغان يەنە بىر ئايال «ھەمكارلاشمىغانلىقى» ئۈچۈن كامېرغا سولانغان.
خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلار توپلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، 2022 يىلى 2-ئايدا مىڭلىغان ئۇيغۇر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر جازا لاگېرىدا «خىزمەت بازىرى» ئۈچۈن رەتكە تىزىلدى. رايوننىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋال تەسۋىرلەنگەن سىنلاردا ئىنسانلارنىڭ تانابتەك سەپ تۈزۈپ، ھەربىيچە كىيىنگەن ئەمەلدارلارنىڭ نازارىتىدە توختامغا ئىمزا قويغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پويىز ياكى ئايروپىلان بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دۇنيادىكى «500 كۈچلۈك شىركەت» لەرنىڭ بىرى، توقۇمىچىلىق ۋە خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىنجاڭ جوڭتەي گۇرۇھى يېقىندا 100،000 ئىشچىنى خوتەن ۋىلايىتىگە يۆتكىگەن. (جوڭتەي گۇرۇھى بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.)
بەزىدە، بۇ خىلدىكى يۆتكەش ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە بولىدۇ. 2020-يىلى 3-ئايدا، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ماگناتلىرىنىڭ بىرى بولغان چىشەن گۇرۇھى ئىچكى قىسمىدا تارقىتىلىدىغان گېزىتلەرنىڭ بىرىدە ۋابا كەلتۈرۈپ چىقارغان «مەھسۇلاتقا بولغان غايەت زور بېسىم» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. شۇ يىلى ئۆكتەبىردە، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتىدىكى پارتىيە ئەمەلدارلىرى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولغان كادىرلار بۆلۈمى ۋە ئىجتىمائىي تەمىنات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، بۇ گۇرۇھقا لازىملىق ئەمگەك كۈچىنى قانداق تېپىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، چىشەن گۇرۇھى ئىشچىلارنى شىركەتكە يۆتكەشنى تېزلىتىشكە قوشۇلغان. چىشەن گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ شەنچياڭ شىركەت گېزىتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن: «شىركىتىمىز شىنجاڭدىن كېلىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ». (چىشەن گۇرۇھى بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.)
زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلار قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولغاچقا، ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چىقارغان سۈرەتلەر ۋە سىنلار ئۇلارنىڭ ھاياتىنى چۈشىنىدىغان بىردىنبىر ۋاسىتە بولۇپ قالغان. شىنجاڭ يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يىراق جاي بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر تۇنجى قېتىم شەندۇڭغا كەلگەندە، سۇنىڭ يېنىدا ئۆزچەكمە شەكلىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ.
بەزىلەر ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئاھاڭدىكى ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى يوللايتتى. بۇلار ئەلۋەتتە تۇيغۇداش مۇزىكىلاردىن پارچىلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما تەتقىقاتچىلار «ئۇلار بەلكىم خىتايدىكى تور سۈزگۈچلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىك كەچۈرمىشلەرنى يوللاشتا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.
بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ:
ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئەر 2022-يىلى 3-ئايدا شەندۇڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەشكە مېڭىش يولىدا ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ، «كېتەرمەنغۇ» دېگەن ناخشىنى بۇ كۆرۈنۈشلەرگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ناخشىنى بىلىدىغان ھەممىلا كىشىگە تونۇشلۇق بولغان «دۈشمەنلىك بولۇپ قالدۇق، سەن ئۆزۈڭنى ئاۋايلا» دېگەن مىسراسىغا كەلگەندە ناخشىنى چورت كېسىپ تاشلىغان.
بىر ئايال مەلۇم بىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ ماركىسى بېسىلغان لېچەكنى تاقاپ بىر سىن يوللايدۇ ۋە شۇلارنى دەيدۇ: «بىزنى ئاتا-ئانىمىز ۋە يۇرتىمىزدىن ئايرىغان، بىزنى ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قويغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى قۇل بولۇشقا قىزىقتۇرىدىغان نەرسە نېمە؟ ھەئە، پۇل!»
بىر رەسىمدە ئىشچىلارنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى قەغەز يېشىكلەرگە قاچىلاۋاتقان كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، بۇنىڭغا كىرىشتۈرۈلگەن ئاۋازدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق سىزدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان، سىزگە زۇلۇم قىلغان، سىزنى كەمسىتىدىغان ۋە سىزنى ھاقارەتلەيدىغان دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشتۇر.»
بەزى سىنلاردا، ئۇيغۇر ئىشچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بەختسىز ئىكەنلىكىنى ئانچە يوشۇرۇپ ئولتۇرمايلا ئىپادىلەيدۇ. يەنە بىر سىندا ئىككى ئۇيغۇر ئەرنىڭ بېلىقلارنى ئوراش-قاچىلاش سېپىدە ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن سورايدۇ:
«بىر ئايدا قانچىلىك مائاش ئالىسىز؟»
«ئۈچ مىڭ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ئۇ كىشى.
