ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى بۇ يىل 3-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر پۈتكۈل خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قىزىق نوقتىلىق خەۋەرگە ئايلانغانىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپى گەرچە 2018-يىلى خىتايغا سۇنۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ تەكلىپنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ يىل تۇيۇقسىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشىغا شەرتلىك يول قويۇشى، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى تېخىچە ئېلان قىلماي تۇرۇپ خىتايغا بېرىشنى بېكىتىشى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلار كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي بۇ زىيارەتنىڭ «خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بار دەپ گۇمان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بولىدىغان ئالاھىدە تەكشۈرۈش» ئەمەس، بەلكى پەقەتلا بىر زىيارەت بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئەھۋالدا، مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىدى. مەيلى نېمىلا بولسۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئالدىن تەييارلىق گۇرۇپپىسى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ 5-ئايدىكى ئۇيغۇر رايونىدا بولىدىغان زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە بېيجىڭغا بېرىپ بولدى.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارەتىنى «تەكشۈرۈش» دەپ ئاتاشنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى. دېمەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان سەپىرى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى روخسەت قىلغان جايلارنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقى ئېنىق. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ شەخسىي ئارزۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مىشېل باچېلېت خانىمنىڭمۇ خىتاينىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. يەنى، مىشېل باچېلېت خانىم بېرىشنى ۋە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان جايلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى زۆرۈر تېپىلسا خىتاينىڭ قائىدە-قانۇنلىرىنى دەستەك قىلىپ، رەت قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق زىيارەت پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېزگىنى ئاستىدا يۈز بېرىدىغانلىقى شەكسىز. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا مىشېل باچېلېت خانىم باشچىلىقىدىكى ب د ت زىيارەت گۇرۇپپىسى خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنىچلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدا نېمىلەرنى كۆرەلىشى مۇمكىن؟
ئەگەر ب د ت زىيارەت گۇرۇپپىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق نوقتىسى بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا بارالىسا، پەقەتلا تۆۋەندىكىدەك ساختا مەنزىرىلەرنى كۆرۈشى مۇمكىن. ئەمما بۇ مەنزىرىلەرنىڭ ئارقىغا يوشۇرۇنغان رېئاللىقنى كۆرەلىشى ۋە ھېس قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن:
جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ يىللاردىن بۇيانقى نامرات ۋە قالاق ھالىتى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن كېيىن، بۈگۈنكى گۈزەل، تەرەققىي قىلغان ھالىتى بىلەن سېلىشتۈرما قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلارغا قانچىلىك «كۆڭۈل بۆلۈپ» تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلىشى مۇمكىن. ئەمما شۇ نامراتلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقى، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى نامراتلاشتۇرۇش ۋە كونترول قىلىشتىكى مۇھىم ۋاستە ئىكەنلىكىدەك نېگىزلىك تەرەپلەر مىشېل باچېلېتقا ھەرگىزمۇ بىلدۈرۈلمەيدۇ.
ئۇلار چىرايلىق سېلىنغان ئۆيلەرنى ۋە شۇ جايلاردىكى «مىكرو كارىخانىلار» نى، توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «باي دېھقان» لارنى كۆرۈشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلىكى، يەر-زېمىنلىرىنىڭ قانداق تارتىۋېلىنغانلىقى، بۇ ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇلارنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مىكرو كارىخانانىلارنىڭ ئۇلارنىڭ شەخسى مۈلكى بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى كارىخانىلارنىڭ تارماقلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پەقەت شەكلى ئۆزگەرگەن قۇل ئىشچىلار ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ.
ئۇلار تۈرلۈك سانائەت رايونلىرى، سانائەت باغچىلىرى ئىچىگە ئورۇنلاشقان تۈرلۈك كارخانىلار، زاۋۇت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى، ئولتۇراق ئۆي، يەسلى، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن، قارىماققا تولىمۇ يېقىشلىق بىر مەنزىرىنى كۆرۈشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سانائەت رايونلىرىنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن كەلگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» مەبلىغى، سىياسىي كاپالىتى، يەرلىكنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى، تەييار زىمىن، باجسىز تىجارەت قىلىش، ئەرزان ئۆي ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش شەرتى بىلەن «گۈللىنىۋاتقان» كارىخانىلار ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.
