بىر ئۇيغۇرنىڭ «مىڭ بىر كېچە» سى
2021.10.28
2019-يىلى مايدا نورۋېگىيەدىكى بىر نامايىشتا نامايىشچىلار كۆتۈرگەن تاختايلاردىن بىر سۈرەتنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمىدىم. ئۇ سۈرەت «گۈلخان» دېگەن تەخەللۇستا يازغان شېئىرلىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن شائىرە گۈلنىسا ئىمىننىڭ ئىدى. مەن ئۇنىڭ شىئېرلىرىنىڭ ئۇيغۇردا ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ مودا بولغانلىقىنى، خىتايچە ۋە ياپونچە نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلەتتىم. دەرھال مەزكۇر شائىرەگە ھۆرلۈك تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان كىشى بىلەن ئالاقىلەشتىم. راست ئىكەن، گۈلنىسا ئىمىن 2018-يىلى دېكابىر ئېيىدا تۇتقۇن قىلىنغانىكەن. بۇ تۇتقۇنلۇقنىڭ 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا 20 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن ئاقىۋەتلەنگەنلىكى ئىككىلىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. گۈلخاننىڭ «يەنە كىم بارەي، مەندەك باغرى قان، بېشىدا مىڭ ئوي، ئۆزى ناتىۋان» دېگەن مىسرالىرى ئېسىمگە كەلدى.
گۈلنىسا ئىمىن 2015-يىلى دېكابىرنىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئۈندىداردا «مىڭ بىر كېچە» نامىدا يۈرۈشلۈك شىئېرلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغانىدى. «سائەت ئالتەدە، تەلۋە ئاناردەك باشلانغان بىر كۈن» دېگەن قۇرلار بىلەن باشلانغان تۈركۈملۈك شېئىرلار 2018-يىلى مارتنىڭ 28-كۈنى «سەندىن ئايرىلىدىغان بولدۇم» دېگەن ماۋزۇلۇق شېئىر بىلەن ئاياغلىشىپتۇ. «مىڭ بىر كېچە» نامىدا باشلانغان شېئىرلار پەقەتلا 345-كېچىگە قەدەر يېزىلىپتۇ.
گۈلخان «مىڭ بىر كېچە» نى نېمە ئۈچۈن باشلىغان؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن شەرق رىۋايەتلىرىدىكى ھېكايە ئېيتىش ئارقىلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلىنى قوللانماقچى بولىدۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن شەھرىزات ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئۆلۈم بىلەن مىڭ بىر كېچە تىركىشىش يولىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىسىم قىلىپ تاللىدى؟ ئەجەبا ئۇ ئىجادىيەت ئارقىلىق كۈلپەتكە تاقابىل تۇرماقچىمىدى؟
شائىر خوتەنلىك ئىدى. گۇۋاھچىلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا خوتەندە 2014-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ قارا تىزىملىككە چۈشكەن ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك تۇتۇلۇشقا باشلىغان. نىشانلىق نوپۇستىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چاقىرتىپ كېلىنىپ ئاۋۋال قاماققا، ئاندىن 15 كۈنلۈكتىن ئۈچ ئايلىققىچە بولغان تەربىيەلەشكە يوللانغان. 2015-يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ لاگېرلار خوتەندە پۈتۈن كۈنلۈك، دەرسلىكى، ئوقۇتقۇچىسى بولغان بولغان رەسمىي ياتاقلىق شەكىلگە كىرگەن. ئۇندىن بۇرۇنقى لاگېرلار ئۇنداق رەسمىي بولمىغان. بەلكىم شائىرە ئۆزىنىڭ قاچان تۇتۇپ كېتىلىشى نائېنىق بولغان قورقۇنچلۇق تۈنلىرىنى قەلەمگە ئېلىش، ئۆزىگە ۋە خەلقىگە تەسەللى، تەۋسىيە ۋە مەلھەم بېرىش ئۈچۈن «مىڭ بىر كېچە» دېگەن سىمۋولدا ئىجادىيەت باشلىغان بولۇشى مۇمكىن.
