قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسىنىڭ سۆزى پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
2017.04.06
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەمتىمىن بەكرى ئالدىنقى كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە پاسسىپلىق قىلدى، دەپ تەنقىد قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەمتىمىن بەكرى قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، «ماڭا ناھايىتى ئېنىقكى، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا، بىز ئۇيغۇر كادىرلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پۈتۈن ئىجتىھاتىمىز بىلەن ئىشتىراك قىلمىدۇق» دېگەن.
بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق»، «ئەسەبىيلىك» كە قارشى سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كونترول قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ باشقا ئۇيغۇر كادىرلارنى ئاشكارا «ساداقەتسىزلىك» بىلەن ئەيىبلىشىدۇر. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ، ھېچقانداق مىللەتنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.
مەمتىمىن بەكرى يەنە، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «شەكىلۋازلىق» قىلىش بىلەن تەنقىدلەپ، «بىز مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يۈزەكى ئىجرا قىلىۋاتىمىز. بۇ، بىزنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن مەركەز ۋە يەرلىك پارتكومنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك پەرق پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ سۆزى چارشەنبە كۈنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىپ، دىققەت قوزغىغان ئىدى.
ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىدا قانداق ئىنكاس قوزغىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. پەيشەنبە كۈنى قەشقەر ج خ سىستېمىسىدىكى بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىم، مەمتىمىن بەكرىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن «بىز ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ، ھۆددىسىدىن چىقىۋاتىمىز» دېدى.
لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئەمدى قوپۇپ، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى نىشانغا ئېلىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇپ كەلگەن باشقا دىن، باشقا ئىرقلارنى يەكلەشتەك سىياسىي لوگىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىكەن.
ئامېرىكا پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور چېن كۇيدې ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ لوگىكىلىق نەتىجىسى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەسلىككە باشلاپ، پەرقلىق دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى، دەپ قارىسا، بۇنىڭ لوگىكىلىق ئاقىۋىتى كومپارتىيە ئىچىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنى، ئۇ ئىسلام دىنىغا ئىشەنسۇن-ئىشەنمىسۇن ھەممىنى يوقىتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ لوگىكىلىق ئاقىۋىتى چوقۇن شۇنداق بولىدۇ. ئۇنىڭ مەنتىقىسى چوقۇم شۇنداق بولىدۇ. ئۇ ئېتىقادلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشنى قوزغايدىغان، مەلۇم ئىرق، مىللەت ۋە دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش سىياسىتى.»
مەمتىمىن بەكرىنىڭ سۆزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلىق مەسىلە، مەمتىمىن بەكرىنىڭ سۆزىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىدا پەيدا قىلىدىغان روھى بېسىمى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ كۆرسىتىشىچە، مەمتىمىن بەكرىنىڭ سۆزى ئەسلىدىلا ئېغىر بېسىم ئاستىدىكى ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئۆز ساداقىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ئېغىر خىلاپلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى مەۋجۇت.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇنداقچە دېگەندە، ھېچقانداق شەخسى تۇرمۇش مەخپىيەتلىكى قالمىدى، شەخىسلىك قالمىدى. ئەمدى سەن يەنە ساداقەتلىك بىلدۈرمىدىڭ، يىتەرسىز، دېگەن گەپ، سېنىڭ روھىي دۇنيارىڭغىمۇ كىرىمەن، دېگەن گەپ. ئەمدى ھېچكىم ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مەجنۇن چېغىدا لەيلىگە يۈرىكىنى يېرىپ بېرەلمىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم ناھايىتى زور روھىي بېسىم بىلەن پارتلايدۇ. بۇلارنىڭ خىزمىتىدە كەلگۈسىدە بەلكى پۇتلىكاشاڭ تېخىمۇ جىق بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق روھىي بېسىم ئاستىدا، كادىرلار بەلكىم تېخىمۇ رادىكال، قالايمىقان تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن. ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش ئېھتىمالى ناھايىتى چوڭ.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇپ كەلگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، كونترول قىلغىنى بولمايدىغان نۇقتىغا بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن: «بۇ، ھازىر كونترولدىن چىقىپ كەتتى. چۈنكى، خىتاي مۇشۇ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىققاندىن تارتىپ، ئۇ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يانچۇقىنى تولدۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇلار ئۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇلار بۇنىڭ توختاپ قېلىشىنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۈندە ئىچىدىغان ھارىقى بولسا، 20 سائەت ئىشلىسىمۇ، ئىككى رومكا ھاراقنى ئىچىۋېلىپ، 5مىنۇت ۋار-ۋۇر ۋاقىرىۋالسا، شۇ يېتەرلىك. قالغىنىغا كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ، توغرىمۇ-خاتامۇ ئالدىغا قاراپ، ئۆزىنى- ئۆزى كونترول قىلالمايدىغان ئەھۋالدا مېڭىۋاتىدۇ» دېدى.
چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل «قۇتراتقۇلۇق» سىياسىتى ئاخىرى بېرىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ داۋاملىق بىرگە ياشاش مۇمكىنچىلىكىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدىكەن.
چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، شىنجاڭنىڭ بۇ مەنتىقىسى تارىختىكى ياتلار، غەيرىي دىندىكىلەر، دېگەن مەنتەقە بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش. بۇ تەرەققىي قىلسا ئاخىرى بېرىپ، شۇ ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى ئاخىرى شىنجاڭ خەنزۇ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھاكىمىيەتكە نەپرەت بىلەن قارايدىغان، بۆلۈنۈشنى ئويلايدىغان مۇخالىپ ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەممىمىزگە مەلۇم، بۇ مۇستەقىللىققا ياكى باشقا يەرگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، باشقا مىللەتلەرنى يارغا قىستاش، ئۇ ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»
مەمتىمىن بەكرى ماقالىسىدە يەنە، نىشانىنى 80- ۋە 90-يىللاردا تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتىپ، «بىز نۆۋەتتىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ، رادىكال دىنىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى كۈچلۈك، بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ سانى كۆپ، كۆلىمى زور، زەھەرلىنىش دەرىجىسى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خۇسۇسەن 80- ۋە 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ زەھەرلىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇش يېتىشىمىز كېرەك» دېگەن.