ئۇلار خىتايچە سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى، خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان مەھەللە-رايونلارنى، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى، بالىلىرىدىن ئيرىۋېتىلىپ «ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاراقسىز ياشانغانلارنى كۆرۈشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇ مېھرىبانلىقى» دىن تەسىرلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مېشېل باچېلېت، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» گە ئايلىنىپ، باشقا شەھەر ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەرزان باھالىق ئىشلەمچى بولۇش قىسمىتىدە ئىكەنلىكىنى، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پەقەتلا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە روخسىتى بىلەنلا كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلەلمەيدۇ. بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە قويۇپ قويغان ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوخشاشلا ياشانغان، كۈتۈشكە ئېھتىياجلىق ئاتا-ئانىلىرى بارلىقىنى، ئىلگىرىكى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن مۇكەممەل ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئەسلا بىلەلمەيدۇ.
ئۇلار يەنە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەجبۇرلاش يوق، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمايدىغانلار ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇشىنى گۈلدەك قامدىيالايدۇ» دېگەن ياسالما كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ، خالاس. ئەمما ئۇلار ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىسىلا زاۋۇتقا كىرەلەيدىغان «ئېسىل ئىش» نىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىسى 10 يىل ئاۋۋالقى مەھەللە ھاياتى، كىشىلىك ئالاقىسى، ئۆزىگە خاس ئىگىلىكى، ياشاش ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغانلىقىنى بىلمەيدۇ. يەرلىرى تارتىۋېلىنغان دېھقانلارنىڭ يېزا-ئىگىلىك كوپېراتىپلىرىغا مەجبۇرىي كىرگۈزۈلۈپ، بۇ كوپېراتىپلار ئارقىلىق، خىتاي كارىخانىلىرىغا قۇل ئىشچىلىققا سېتىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. دېھقانلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش» نىڭ خىتاي كارىخانىلىرىدا، تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە، كەچلىك كۇرسلاردا، تېخنىكا مەكتەپلىرىدە، تۈزىتىش مەركىزىدە، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، تۈرمىدە، لاگىردا. . . دېگەندەك خىلمۇ شەكىلدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كەسپ ئۆگەنگەندىن كېيىن، زاۋۇت فابرىكىلاردا ياكى دېھقانچىلىقتا يېڭىچە ھاياتىنى باشلاپ، يۇقىرى كىرىم بىلەن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى چىرايلىق بايانلارنى ھەتتا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايدۇ.
مىشېل باچېلېت خانىم ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە مائاشلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەم ئۆزىنى ھەم يۇرتىدىكى ئائىلىسىنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلەرگە ھۆكۈمەت ۋاستىسى بىلەن توپ ۋە پارچە ئۇسۇلدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە پىلانلىق سېتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مائاشىغا ئۆزىنىڭ ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەخسۇس نازارەتچى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، بارغان جايلاردا ھەربىي تۈزۈمدە، قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
مىشېل باچېلېت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ياۋرو-ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ تىببىي داۋالاش ۋە تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىبابىتىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجراتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىنىڭ تولۇق ھەل قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش چىرايلىق لاپلارنى ئاڭلايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز، ئەيدىز، تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى، چوشقا زۇكۇمى قاتارلىق غەلىتە ۋە جان ئالغۇچى كېسەللىكلەر نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن يوقىرىلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋالاش ۋە داۋالىنىش مەسىلىسىدە ناھايىتى ياخشى كاپالەت سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئەمما تىببىي تەتقىقات ساھەسىدە خىتاينىڭ رايوندا قايسى خىلدىكى «تەتقىقات» لارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 21 ئايرودرومنىڭ ھەممىسىدە «ئىچكىي ئورگان يۆتكەش يېشىل كارىدورى» تەسىس قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئورگان تەقدىم قىلىش» ئۈچۈن يىللار ئاۋۋاللا مەخسۇس تەشۋىقات ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ، تىزىملاش، ئارخىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇر ئامبىرى تەسىس قىلىش باسقۇچلىرىنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىنى، ھەتتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ كۆز توقۇلما بانكىسى» قۇرۇلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەمما مىشېل باچېلېتقا بۇ كۆز بانكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسى بىلدۈرۈلمەيدۇ. بۇ كۆز بانكىسىغا باغلىنىشلىق بولغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىي ئورگانلارغا ئېرىشىش ئورگىنى» (OPO) ۋە بۇ ئورگاننىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى، ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە ھېچنىمە بىلدۈرۈلمەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن ساختا كۆرۈنۈشلەر بىلەن نىقابلىنىپ تاشلىنىدۇ. بۇ نىقاب ئاستىدىكى رەزىللىكلەر، زۇلۇملار ۋە قورقۇنۇچلۇق جىنايەتلەر تاشقىي دۇنياغا ئاڭلىتىلىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قالدۇرىلىدۇ.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.