گۈلنىسا «مىڭ بىر كېچە» سىدە ئوقۇرمەن ئۇيغۇرغا نېمىنى سۆزلەپ بەردى؟ ئۇ قورقۇنچلۇق ئۇيقۇسىز «كېچە» لەردە نېمىلەرنى يازدى؟ ئۇ قورقۇنچتا ئۇزىرىپ كېتىۋاتقان ۋاقىتنى ئىجات بىلەن قانداق قىسقارتتى؟ ئۇ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان تەشۋىشلەرنى شېئىر بىلەن قانداق يەڭدى؟ كوچا-كويلارنى چارلاۋاتقان زۇلۇمنىڭ تىلىنى ئوقۇرمەنگە قانداق ئۇقتۇردى؟
1. قورقۇنچ، ئېنىقسىزلىق ۋە سىقىلىشنىڭ سۈرىتى
شائىرنىڭ «مىڭ بىر كېچە» دېگەن تۈركۈملۈك شېئىرلىرىغا چۆكسەك قورشاپ كېلىۋاتقان بىر قورقۇنچنىڭ شەپىسىنى ھېس قىلىمىز. شائىر مەھرۇملۇق، مەۋھۇملۇق ۋە ئۆلۈمگە ئوخشايدىغان ئەمما بىراقلا ئۆلتۈرمەيدىغان ئېنىقسىز بىر رەھىمسىز، قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتنىڭ ھامان يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ياشايدۇ. ئۇنىڭچە قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت مەۋجۇت ئەمما ئۇنىڭ ۋاقتى نائېنىق. شائىر تۆۋەندىكى شىئېرىدا ئۆزىنىڭ بۇنداق سىقىلغان، تەشۋىشلىك خىياللىرىنى مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ.
يەنە يەنە ۋاقتى كەلمىدى
ئۇخلاش ۋاختىنى كېچىكتۈرەيلى
يېڭى خاتىرىلەرنىڭ يېزىلىشى
يېڭى ئەپسانىلەرنىڭ ئۇنىشى، بىخلىنىشى ئۈچۈن.
بىزگە قاراپ ئاتلىق چېپىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈمنى
قىزغىن ھالىتىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن
نۇرغۇن نۇرغۇن مەنىسىز ۋە مەنىلىك ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن
كۆزىمىزنى يۇمۇپ
ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ
ئادەتتىكى بىر ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن.
شائىر شېئىرلىرىدا يەنە قورقۇنچلۇق، ئېنىقسىز ۋە بۇرۇختۇرمىلىق موھىتتىن قۇتۇلۇشقا بولغان تەشنالىقىنى قەلەمگە ئالىدۇ. ئۇ بىر تىنىق ھۆرلۈككە، بىر نەپەس ئەركىنلىككە، بىر قەدەم بوشلۇققا بولغان تەقەززالىقىنى مۇنداق يازغان.
ئۇ بوشلۇق ئىزدەيدۇ ياشاۋېتىپ
ئۆزىدەك يېرىلمايدىغان تاش ئۈستىدە
تۆكۈلەلمەيدىغان قىرتاق ياش ئىچىدە
بىر دەقىق تىنىش ئۈچۈن
سەرەڭگىچىلىك بولسىمۇ يېنىش ئۈچۈن
ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالغان بەرداش ئىچىدە.
2. ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان قەدىمكى مەدەنىيەت ۋە مۇھىت
گۈلخان «مىڭ بىر كېچە» سىدە قورشاۋغا ئېلىنغان، قىسىلىۋاتقان، چۇل-چۇل قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان مەرسىيەلىك تۇيغۇلىرىنى قۇرلارغا تۆكىدۇ. ئۇ «پەسلەۋاتقان ئاسمان»، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان «قارا دەريا»، سۇنۇلۇۋاتقان «قارا ئەتىرگۈل» دېگەن مەجازلار ئارقىلىق يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان بىر ۋەيرانچىلىقنىڭ تەسۋىرىنى سىزىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمدا تىركەشكە، كۈرەشكەن ۋە ئاخىرىدا «ئەسىر» گە چۈشكەن ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن.