«ئۇنداقتا نېمىشقا خاپا بولىسىز؟»
«چۈنكى مېنىڭ باشقا تاللىشىم يوق.»
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىگە سىڭىپ كىرىش ناھايىتى قىيىن. مەجبۇرىي ئەمگەكنى بايقاش ئۈچۈن نۇرغۇن شىركەتلەر كۆپىنچە ھالدا زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى «ئىجتىمائىي تەپتىش» قىلىدىغان شەخسىي شىركەتلەرگە تايىنىدۇ.
ئەمما ئىجتىمائىي تەپتىشنىڭ زاۋۇتلارغا بارىدىغان ۋاقتى ئالدىن ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا خوجايىنلارنىڭ تەكشۈرۈش تامام بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنى يوشۇرۇپ قويۇشىغا شارائىت يارىتىلىدۇ. مۇپەتتىشلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىشچىلارنى ئۆزى زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بولسا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇلار زىيارەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئىشچىلار جازادىن ئەنسىرەپ، سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سانائەت مۇناسىۋەتلىرى پىروفېسسورى ساروش كۇرۇۋىللا (Sarosh Kuruvilla) 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىجتىمائىي تەپتىشنى تەھلىل قىلىپ، يېرىمىنىڭ دېگۈدەك ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ مېخانىزم پۈتۈنلەي كاردىن چىققان» دېگەن.
2022 -يىلى مايدا، ئالدىنقى قاتاردىكى تەپتىش شىركىتىنىڭ بىرى بولغان SGS نىڭ مۇپەتتىشلىرى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى خەيبو شىركىتىنى تەكشۈرۈپ، زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت تاپالمىغان. ئەمما «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» بۇ ئىشنى تەكشۈرگەندە، 2021-يىلى شىنجاڭدىن كەلگەن 170 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ قوشماق زاۋۇتلاردىن بولغان خەيبو ۋە زاۋۇتى خەيدۇدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇپەتتىشلەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈننىڭ ئۆزىدە، بىر ئۇيغۇر ئىشچى قىز ئۆزىنىڭ زاۋۇت ياتىقى ۋە يۈك قاچىلاش ئورنىغا يېقىن يەردە چۈشكەن سۈرەتلىرىنى تورغا چاپلىدى. (خەيبو زاۋۇتىنىڭ ۋەكىلى بۇ ھەقتە ئېلخەت بىلەن جاۋاب بېرىپ «شىركىتىمىز قانۇن-نىزام بويىچە ئىشلەيدىغان شىركەت» دېدى. خەيدۇ زاۋۇتىنىڭ ۋەكىللىرى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.)
بۇ يېگانە ھادىسە ئەمەس. تەكشۈرۈش جەريانىدا «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» دېڭىز مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ بىر نەچچە كۈن ئۆتە -ئۆتمەي شۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتتىكى رەسىملىرىنى تورلارغا يوللىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان خىتاي ئېكسپورت شىركەتلىرىنىڭ يېرىمى ئالدىنقى قاتاردىكى دۇنياۋى تەكشۈرۈش شىركەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىمۇ بايقالدى.
لاياقەتلىكى ئېتىراپ قىلىنغان بەزى شىركەتلەرمۇ بۇنىڭغا چېتىلىدۇ. مەسىلەن، «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» بۇ جەرياندا دېڭىز-ئوكيان باشقۇرۇش كومىتېتى (MSC) ئېتىراپ قىلغان شىركەتلەرنى تەكشۈرگەن ھەمدە شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇپ باھالانغانلىقىنى بايقىغان. (دېڭىز-ئوكيان باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى جو مىللېر (Jo Miller) تەشكىلاتنىڭ «كۆرۈنەرلىك چەكلىمىلىرى» بولغان ئىجتىمائىي تەپتىشكە تايىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.)
تەكشۈرۈش جەريانىدا،«قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» ئاز دېگەندىمۇ خىتايدىكى ئون چوڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ 2018-يىلدىن باشلاپ كەم دېگەندە مىڭ ئۇيغۇر ئىشچىسىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ شىركەتلەر 47 مىڭ توننىدىن ئارتۇق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىغا يوللىغان. ئامېرىكا ۋە كانادالىق ئىمپورت قىلغۇچىلار بۇ ئەسلىھەلەردىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئالىي لاينىر يېمەكلىكلەر»(High Liner Foods) شىركىتىمۇ بار. (ئالىي لاينىر يېمەكلىكلەر شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئۆزلىرى تىجارەت قىلغان شىركەتنىڭ 2022-يىلى 9-ئايدا ئۈچىنچى بىر تەپتىش شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكى ئېيتقان.)