يىرگىنىپ تۇرۇپ
باغرىمغا بېسىپ تۇرۇپ
چاچلىرىدىن يۇلۇپ تۇرۇپ
كۆزلىرىگە چۆكۈپ تۇرۇپ
ياشاپ كېلىۋاتىمەن شۇ قورشاۋلار ئىچىدە.
قورشاۋنىڭ رەڭگى پەقەتلا ئىككى
ھايات ۋە مامات رەڭگىدە.
گۈلخان «مىڭ بىر كېچە» سىدە ۋەيران قىلىنىۋاتقان قەدىناس مەدەنىيىتىگە بولغان قىيالماسلىق تۇيغۇلىرىنى كلاسسىك مەجاز بولغان «يار» غا يۈكلەيدۇ. ئۇ يەنە بۇزۇلۇۋاتقان تەبىئىي ۋە مەدەنىيەت موھىتىغا بولغان قايغۇلىرىنىمۇ مىسرالارغا تىزىدۇ. ئۇ «جىگدە كېسىش» دېگەن شىئېرىدا خاراب قىلىنىۋاتقان تەبىئەت ھەققىدە مۇنداق يازغان.
قېنى قېنى ئۇ شاھ جىگدىلەر
تۆمۈر تەنلىك كۆمۈش ياپراقلىق
مېۋىسى ياقۇت، گۈلى خۇش ھىدلىق!
جىگدىلەر قەبرىستانلىقى
ياتاتتى ئاي نۇرىغا پۈركىنىپ
يىغا ئاۋازىغا قۇلاق سالغاچ
تۇرۇپ قالدىم تېنىم شۈركۈنۈپ.
جىگدىچى قۇشقاچ نەدە توي قىلىدۇ
قۇرت ـ-قوڭغۇزلار نەدە سايىدايدۇ
بۇلۇتلار نەدە ئارام ئالىدۇ
گۇگۇم نەدە ئۇخلايدۇ
مومامنىڭ تەۋەررۈك چۆچىكى
مەندىن ئاستا يىلىم سورايدۇ.
جىگدە كېسىش
قۇم ئەرۋاھلىرىنى چاقىرىش ئەسلى
نەزىر قىلىپ تەكلىماكانغا
توپا ياغدۇرۇۋاتقان يەتتە ئاسمانغا.
3. زۇلمەتلىك قىسمەت ۋە ئۈزۈلمەس ئۈمىد
گۈلخان «مىڭ بىر كېچە» سىدە يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق تۇتقۇننى ياندىن سۈرەتلىگەندىن باشقا يۈز بېرىش ئالدىدىكى دەھشەتنىڭ پۇرىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. شائىرەنىڭ شېئىرلىرىغا قارايدىغان بولساق پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىگە تىزىملىك چۈشۈرۈپ ئادەم تۇتۇشنىڭ 2016-يىلى فېۋرالدا باشلىنىپ بولغانلىقى بىلىنىدۇ. شائىرە ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇش ئېھتىماللىقى، تۇتۇلغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار، چۈشۈرۈلگەن تىزىملىكلەر ھەققىدە مۇنداق يازغان.
بەلكىم مەن تۈرمە تاملىرى ئىچىدە
يەنە تىزىملانغان ئىسمىمنىڭ چاقىرىلىشىنى كۈتەرمەن
بەلكىم ـ بەلكىم يەنە نۇرغۇن ئىشلار
تۇيۇقسىز ياكى ناھايىتى ئاستا يۈز بېرىپ قالار.
ئاشۇ چاغلاردىن كىيىن
تىزىملانمىغان بىر ئىش توغرىسىدىكى
قوزغىلىپ تۇرغان كۆڭۈل ئاغرىقىمنى يوشۇرۇپ، ئۇنتۇپ
ساقلارمەن ئەڭ ئاخىرقى تىزىملىكتىكى ئىسمىمنىڭ نۆۋىتىنى.
2016. 2. 7 چىرا
گۈلخان «مىڭ بىر كېچە» سىدە ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇشىنى ئىزچىل پەرەز قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بىر كۈنلەردە دۇچ كېلىدىغان قورقۇنچلۇق تەقدىر، زۇلمەتلىك قىسمەت ھەققىدە تەسەۋۋۇرلىرىنى يازىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھامان تۇتۇلىدىغانلىقى، كىشەنلىنىپ ئاياللار تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. ئاياللار تۈرمىسىدىكى ھايات، ھېسسىيات ۋە تەشۋىشلەر ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ.