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يۆتكەش ۋە توشۇش جەريانىدا بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا ھەر بىر تۈركۈم مالنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا زادى قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بېكىتىش بەكمۇ قىيىن. ئەمما ئامېرىكا شىركەتلىرى مال ئىمپورت قىلىدىغان ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ زاۋۇتلار مەھسۇلاتلىرىنى ۋولمارت (Walmart)، كوسكو (Costco)، كروگېر(Kroger) ۋە ئالبەرتسىن (Albertsons) قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاللا بازارلىرىغا ئەۋەتكەن. (ۋال-مارتنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز بارلىق مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىزنىڭ ئۆلچەملىرىمىز ۋە توختامدىكى مەجبۇرىيەتلەر، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ». ئالبەرتسىن (Albertsons) نىڭ باياناتچىسى ئالىي لاينىر يېمەكلىكلەر شىركىتىدىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى دېدى. كوسكو (Costco) ۋە كروگېر(Kroger) بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.)
ئىمپورت قىلغۇچىلار يەنە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يالغۇز ئامېرىكىدىلا تۆت يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئاشخانىغا خىزمەت قىلىدىغان يەر شارى يېمەكلىك مۇلازىمەت ماگناتى بولغان سىسكوغا (Sysco) ئەۋەتكەن. (سىسكونىڭ باياناتچىسى ئۆزلىرىنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى يەنتەي سەنكو (Yantai Sanko) شىركىتىنىڭ تەپتىشتىن ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ شىركەتنىڭ «دۆلەت ئىجرا قىلىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسى ئارقىلىق ئىشچى قوبۇل قىلغانلىقى» نى
ئىنكار قىلدى.)
ئۇنىڭدىن سىرت ئۆتكەن بەش يىلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاممىۋى مەكتەپ، ھەربىي بازا ۋە فېدېراتسىيە تۈرمىلىرىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىگە چېتىشلىق ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ 200 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك قىممەتتىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان. (دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئورگانلارنىڭ مۇمكىنقەدەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدىن سېتىۋېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمما كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ قارىشىچە كەچۈرۈم قىلىش ( ئورگانلارنى ھېچقانداق تەپتىش قىلماسلىق ۋە ئۇلارغا چەكسىز ئەركىنلىك بېرىش) دېگەنلىك، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدىن كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.)
ئامېرىكا شىنجاڭدىكى ئىشچىلارغا چېتىشلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان بىردىنبىر دۆلەت ئەمەس.«قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» يىگىرمە نەچچە دۆلەتنىڭ شىنجاڭ ئەمگەك كۈچىگە چېتىشلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدىكى بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن فېدېراتسىيە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى نازارەت قىلىش پىروگراممىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك. قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ قانۇن ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن بېلىقلار قانداق تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما سىياھ بېلىقى ۋە سالمون بېلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ئاچقۇچلۇق تۈر نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، شۇنىڭدەك بۇ پىروگرامما مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا دەپسەندىچىلىكلەرنى بايقاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئەمەس.
ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مەركىزىدە ئىشلەيدىغان جۇدى گيېرخارد (Judy Gearhard) بۇ قانۇننى كېڭەيتىپ، خىتايدىكى شىركەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىلىق خېرىدارلىرىنى خىتايدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەلىرىدىكى ئىشچىلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لورا مۇرفىغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى شىركەتلەرنى خىتايدا دۆلەت مەجبۇرلىغان ئەمگەك كۈچىنى بايقاش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك شەكىلدە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە چاقىردى. خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش (Anti-Slavery International) تەشكىلاتىدىن كىلوئى كىرەنىستىن (Chloe Cranston) مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا، شىركەتلەردىن شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ۋە باشقا شەكىلدىكى ئېكسىپىلاتاتسىيەلەرنى بايقىيالايدىغان ئاساسلىق تەكشۈرۈشلەرنى تەلەپ قىلىش جەھەتتە يەرشارى رىقابىتىدە ئارقىدا قالدى.»
جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پىروفېسسورى روبېرت ستېمبېرگ (Robert Stumberg) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر قانۇننىڭ «ئالاھىدە كۈچلۈك» ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان كۈن تاختا، ماشىنا زاپچاسلىرى، كومپيۇتېر ئۆزەكلىرى، پالما يېغى، شېكەر ۋە شوخلا قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا قانۇننى ئىجرا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ستۇمبېرگنىڭ پىكرىچە، ھازىر نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى ئېنىق. ئۇ: «دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بۇ قانۇن نىڭ كېيىنكى نىشانى بولۇشى كېرەك» دېدى.
بۇ دوكلاتنى ۋاشىنگتوندىكى (پايدا ئالمايدىغان) مۇخبىرلار تەشكىلاتى «قانۇنسىز ئوكيان تۈرى» (The Outlaw Ocean Project) تەييارلىغان بولۇپ، دوكلاتنى يېزىشقا ئىئان ئۇربىنا (Ian Urbina)، دانىيەل مۇرفى (Daniel Murphy)، جو گالۋىن (Joe Galvin)، مايا مارتىن (Maya Martin)، سۇزىن رايىن (Susan Ryan)، ئاستىن بروش (Austin Brush) ۋە جەيك كانلېي (Jake Conley) قاتناشتى.