ئاياللار تۈرمسى
كۈلۈمسىرەيدۇ قار ئىچىدىن
ئاياللار تۈرمىسى
يۈگۈرۈپ چىقار تاڭ ئىچىدىن.
يېرىلىپ قاناپ كەتكەن كىرلەش قوللار
جىجىلايدۇ ئاپئاق قار ئۈستىگە
ئاياللار تۈرمىسىنىڭ خەرىتىسىنى.
كۆزىدىكى ياشنى تۆككۈسى كەلمەيدۇ
كۆتۈرمەكچى بولىدۇ بېشىنى
قارىماقچى بولىدۇ قۇياشسىز ئاسمانغا.
سېغىنىشلىرىنى، ئەنسىرەشلىرىنى
قورقۇپ جۆيلۈشلىرىنى، كېچىدە ئويغىنىشلىرىنى
دەپ بەرمەكچى بولىدۇ ئاشۇ تەرەپتىكى بىر ئىنسانغا.
گۈلخان «مىڭ بىر كېچە» سىدە ئۆزى دۇچ كەلگەن ۋە دۇچار بولۇشى مۇمكىن بولغان قىسمەتنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان شورلۇق قىسمەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇن مەجازلار بىلەن ئىزچىل ئىپادە قىلىپ كەلگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھاپاش بولغان شۇم قىسمەت، كاج زۇلمەت ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ.
بىز ئۇ يەردىن كەلدۇق
يوشۇرۇن ھەسرەتلىرىمىز شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدىغان
كۆڭلىمىزنىڭ پارچىلىرىنى قۇشلار تېرىپ يەيدىغان
سۆزلەر دېيىلمەسلىككە مەھكۇم
گۈللەر ئېچىلماسلىققا مەھكۇم
قۇشلار سۆزلىمەسلىككە مەھكۇم بولغان يەردىن.
يول بويىغا قويۇلغان سەدىقىلەر ئاچ پېتى قالدى
شاخلار داۋاملىق قۇرۇماقتا
تاش بوران داۋاملاشماقتا
نۇرغۇن ئىشىكلەر ئۆزىنى دالدىغا ئالماقتا
ئاي يۈزىدىكى داغ چوڭايماقتا
تاشلار تاش پېتى قاتتىقلىقىدا
ياشلار ياش پېتى تۇزلۇقلىقىدا
بىز ئۆلۈك تەنلەردە ياشاپ كەلدۇق
بىز قۇرۇق روھلاردا ياشاپ كەلدۇق
ئاندىن ئۆزىمىزنى كېپەنلىدۇق قارىيىپ كەتكەن ئارمانلاردا.
بارماقلار ئېسەدىگەن پېتى چىرىمەكتە
كۈندۈزلەر ئۆزىنى ئاستى
قۇملار كۆچۈپ تاغلار يىغلىدى
دەريالار ئۆزىنى ئاتىدى نەزىرگە
ئاندىن ھەممە بىزگە قاراشتى
بىز ئاشۇ يەردىن كەلدۇق.
قاقاسلىق ئاسمىنى بار
سۆيگۈ تېرىسا ئۈنمەيدىغان
كۆڭۈل ئەسلا كۆنمەيدىغان
شۇنچىلىك كەڭرى
لېكىن بىزلەرگە تار.
2016. 2. 14. ئۈرۈمچى
گۈلخاننىڭ «مىڭ بىر كېچە» سىدە يازغىنى قورقۇنچنىڭ تەسۋىرى، خارابلىقنىڭ سۈرىتى ۋە زۇلمەتلىك قىسمەتنىڭ بايانىلا ئەمەس. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن يەنە ئۈزۈلمەس بىر ئۈمىدنىڭ كۈيىمۇ داۋاملىق ياڭراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا «نۇر»، «يېشىل كېچە»، «چوغ»، «تاڭ» دېگەن سۆزلەر كۆپ تەكرارلىنىدىغان بولۇپ كىشىگە بىر جاسارەتنىڭ، بەرداشلىقنىڭ، چىدامنىڭ ھاياجىنىنى بەخش ئېتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «سەن بار تاڭلار يەنە ئاتىدۇ» دېگەن شېئىرىدا ئۈمىدلىك تۇيغۇلىرى ئوقچۇپ تۇرىدۇ.
سەن بار تاڭلار يەنە ئاتىدۇ
سەن بار تاڭلار يەنە ئاتىدۇ،
قۇچىقىمنى ساڭا تولدۇرۇپ.
قىيالماستىن كەتكەن ھىلالنىڭ
كىرپىكىگە شەبنەم قوندۇرۇپ.
سوزۇلىدۇ يوللار ئازادە،
بۇسۇغاڭنىڭ تۈۋىگە قەدەر.
ئەكېلىدۇ سېغىنىشىڭنى،
دېرىزەڭدە ئۈنلىگەن كەپتەر.
شاخلاردىكى غۇچچىدە پىراق،
خىيالىمغا تامىدۇ تىم ـ تىم.
ئاي نۇرىدەك سۈزۈك ھىجرانىڭ،
ئىشىكىمدىن ئۆتتى مىڭ قېتىم.
يېيىپ قات ـ قات بەرگىلىرىنى،
قىزىل گۈلدەك چۈشلەر ياتىدۇ.
لەۋ ياققانچە چوغدەك لېۋىمگە،
سەن بار تاڭلار يەنە ئاتىدۇ.
گۈلخان رەسمىي تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن قىسقا ۋاقىتلىق نازارەت، تۇتقۇنلۇق ۋە سوراقلىق مۇدھىش كېچىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنمۇ؟ ھەقتە بىزنىڭ يېتەرلىك مەلۇماتىمىز يوق. ئەمما ئەرەب شەھرىزاتنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان تۈندىكى ئىجادىيەت ئۇيغۇر گۈلنىساغا كەلگەندە كارغا كەلمىدى. كۈن پاتىدىغان غەربتىن مىڭ يىل بۇرۇن شەھرىزاتنىڭ ئەقىلنى لال قىلىدىغان ئىجادىيىتى سەۋەبلىك ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن مەدەنىيەتلىك ھۆكۈمدارلار چىققانىكەن، ئەمما كۈن چىقىدىغان، زۇلۇم گۆردەك قارايغان شەرقتىن گۈلنىسانىڭ ھاياتنى، ھۆرلۈكنى، سۆيگۈنى كۈيلىگەن نادىر ئىجادىيەتلىرى ۋەجىدىن ئۇنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىدىغان، ئۇنىڭ مەشرەپتەك تىلىنى ئىجادىيەتكە قويۇپ بېرىدىغان بىر مەرد ھۆكۈمران تۇغۇلمىدى. خىتاي كومپارتىيەسى چاڭگاللىغان شەرقتىكى مۇستەبىت خىتايدا پىكىرنىڭ، سۆزنىڭ، ئىجادىيەتنىڭ قۇدرىتى تارىختىكى ئەڭ زەيىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
شائىرە گۈلنىسا ئىمىن گۈلخان 1976 ـ يىلى 11-ئايدا چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1997 ـ يىلى خوتەن رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كاتىباتلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، چىرا ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن. 2018-يىلى دېكابىردا تۇتقۇن قىلىنغان. 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق ئۇچۇرى تارقالغان.
گۈلنىسا ئىمىن 1990 ـ يىلى تۇنجى شىئېرىنى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى گېزىتىدە «ئېھ سەھرانىڭ توپىلىق يولى» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ گۈلخاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2014-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ قىزغىن ئالقىشلانغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرى ياش ئاۋانگارت شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت سەيناسى بولغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مودا بولۇشقا باشلىغان. 2016-يىلى ئۇنىڭ ئالقىشلىق شېئىرلىرى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «قىزىل ئاي شېئىرىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. شۇ يىلى ئۇنىڭ خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرى «كۆيۈۋاتقان بۇغداي» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، ھەمدە ياپونچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان. گۈلنىسا ئىمىن تۇتقۇن بولۇشتىن بۇرۇن خوتەن ۋىلايىتى ۋە چىرا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.